تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
سۈپىتى ئۆزگەرگەن گىرىم بۇيۇملىرىنى قانداق پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ؟

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

ھازىر بازارلاردا سېتىلىۋاتقان گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەركىبى بىرقەدەر مۇرەككەپ، ئەگەر گىرىم بۇيۇملىرى بەك ئۇزاق تۇرۇپ قېلىپ، ساقلاش ۋاقتىدىن ئېشىپ كەتسە ياكى ئاغزى ئېچىلغاندىن كېيىن ئىشلىتىلمەي بەك ئۇزاق تۇرۇپ قالسىمۇ سۈپىتى ئاسانلا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئۇنداقتا سۈپىتى ئۆزگەرگەن گىرىم بويۇملىرىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟

تەركىبىدە ھەسەل، ئاقسىل، ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بىرقەدەر كۆپ گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ساقلىنىش ۋاقتىمۇ بىرقەدەر قىسقا بولۇپ ئۇزاق تۇرۇپ قالسا ياكى ياخشى ساقلانمىسا ئوڭايلا سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالىدىكەن. سۈپىتى ئۆزگەرگەن گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ رەڭگى، شەكلى پۇرىقى ۋە رولى بىردەك ئۆزگەرگەچكە، ئۇنى يۈزگە سۈركىگەندە، تېرىنى غىدىقلاپ، تېرىدە ئاسانلا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىكەن. سۈپىتى ئۆزگەرگەن گىرىم بۇيۇملىرىغا تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىن قاراپ ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىكەن.

غەيرىي پۇراق بولىدىكەن؛ رەڭگى دۇغسىمان كۈلرەڭ بولۇپ قالىدىكەن؛ شەكلى ئۆزگىرىپ، رولى يوقايدىكەن.

گىرىم بۇيۇملىرى سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنى سېتىۋالغان ھامان ئىشلىتىش، ئۇزاق ساقلىماسلىق كېرەك. يىل ئاتلىغان گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ سۈپىتى ئۆزگەرمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ رولى ئاجىزلىشىپ كېتىدىكەن.


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز