تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
شەھەرلەردە ياشاۋاتقانلاردا ھامىلدار بولالماسلىق نىسبىتى ئېشىۋاتىدۇ

شەھەرلەردە ياشىغانلار تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ، دېگەنلىك كىشىلەرنىڭ شەھەر بازار قۇرۇلۇشىغا بولغان گۈزەل ئارزۇسى ھېسابلىنىدۇ. بىراق ئالىملارنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا شەھەر تۇرمۇشىنىڭ كىشىلەرنىڭ جىنسى ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى بايقىغان.

    «ئىنسانلارنىڭ جىنسىيىتى»ناملىق بۇ قەرەللىك ژورنالدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، شەھەر ئاھالىلىرىدا يېزا ئاھالىلىرىغا قارىغاندا تۇغۇتتا مەسىلە كۆرۈلىدىكەن. بولۇپمۇ نوپۇس زىچ شەھەرلەردىكى يۇقىرى زىچلىقتىكى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ۋە ئاپتوموبىللاردىن چىققان گازلار ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولالماسلىق خەۋىپىنى ئاشۇرىۋېتىدىكەن.ئامېركا بوستون ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 1993-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە 36 مىڭدىن كۆپرەك ئاياللارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن بولۇپ، بۇ 10 يىل داۋامىدا تەتقىقات ئوبېكتىدىن تەخمىنەن 2500 ئايالنىڭ ھامىلدار بولمىغانلىقى دوكلات قىلىنغان. تەتقىقاتچىلار بۇ ئاياللارنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ ئەتراپىدىكى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ۋە ئاپتوموبىللاردىن چىققان گازلارنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى تەھلىل قىلىپ، قاتتىق جىسىم دانىچىلىرى ۋە چاڭ-توزان، ئىس-تۈتەك قاتارلىق سۇيۇقلۇقلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە قاتناش يولىنىڭ 200 مېتىر ئىچىدە تۇرىۋاتقان ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنىڭ باشقا ئاياللاردىن %10 ئاشقانلىقى، بۇنىڭ ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

    تەتقىقاتچىلار يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ، ئاپتوموبىل زىچ بولغان يول ئەتراپىدا تۇرىۋاتقان ئاياللارنىڭ بىرلەمچى ھامىلدار بولالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنىڭ باشقا ئاياللاردىن %5 ئاشقانلىقىنى، ئىككىلەمچى ھامىلدار بولالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنىڭ باشقا ئاياللاردىن %21 ئاشقانلىقىنى بايقىغان. بىرلەمچى ھامىلدار بولالماسلىق كېسىلى دېگىنىمىز، ئايالنىڭ يولدىشى بىلەن بىللە تۇرىۋاتقان ۋاقتىنىڭ بىر يىل ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولۇشى، يولدىشىنىڭ جىنسى ئىقتىدارى ۋە جىنسى تۇرمۇشىنىڭ نورمال ئىكەنلىگى، ھېچقانداق ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللانمىسىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھامىلدار بولالمىغانلىقىغا قارىتىلغان. ئىككىلەمچى ھامىلدار بولالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش دېگىنىمىز ئەر ئايال كەم دېگەندە بىرىنچى بالىنى تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن قايتا ھامىلىدار بولۇشىنىڭ قىيىن بولغانلىقىغا قارىتىلغان. بۇ تەتقىقات مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇرۇن كىشىلەر ھامىلدار بولمىغانلىق مەسىلىسىنى ئويلىغاندا ئاۋال تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئويلاپ، ھاۋانىڭ بۇلغىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەسىرگە سەل قاراپ كەلگەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق كىچىك خەۋىپ يەر شارىنىڭ ساغلاملىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان.ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارىغا بولغان تەسىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، تۇغۇش ئارزۇسى بار ئەر-ئاياللار ئەڭ ياخشىسى ئاساسىي غول يولغا يېقىن جايدا ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.ئەگەر تاللاشقا ئامال بولمىسا، ھاۋانىڭ سۈپەت كۆرسەتكۈچىگە دىققەت قىلىپ، سىرتقا چىقىپ پائالىيەت قىلىشنى مۇناسىپ تەڭشىشى كېرەك. ئۇ يەنە، شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ئاياللار كېچىسى ئاز تۈنىشى، ھاراقنى ئاز ئىچىشى، خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمىنى تەڭشەشنى ئۆگىنىۋېلىشى، پەرزەنتلىك بولۇش ۋاقتىنى 35 ياشتىن بۇرۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-03/11/content_508637.htm 



ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز