يېقىندا بىر تونۇشۇمدىن دەرد-ئەھۋالىنى مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىغا ئىنكاس قىلغانلىقى، بىراق ئىشنىڭ ھەل بولمىغانلىقىنى، قىسمەن خىزمەتداشلىرى بۇنى ئاڭلاپ: « ھەي نادان، قىيىنچىلىقىڭنى بىۋاسىتە بىرىنچى قول باشلىققا دېمەي، مۇئاۋىنىغا دېسەڭ، بىرىنچى قول باشلىقنىڭ كۆڭلىگە كەلمەمدۇ؟ مۇئاۋىن باشلىققا دېگەن گەپلىرىڭ بىرىنچى قولنىڭ قۇلىقىغا يەتسە، بىرىنچى قول باشلىق ئەجەب ماڭا دېمەي، مۇئاۋىنىمغا دەپتۇ، دەپ ساڭا باشقىچە قاراشتا بولمامدۇ؟» دەپتۇ، بىراق ھېلىقى تونۇشۇمنىڭ قارىشى دەل ئەكسىچە بولۇپ، ئۇ بىرىنچى قول باشلىقنىڭ خىزمىتى ئالدىراش، ئۇنى ئىزدەيدىغانلار كۆپ، شۇڭا ئۇنىڭ ۋاقتىنى ئالماي مۇئاۋىنىغا ئەھۋالنى ئېيتسام، بەلكىم ئۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپسا مېنى ئاياپتۇ، دەپ چۈشىنىدۇ، دەپ ئويلىغانىكەن. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي بىرىنچى قول باشلىق ھېلىقى تونۇشۇمغا:«سىلىنىڭ نەزىرىڭلىدە مەن يوق، شۇنداقمۇ؟ گەپ بولسا ماڭىلا دېسەڭلا بولمامدۇ؟» دەپ رەنجىپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان تونۇشۇمنىڭ كۆڭلى غەش بولۇپتۇ.
تۇرمۇشىمىزدا بۇنداق ئەھۋال دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. بەزى باشلىقلار ئاساسىي قاتلامدىكىلەرنىڭ دەرد-ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ئاڭلاشنى، كىم مەسئۇل بولسا، شۇ بىر تەرەپ قىلىشنى توغرا تاپسا، يەنە قىسمەنلىرى ئۇ مېنى كۆزگە ئىلمىدى، مەندىن رۇخسەت سورىمىدى، ماڭا ئەھۋال مەلۇم قىلمىدى، دەپ ئاغرىنىدۇ، باشلىقنىڭ ۋاقتىنى تايىنى يوق ئىشلار ئۈچۈن ئالغانلارنى ماڭا يېقىنچىلىق قىلدى، ماڭا ئىشلاردىن دوكلات قىلىپ خىزمىتىمنى قوللىدى، دەپ قارايدۇ. بىلگەن ۋە چۈشەنگەن كىشى ئۈچۈن يوللۇق تەلەپ-تەۋسىيەنى كىم قايسى ئىشقا مەسئۇل بولسا، ئالدى بىلەن شۇنى ئىزدەش، ھەل بولمىغاندا ئاساسلىق باشقۇرغۇچىنى ئىزدەش ئەقەللىي ئۇقۇمدۇر. ھېلىقى تونۇشۇمنىڭ ۋەزىپە دائىرىسى بويىچە ئالدى بىلەن شۇ ئىشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇئاۋىن باشقۇرغۇچىنى ئىزدىشى ماھىيەتتە نادانلىق ئەمەس ئىدى.
«قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى