تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
خوتەندىن زۇلپىقار كەتتى


خوتەندىن زۇلپىقار كەتتى


__ شائىر، يازغۇچى، ئەدەبىي ئوبزورچى، ئەدەبى تەرجىمان، ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتچىسى، جامائەت ئەربابى، مۇھەممەت چاۋار ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا ئاتايمەن.




ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك




      يۈرەكنى يىغلىتىپ قان-قان خوتەندىن زۇلپىقار كەتتى، 

     «چولاق قۇش»*(1)نى قىلىپ نىمجان جىمى تەندىن مادار كەتتى. 


ئىزى تامغان قاقاس يەردىن ئۈنەتتى ھۈپپىدە گۈللەر،

قىزىل گۈلگە بېرىپ مىڭ جان بېغىمدىن جىلۋىدار كەتتى. 


چۆكۈپ دائىم يۇرۇڭقاشقا قويۇلسام دەيىتتى تارىمغا، 

ئوقۇپ «قۇملۇقتا ئەپسانە»*(2) ئىزىقماستىن ئاقار كەتتى.



ئۆزۈمدىن ھالقىماق بولسام سىلايىتتى ئۇ قاناتىمنى،

 مېنى پەرۋازغا رام قىلغان كەرەملىك تىلتۇمار كەتتى.



ئۇزاق تۈنلەردە مۇڭداشساق ياقاتتى دىلغا بىر چاقماق، 

ئىچىمدىن چىققۇچە يورۇپ يولۇمغا ئىنتىزار كەتتى.

 

ياناتتى كۆكسىدە «تاغلار»*(3) جېنىغا پاتسا «مەشئۇملۇق»*(4)

،غۇرۇرنى تۇغ قىلىپ چاپقان بۈيۈك سەپتىن تۇمار كەتتى.

 


باھادىر ئوغلىنى ئىزدەپ «گۇما»*(5) بوزلار مۇسىبەتتىن،

كۆزى  يانۋاردا ئويۇلغان كۆڭۈلدىن  ئىپتىخار كەتتى. 



ئىزاھات: (1) شائىرنىڭ شۇ ناملىق باللادىسىنى كۆرسىتىدۇ.  

             (2) شۇ ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى كۆرسىتىدۇ.

             (3)شۇ ناملىق داستانىنى كۆرسىتىدۇ.     

              (4) شۇ ناملىق پوۋستىنى كۆرسىتىدۇ.  

             (5) شۇ ناملىق شېئىرىنى كۆرسىتىدۇ. 


            2016-يىلى قەھرىتاننىڭ 26-كۈنى گۇما. 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز