تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئابدۇقادىر جالالىدىن قانداق ئادەم

  ئابدۇقادىر جالالىدىن بىز ئۈچۈن نۇرغۇن نەرسىلەردىن دېرەك بېرىدىغان پىكىر ئىگسى. ياشاۋاتقان مۇھىتى، ئۆسۈپ چوڭ بولغان شارائىتى قاتارلىق نۇقتىلارنى ھېسابقا ئالغاندا، ناھايىتى قالتس بىر ئادەم. پۈچەكلىك قورشاۋىدا، يۇقىرى ھارارەتلىك بىر مۇھىتتا  تۇرۇپ شۇنچىلىك پىكىر قىلماق، شۇنچىلىك ياشىماق ئاسان ئەمەس؛ خاسلىقىنى، ئەقىدىسىنى  شۇنچىلىك ساقىلىماق ئاسان  ئەمەس. ئۇ بىز ئۈچۈن ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن قالدۇرۇپ كەتكەن بوشلۇقنى تولدۇرغان بىر ياخشى زىيالى. زىيالىلارنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆگىنىدىغان يېرى جىق. بەزىلەرنىڭ كۆزى سۆزلەيدۇ.ئەمما، ئابدۇقادىر مۇئەللىمنىڭ ئاۋازىدىكى مۇڭ سۆزلەيدۇ.

ئابدۇقادىر  جالالىدىن بىز ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

بىرىنچى، غابدۇللا توقاي تاتارلار ئۈچۈن، خۇرشىد دەۋران ئۆزبەكلەر ئۈچۈن،ئىمران سالىھى پارسلار ئۈچۈن،مەھمۇت دەرۋىش پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن، ئادنان ئوكنان تۈرك قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بەرسە، ھازىر ئابدۇقادىر جالالىدىن بىز ئۈچۈنمۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئىككىنچى، گەندىنىڭ شۇنداق بىر قالتىس گېپى بار: «ئۆز خەلقىم ماڭا تاش ئاتقان تەقدىردىمۇ سۆيۈملۈكتۇر.» داغستان مەشھۇر شائىرى رەسول ھەمزوتوف مۇنداق دەيدۇ: «مىللىتىم دەيسەن، ئاخىرى مىللىتىڭ ئاتقان ئوقتا ئۆلىسەن.» ئابدۇقادىر داموللا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ل. مۇتەللىپ ۋە تەۋپىقلەرنىڭ ئۆلىمىدە رەسول ھەمزەتوف دەۋاتقان ھېكمەت ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. مەھكۇملۇق ئاسارىتى چىرمىغان قەۋمنىڭ جىگەرلىك زىيالىيسى خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئىرادە قىلغان كۈنىدىن باشلاپ بەختسىزدۇر، ھەسرىتى مەڭگۈلۈكتۇر. چۈنكى، ئاسارەتلەر قالدۇرۇپ كەتكەن جاراھەتلەرگە، زىندان كاللىلارغا قارشى كۈرەش قىلىش ئاۋۋال شۇ توپتىكى نادان مۇخلىسلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا، يەكلىشىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنداقتا، بۇنداق زىيالىي يولىدىن قايتىشى، جاھانسازلىق يولىغا كىرىۋېلىشى كېرەكمۇ؟ ياق. ئەگەر ئۇنداق قىلسا ئۇ تەلتۆكۈس مەغلۇپ بولىدۇ. مېنىڭ مەيدانىم شۇكى، گەرچە بىلگەنسىرى ئادەمنىڭ ھەسرىتى ئاشسىمۇ، دۇنيانىڭ راھىتىنى ئويلانمىغۇچىلار سۈرسىمۇ، زىيالى ئۆز ئەقىدىسىدىن يانماسلىقى كېرەك. نۇرغۇن پىكىرچى مۇتەپەككۇرلار بەختسىزلىك ۋە ھەسرەت ئىچىدە ياشىغان بولسىمۇ، ئۇلار ئىنسانىيەت ئەقىل- پاراسىتىنىڭ سىمۋولىدۇر. شۇنڭغا ئوخشاش چامىسى يېتىدىغان دائىرىدە، چەكلىك ئىمكانىيەت ئىچىدە  بۇنچە قاتتىق پىكىر قلىۋاتقان ئا.جالادىندەك ئادەم بىز ئۈچۈن بىباھادۇر.

ئۈچىنچى، بىر شائىر، بىر تەتقىقاتچى، بىر مۇتەپەككۇر، بىر ناتىق، بىر يازغۇچى، بىر ئىجتىمائىي تەنقىدچى، بىر قەھرىمان…. ئا. جالالىدىن مانا شۇنداق يەتتە ئادەمدە بولىدىغان كۆپ قىرلىق ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگەن بىر تالانت ئىگىسىدۇر. دېمەكچى، يۇقىرىقىلارىنىڭ بىرى بولۇپ ئۆتۈپ كەتمەك بەكمۇ ئاسان، ئەمما ھەممە ۋەزىپىنى ئارتقۇزۇپ ياشىماق بەك تەس. ئەپسۇس، بىزدە بۇنداق ئادەم بەكمۇ ئاز. ياخشى شائىرلىمىز بار، ئەمما بوينىنى ئىچىگە تىقىپ، ئېستېتكىىلىق ياتلىشىش ئىچىگە غەرق بولۇپ ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئۇنتۇغان. شۇنداق تەتقققاتچىلار بار، نوپۇزغا، مادىيلىققا باش ئەگكەن. شۇنداق ئىجتىمائىي تەنقىدچىلەر بار، ئۆزى تەنقىدلىگەن نەرسىگە ئەمەل قىلمايدىغان. ئەمدى، ئا. جالالىدىنىچۇ؟ ئۇ مەن بايا دېگەنلەرنىڭ ھەممسى. شۇڭا ئۇ بىزنىڭ بايلىقىمىز. بىزدە زوردۇنشۇناس، ئا. جالالىدىنشۇناشلار بولۇشى كېرەك.

تۆتىنچى، بەزى مۇنبەرلەردە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا بۇرۇن تەسىرىگە ئۇچرىغانلار ئا. جالالىدىنغا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا خرىس قىلىدىغان، ھازىرقى زامان مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرلار قاتارىغا ئا. جالالىدننى تىزمايدىغان بىر يۈزلىنىش بار.  رېئاللىقتىن ئايرىلىپ قالغان، كۇسۇك ئىتتەك قۇيرۇقىنى قىسىپ، بەخۇدەك ياشاۋاتقان ئاز ساندىكى بىر قىسىم مەسئۇلىيەتسىز شائىرلارنىڭ ئا. جالالىدىنغا دىماغ قېقىشىغا تېخى ھايىلى بار. بۇنداقلارغا  شەيتىنى ئۆزىنى چوڭ كۆرسىتىۋاتىدۇ.  شۇنداق نۇقتا ئېسىمىزدە تۇرۇشى كېرەككى، يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتىنى باشلاپ بەرگەنلەر ئىچىدە ئا . جالالىدىنلا شۇ ۋاقىتتىكى ئوتتىن يانمىغان، تۇرمۇشنىڭ مۇشەققىتىگە خاسلىقىنى يەم قىلىپ بەرمىگەن ھەم ئىجـىمائىي بۇرچىنى قەتئىي ئۇنتۇمىغان بىردىنىبر ئەدىبتۇر. مەسىلەن، غالب راخمان، ئەركىن ئىبراھىملارمۇ ئاشۇ يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىرى ئىدى.ئەمما، ئۇلارنىڭ بىرى بازارنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن بۇرۇنقى تالانتىنى يەپ بولدى. يەنە بىرى نېمە بولدىكىن، جىمىپ كەتتى (دېمەك مەغلۇپ بولدى). يەنە بەزىلەر قالتس تالانت ئىگسى بولسىمۇ خەلقنى تەرك ئېتىپ، بۇرچىنى ئۇنتۇپ ياشىدى. بۇنداق ياشىماق، سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت دەپ ياشىماق ئاسان ئىدى. لېكىن، ئا. جالالىدىندەك ياشىماق تەس ئىدى. شۇڭا ئېيتىمەنكى، بىزنىڭ ئا. جالالدىننىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆگىنىدىغان يېرىمىز بەك جىق. بىرەر شېئرىمىز، بىرەر تېمىمىز ياكى ئىنكاسىمىز  بەك ياراپ كېتىپ شەيتان ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزگە چوڭ كۆرسەتكەندە، سەل ھاياجىنىمىزنى بېسىۋالايلى. بەزى ئەقدىسىز، ھەقنى تونۇمىغان شائىرلارنڭ يۈز ياخشى شېئرىنى ئا. جالالدىننىڭ بىر قېتىملىق نۇتقىغا تەڭ قىلمايمەن. مەن شېئىرغا بولغان ھۆرمىتى ئىنتايىن چوڭقۇر ھەم شېئىرىنىڭ چەكلىمىكىنى ھېس قىلىپ بۇ يولدىن چېكىنگەن بىرسى. شۇڭا، يەنە دەيمەن، بىرەر شائىرنىڭ، مەلۇم بىر تەتقىقاتچىنىڭ، مەلۇم بىر تەنقىدچىنىڭ ۋە توردا كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان بىرەر تورداشنىڭ ئا. جالالىدنىغا دىماغ قاقىدىغانغا تېخى ۋاقتى بار. ئىجتىمائىي بۇرچ- شېئىر يېزىشتىنمۇ، تەتقىقات بەنتچىلكىدىنمۇ مۇھىم. شۇڭا، بىز ئۈچۈن ئا . جالالىدىن ھەر ۋاقت سۆيۈملۈكتۇر. ئەمما، ئەپسۇسلىندىغىنىم. ئا. جالالدىن بۇنىڭدىن تېخىمۇ ئۇزاققا ئۇزىيالايتتى.

ئابدۇقادىر مۇئەللىمگە 20- ئەسىردە ئۆتكەن بىر ئۇيغۇر دانانىڭ مۇنۇ سۆزىنى سۇنىمەن: بۇنداق مىللەتنىڭ ئىللەت- نۇقسانلىرى كۆپ بولىدۇ. لېكىن بۇ ئىللەت- نۇقسانلار بۇ مىللەتنى سۆيۈشىمىزگە توسالغۇ بولالمايدۇ.

مەنبە:بايقاش تورى(مەنزىل)...ھېھېھې(مەنزىلقارى سىلىنىڭ ئۇ يەرگە يوللىغان تىمىلىرى ئەمەستۇ ھە،تاسادىبي پۇرسەتتە كىرىپ بايقاپ قالدىم ،ئۇلانمىدىن كىرىپ

ئەسلى مەنبەسى: بايقاش تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز