iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus نىڭ پۈتۈن يەر شارىغا كېڭىيىش قەدىمى توختاپ قالغىنى يوق، گەرچە ئالما شىركىتى تېخى يېڭى بىر تۈركۈم iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus نىڭ تارقىتىلىدىغان دۆلەت ۋە تارقىتىلىش ۋاقتىنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق ئاز بولمىغان تېلېگىراف مۇلازىمەت شىركەتلىرى ياكى پارچە سېتىش دۇكانلىرى بۇ خەۋەرنى ئاشكارىلىغان. ئىگەللىنىشىچە، ئاز بولغاندىمۇ سەككىز دۆلەت ۋە رايون 11-ئاينىڭ 14-كۈنى يەنە بىر قېتىملىق iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus نىڭ تارقىتىلىشىنى كۈتۈۋالىدىكەن، بۇ دۆلەت ۋە رايونلار بىرازىلىيە، فىلىپپىن، كولومبىيە، كوستارىكا، چىلى، گۋاتېمالا، لىۋان، كېنىيە ۋە نېگىرىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus دەسلەپتە 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، كانادا، شىياڭگاڭ، سىنگاپور، ئاۋىسترالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق 9 دۆلەت ۋە رايوندا بازارغا سېلىنغان. ئىككىنچى قېتىملىق بازارغا سېلىنغان ۋاقتى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى بولۇپ، 20 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا بازارغا سېلىنغان. جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ئۈچىنچى قېتىملىق بازارغا سېلىنغان دۆلەتلەر قاتارىدا بولۇپ، 10-ئاينىڭ 17-كۈنى بازارغا سېلىنغان. يالغۇز 10-ئاي ئىچىدىلا iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus نىڭ بازارغا سېلىنغان دۆلەت ۋە رايونلىرى 36 گە يەتكەن.
بەلكىم ئالما شىركىتى رەسمىي ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ قېتىم بازارغا سېلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى كۆپىيىشى مۇمكىن. ئالما شىركىتى ئىلگىرى بۇ يىل يىل ئاخىرىغىچە iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus نىڭ 115 دۆلەت ۋە رايوندا بازارغا سېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنى ئالما شىركىتى iPhone نىڭ ”تارىختىكى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تارقىلىشى “دەپ سۈپەتلىگەن. بۇ ئىككى خىل يېڭى نۇسخىدىكى ئايفون بازارغا سېلىنغان تۇنجى ھەپتىسىلا 10 مىليون دانە سېتىلىپ، ئالما شىركىتى تارىخىدا يەنە بىر رىكورت ياراتقان.