گۇمان ۋە تەشۋىش -ئېسىل پەزىلەتلەرنىڭ گۆركارى
ئالىيە ئەخمەت (ئۆز مۇخبىرىمىز)
مەلۇم بىر نادىر پىروگراممىنى «تىلەمچىلەرنىڭ پىروگراممىسى بولۇپ قاپتۇ» دېگەن گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى بىئاراملىقىمنى ھېلىھەم تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. ئەنە شۇ دەقىقىدىن باشلاپ تەپەككۇرلىرىم «بىزگە نېمە بولدى؟» دېگەن سوئالنىڭ ئىسكەنجىسىدە سىلكىندى. بۇ ھال كاللامدا ھەممەيلەننىڭ ۋىجدانىي مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرىدىغان چەكسىز سوئال دولقۇنىنى ھاسىل قىلىپ نۇرغۇن، نۇرغۇن گىرەلەشمە ئويلارنى تۇغدى. ئەسلىي ئەخلاق - پەزىلەتلىرىمىز ۋۇجۇدىمىزنىڭ جېنى، روھىمىز ۋە جىسمىمىزدا قېزىپمۇ قېزىپ بولغىلى بولمايدىغان مول ۋە سېھىرلىك بايلىق، غايىبانە قۇدرەتلىك كۈچ ئىدى. بۇ تىلسىم كان قاچان قۇرۇشقا باشلىدى؟ ئۇ ۋىجدان - غۇرۇرىمىزنى سېزىپ ئۈلگۈرەلمىگۈدەك دەرىجىدە گۇمراھلىققا سۆرەپ ماڭدى. بۇ سۈرئەتكە خاتىمە بەرمىسەك، ئەنە شۇ ئەخلاق - پەزىلەت يىمىرىلىشىنىڭ بىز ئۈچۈن قانچىلىك زىيانلىقلىقىنى بىلىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قېلىشىمىز مۇمكىن...
كەڭ قورساق بولالمايمىزمۇ ياكى خالىمايمىزمۇ؟
كەڭ قورساق بولساق بولمامدۇ ياكى بولالمايمىزمۇ ۋە ياكى بولۇشقا رايىمىز يوقمۇ؟ ھەر كىم ئۆز - ئۆزىمىزگە بۇ ھەقتە دىياگنوز قويمىساق پەقەتلا بولماپتۇ. تەرىپلىرىمىز ئارىسىدا «كەڭ قورساق مىللەت» دېگەن بىر ئېسىل باھا ئەزەلدىن بىزگە گۈزەل لىباس بولۇپ كەلدى. ئەمدىلىكتە نېمىشقا ئۇنىڭدىن چاندۇق؟ تاندۇق؟ كەڭ قورساقلىق قەلبلەر ئارا ئىشەنچ تىكلىگەن، يۈرەكلەرنى ھەرۋاقىت مېھىر سۈيى بىلەن سۇغۇرغان، مەيلى ئاتا - ئانا، مەيلى قېرىنداشلىق، مەيلى دوستلۇق، خىزمەتداشلىق، قوشنىدارچىلىق، بۇرادەرچىلىك قاتارلىق تۈرلۈك - تۈرلۈك مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ رىشتىنى مەھكەم چەگكەنىدى، بۇنىڭ خاسىيىتىدە ھەمكارلىق، ئۆملۈك ۋە مىننەتدارلىق خىسلەتلىرىمىز تولىمۇ ۋايىغا يېتىپ قىيامىغا توشقان، ئۇ ئېلىپ كەلگەن راۋانلىق، ئوڭايلىق، بەرىكەت خەيرلىكلەردىن ئۆزىمىز مەنپەئەتلەنگەن ھەم ئۆزگىلەرنى مەنپەئەتلەندۈرەلىگەنىدۇق. ھاياتنىڭ بۇ شېرىنلىكى بىزگە باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ھەم بەختىدىن ھۇزۇر ئالالايدىغان، خۇشاللىقىغا جور بولالايدىغان ئاجايىپ دىل ئاراملىقىنى ئاتا قىلغانىدى. تولىمۇ ئەپسۇس، دەل مۇشۇ ھېچنېمىگە تېگىشكۈسىز راھەتبەخش تۇيغۇلار بۈگۈنكى كۈنلەردە نۇرغۇن كۆڭۈل بۇلاقلىرىدىن قۇرۇپ كېتىۋاتقاچقا، مەجرۇھ روھ، مەجرۇھ تەن، مەجرۇھ ئىدىيە، مەجرۇھ باھالار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئەدەپ كېتىۋاتىدۇ.
ئەتراپىمىزدىكى شەيئىلەرگە، كىشىلەرگە شۇنچە تەشۋىش ئىلكىدە يۈزلىنىشىمىزنىڭ ۋەجى نېمە؟ نېمىشقا بىزگە ھەمراھ بولۇپ تۇرغان بارچىغا ئەسلىي ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە بەھر ئېلىشنىڭ ئورنىغا تەشۋىش نەزىرىمىزنى ئاتايمىز؟ نېمىشقا بۇ ھالنىڭ كەڭ قورساقلىقىمىزغا چۈشكەن مىتە بولۇشىغا يول قويىمىز؟ ئالايلۇق، ۋۇجۇدقا كەلگەن يېڭى ھادىسىلەرنىڭ بىزگە ئېلىپ كېلىدىغان پايدىلىق تەرىپىگە قارىغاندا، قانداقتۇ بىرەر يامان غەرەز ۋە ياكى ناچار ئاقىۋەتلەر بولۇشى مۇمكىنچىلىكىدىن ئەنسىرەيدىغانلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. قەدىر - قىممەت يارىتىۋاتقان، ئىقتىدارىنى تاۋلاپ، ئەلگە روھىي ۋە ماددىي كۈچ بېغىشلاۋاتقان، ئەل - يۇرت مەنپەئەتىنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرۈپ ھاياتلىقتىكى قىممىتىنى ئەنە شۇ مۇشەققەتلىك دەقىقىلەر ئېتىكىدىن ئىزدەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەجرىدىن كۆپرەك ئۇنىڭ نېمە مەقسەتلەر ئۈچۈن بۇنداق تىرىشىپ - تىرمىشىۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭ شەخسىي مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن بەكرەك ئويلاشقا ئادەتلىنىپ كەتكەنلەر بار، بۇنىڭغا ھەرقانچە قىلىپمۇ كۆز يۇمالمايمىز.
توغرا، ئارىمىزدا ئىزتىراپ چەككەنلەر ئۈچۈن ۋايىم يەيدىغان، يىقىلغاننى يۆلەيدىغان، مۇزلىغان قەلبلەرگە قەلبلەردىن چوغ بېرىپ ئىللىتىدىغان ساخاۋەتلىك باغلار، تاغلار بارغانسېرى باراقسانلىشىشقا، قەد كۆتۈرۈشكە باشلىدى. بۇ باغدا سايىدەۋاتقان، تۇرمۇشنىڭ مۈشكۈللىرىدە ئەنە شۇ تاغلارغا يۆلىنىپ كىچىككىنە دىمىنى ئېلىۋاتقان، ھاياتنىڭ گۈزەللىكى ۋە لەززىتىنى ئەنە شۇ مېھىر - مۇھەببەت ئېچىقلىرىدا ھېس قىلىپ مەمنۇنلۇققا چۆمگەن قەلبلەر، ھاياتقا قايتىدىن ئۈمىد بىلەن باققان ئارمانلىق ھېسلار ئاز ئەمەس، بىراق شۇ يولدا ھەق مۇقام توۋلاپ ماڭغان جاپاكەشلىرىمىزگىمۇ گۇمانسىراپ قاراۋاتقانلار، ئۇلارنىڭ جاپاسى بىلەن ھېسابلاشماي، بەلكى ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلاردىن قانداق مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىۋاتقانلىقىغا كۆز، ياق نىيەت قىزارتىۋاتقانلارمۇ بار. ئېھتىمال داشقازانغا چۈشكەن چىۋىنلەر بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ھەممىلا ۋاقىتتا شۇ چىۋىننىڭ سەۋەبىنى دەپ بىر قازان ئاشتىن قۇرۇق قېلىپ، ئاچ قورساق ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟! ئەجەبا، پەقەت شۇ ئاش بىلەنلا جان ساقلاپ قالالايدىغانلارنى خارۇ - زارلىققا قويۇش ھەممىدىن بەكرەك ئەۋزەلمۇ؟ ئويلايمەنكى، ھەرقانداق كىشى ۋە شەيئىلەرگە نىسبەتەن ھېسسىيات بىلەن ئەمەس، ئەقىل بىلەن قاراش، ئەقىل بىلەن دەڭسەش بىزنى ھەرۋاقىتلاردىكىدىن بەكرەك تەقەززا قىلماقتا، چاقىرماقتا، دەڭسىمەكتە...
بىرەيلەننىڭ ياخشى مۇئامىلىسىگە ئۇچرىسىمۇ خۇدۈكسىرەپ قالىدىغانلارنىمۇ ئۇچرىتىپ قالىمىز... «ئۇنىڭ بۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىشىدا بىرەر مەقسىتى بارمۇ قانداق؟»، «ئېھتىمال بىرەر ھاجىتى باردۇر»، «ئېھتىمال ماڭا بىرەر ئىشنى قىلغۇزماقچى...» ئەنە شۇنداق ئېھتىماللىقلار بىزنىڭ شۇ ياخشى مۇئامىلىدىن ھۇزۇرلىنىش، بەھرىلىنىش ھوقۇقىمىزنى ئوغرىلاپ كېتىپ، ئەسلىي ئىنتايىن ساپلىق بىلەن ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان قەلبلەرگە نۇرغۇن گۇمان ۋە تەشۋىشلەرنى يالداما قىلىدۇ - دە، ئەمەلىيەتتە شۇ كۆڭۈل دەرۋازىسىدىن خۇشال - خۇراملىق قەدەم ئېلىشنىڭ ئورنىغا، تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان غەشلىك ھەتتاكى ئەندىشە، خاپىلىق، ئىناقسىزلىق، ياتلىشىشلارنى باشلاپ كېلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا زەخىملەنگۈچى ئالدى بىلەن ئۆزىمىز بولىمىز، ئاندىن باشقىلار زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. بۇ خىل قەلب ھادىسىسىنى مۇشۇ كۈنلەردىكى ئىشەنچ، تۈرلۈك بېسىملار قاينىمىدا تۇنجۇققان مېھىر قەھەتچىلىكى ھاسىل قىلىۋاتقان مۇرەككەپ كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، ھېسسىياتنىڭ ئەخمەق قىلىشىغا يول قويمىساقلا، ئۆزىمىزنىڭ شۇ ئېزىتقۇ ھېسسىياتلار ئالدىدا قۇل قىلىپ بەرمىسەكلا ئاق كۆڭۈللۈكىمىزدەك ئېسىل پەزىلىتىمىزنى جان تىكىپ قوغدىيالايمىز، تىرىلدۈرەلەيمىز، جانلاندۇرالايمىز! شۇ چاغدىلا بىز ۋايساۋاتقان ساختا مۇئامىلىلەرنىڭ ئىناقلىق، ئۆملۈكىمىزگە دەخلى قىلىۋاتقان نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئىللىق تەبەسسۇمنى، مېھىر - مۇھەببەتنى، ھەر چاغ، ھەر قەلبلەرگە كۈچ ئاتا قىلالايدىغان خاسىيەتلەرنى كۆرەلەيمىز، يۈرىكىمىز بىلەن بۇ تۇيغۇلارنى ھېس قىلالايمىز. شۇ تۇيغۇ، تەپەككۇرلەر نۇرغۇن - نۇرغۇن چىن كىشىلەر، چىن مۇناسىۋەتلەر، چىن ئالاقە، چىن ياردەم، چىن نىيەتلەرنى ھاسىل قىلىدۇ، تۇغىدۇ؛ مىننەتدارلىق قەلبىمىزنى ئىگىلەيدۇ، بۇ تۇيغۇ بىزگە بەختنىڭ نۇرغۇن مۇناسىۋەتلەر ئىچىدىكى مەۋجۇتلۇقى ئارقىلىق بىزنى بىخۇدلۇقتىن يىراقلاشتۇرالايدۇ، شۇنداقلا بەخت لەززىتىنىڭ دەل شۇ كىچىككىنە تۇيغۇ ئىچىدە قۇرىماس بۇلاقتەك بۇلدۇقلاپ تۇرىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
بىزگە ئابىدە كېرەك ئەمەسمۇ ياكى كېرەك قىلمايمىزمۇ؟
بىزگە ئابىدە كېرەك ئەمەسمۇ ياكى كېرەك قىلمايمىزمۇ؟ شۇنچە ئىلمىي قىممەت يارىتىپ، ئەل ئۈچۈن پىدا بولۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۆھپىسىدىن سۆيۈنۈش، ئۇنىڭغا ئىلھام - مەدەت بېغىشلاش، ئۇنىڭ زېھنىي قىممىتى يارىتىدىغان ئىپتىخارنىڭ قۇدرىتىگە ئۈمىد ۋە ئېتىبار بىلەن قاراشتەك پەزىلەتلەرگە تويۇنۇشنىڭ ئورنىغا قانداقتۇر ئۇلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى، يۈرۈش - تۇرۇشى، گەپ - سۆزى قاتارلىق جەھەتلىرىدىكى كەمچىلىك - نۇقسانلىرىنى ئۇنىڭ پېشانىسىگە تىزىۋېلىپ، ئاتالمىش شۇ «بەلگىلىمىلىرىمىز» بويىچە ئۇنىڭغا باھا بېرىپ، شۇ «تارازىمىز» ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت دەرىجىسىنى بېكىتىپ، يەنە شۇ بويىچە ئۇنىڭغا قەدىر - قىممەت تونىنى پىچىپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋاللارنى ئۇچرىتىمىز. ئىلگىرىمۇ كۆپ دېيىشتۇق، شۇ قەدىردانلىرىمىز بىزدىن ئايرىلغاندىلا ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇق قىممىتىنى ھېس قىلىش بىزگە ئادەتمۇ؟ نېمىشقا ئۇلار ھايات ۋاقتىدا شۇلارنىڭ پەزىلىتى، بېغىشلاش، تىرىشىش روھىنى ئۆزىمىزگە ئابىدە قىلىپ ھاياتىمىزنىڭ قىممىتىنى قانداق يارىتىش ھەققىدە ئىلمىي ئىزدەنمەيمىز؟! ھايات لەززىتى نەدە؟ ئالىيجاناب ھايات بىلەن ئاددىي ھاياتقا كېتەرلىك دەسمايە نېمە؟ دېگەن نۇقتىلارغا كۆپرەك باھا بېرىپ ئۆزىمىز ۋە ئەۋلادىمىزنى تاۋلىمايمىز؟! شۇ ئارقىلىق قەدەملىرىمىزگە نېمە ئۈچۈن مۇستەھكەم ۋە مەنپەئەتلىك ئۇل توپا تاشلاپ ماڭمايمىز؟ ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرمەي ئۇلاردىكى كەمچىلىكنى كولاشنىڭ ئۆزى دەل ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان بوشلۇقنىڭ ئۇلىنى كولاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، شۇنداق كېتىۋەرسەك، زېھنىمىز ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈنلا ئۇپرىسا، ئاخىر بېرىپ ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زىيانكەشلىك قىلغان بولمايمىزمۇ؟ ئاقىۋەتتە قانداق باھالارنىڭ ئىگىسى بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن؟ بۇنى ھەربىرىمىز سالماق ئويلىنىشقا تېگىشلىك، ئەلۋەتتە!
بىر ئالىم ياكى مۇتەخەسسىس، يازغۇچى ۋە ياكى يېتىلىۋاتقان بىرەر قەلەمكەش جەمئىيەتتىكى مەلۇم مەسىلىگە قارىتا قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماقچى بولدى، بىراق ئۇنىڭ قاراشلىرى بىر قىسىم كىشىلەرگە ياقمىدى، بۇنىڭدىنمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى شۇ قىسمەن كىشىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقى، نېمىگە رەددىيە بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمىغۇدەك دەرىجىدە نۇرغۇن چېگىشلىكلەرنى ھاسىل قىلىۋەتتى، بۇ ئىش ئالىمنىڭ يۈز - ئابرۇيىغا مۇئەييەن دەرىجىدە قارا سۈركىدى، تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇنىڭ زېھنى شۇ پەيتلەردە ئىختىيارسىز ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن چېچىلىشقا مەجبۇر بولدى، ئەجەبلىنەرلىكى نۇرغۇن ئىلىم ئەھلىلىرى ئۇ ئۇچرىغان بۇ بوران - چاپقۇنغا نىسبەتەن سۈكۈتتە تۇردى، ئۇنىڭغا قول ئۇزىتىپ، ئۇنى قانداقتۇر تۇيۇق يولدىن تارتىۋېلىش ۋە ياكى ئۇ ئۇچرىغان ناھەقچىلىقنىڭ يىلتىزىغا پالتا چېپىپ، ئۇنى ئامان ساقلاش تەرەپدارى بولالىغان زاتلىرىمىزنى ئۇچرىتىش تەس بولدى. ئىلىم ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشى كىشى كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ، ئەلۋەتتە! كىملەرنى قەدىرلەش، كىملەرنى ئابىدە قىلىپ تىكلەشنىمۇ ئايرىيالمىساق، ئۇلارنىڭ كىچىككىنە سەۋەنلىكى بىلەن ئۇلاردىكى ئەۋزەللىكنى بەربات قىلىۋېتىش ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزىمىزدىكى ساپانىڭ قانچىلىكلىكىنى تارازىغا سالغان كەبى ئۆلچەپ بېرەمدۇ قانداق؟!
ئەمەلىيەتتە ھاياتىمىزنىڭ ھەربىر جەريانلىرىدا، تۈرلۈك مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە تىكلەشنى بىلسەك ۋە ئارمانلىساقلا نۇرغۇن ئابىدىلىك ئىشلار، شەجەرىلىك ئىزلار ھەم كىشىلىرىمىز بار. بىلسەك، كۆز ئالدىمىزدا، ئېڭىمىزدا بىر ئابىدىنىڭ تىكلىنىشى بىز ئۈچۈن بىر نىشان يارقىنلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇ نىشاننى بويلاپ ئۆزىمىزنىڭ نەگە، قانداق مېڭىشىمىزنى، قانداق ئادەم بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى، قانداق ھاياتنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ۋە قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى، قىيىنچىلىق، مۇشەققەتلەر ئالدىدا ئىنسان ئىرادىسىنىڭ، ئۈمىدىنىڭ قانچىلىك مۇھىم قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، مۇشەققەتلەرگە قانداق يۈزلىنىشىمىز، قانداق پوزىتسىيە تۇتىشىمىز لازىملىقىنى، شۇ ئىرادە ۋە ئۈمىدنىڭ كىشىنى قانداق يۈكسەكلىكلەرگە كۆتۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى تولىمۇ روشەن ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز. ئۇ بەئەينى تۇرمۇشىمىزدا بىلىپ - بىلمەي ئايرىلالمايدىغان ئەينەكنىڭ رولىغا ئوخشايدۇ. نۇقسانلىرىمىز، كەمچىلىك، يېتەرسىزلىكلىرىمىز مانا مەن دەپ نامايان بولىدۇ. نېمىنى تولۇقلىساق، قايسى جەھەتتىن، قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك كۆزلىگەن نىشان ۋە ئارمانلىرىمىزغا يېتەلەيدىغانلىقىمىزنى ئەنە شۇ ئەينەك ئارقىلىق روشەن بىلەلەيمىز؛ يەنە تېخى سۇنغان، سۇنۇۋاتقان، بوشىشىۋاتقان ئىرادىلىرىمىز ئەنە شۇ ئابىدىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى، يارقىن ھايات مۇساپىلىرى، كەچمىشلىرى، ئىزلىرىدىن ئويلىمىغاندا ئاجايىپ بىر ئىلھاملارغا، يورۇقلۇققا ئېرىشىپ قېلىشى مۇمكىن. يول ئەزەلدىن ئەگرى - توقاي، ھايات يولى تېخىمۇ شۇنداق، ئىلگىرىكىلەرنىڭ ھايات مۇساپىسىنى ئابىدە قىلىپ تۇرۇپ ئىلھام، مەدەت، جاسارەت ئالالىساق، ئىرادە، ئىشەنچكە تولالىساق، ھەتتا بەزىدە ساۋاق، ئىبرەتكە ئىگە بولالىساق ئەجەب ئەمەس، ئەلۋەتتە بۇنىڭ خاسىيىتى ئەقىللىق كىشىلىرىمىزگە تولىمۇ ئايدىڭ.
سۆيۈپ - سۆيۈلۈپ ياشاش شۇنچە تەسمۇ؟
نېمىشقا سۆيۈپ - سۆيۈلۈپ ياشاشنى قىممەتلىمەيمىز؟ سۆيۈپ - سۆيۈلۈپ ياشاش ئارقىلىق ھاياتنىڭ بىزگە ئاتا قىلىدىغان بەھرىنىڭ باشقىچە لەززەتلىك، ئاراملىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىزمۇ ياكى بىلىشنى خالىمامدۇق؟ بۇ ھاياتتا سۆيۈپ - سۆيۈلۈپ ياشاش ئەلۋەتتە ھەممەيلەن كۆپ تىلغا ئالىدىغان، شۇنداقلا ئەڭ كۆپ ئارمانلايدىغان گۈزەل ئىستەك، بىراق ئۇنىڭ ۋەسلىگە يېتىش ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس، ئۇ بىزدىن ئېسىل پەزىلەت تەلەپ قىلىدۇ.
ئەگەر سىزدە مىننەتدارلىق پەزىلىتى يېتىلگەن بولسا، ۋۇجۇدىڭىزدىن باشقىلارغا ئاتا قىلىدىغان ئىلھاملىرىڭىز كۆپ بولۇپلا قالماي، ھايات ئېتىكىدىن ئالىدىغان نېممەتلىرىڭىز، بەھرىلىنىدىغان گۈزەل، راھەت دەملىرىڭىزمۇ كۆپ بولىدۇ؛ ناۋادا سىزدە باشقىلارنىڭ خۇشاللىقىغا ھەقىقىي جور بولالايدىغان ئېسىللىق يىلتىز تارتقان بولسا، باشقىلارنى ھاياتنى تېخىمۇ سۆيۈپ، قەدىر - قىممەت يارىتىپ ۋە تېپىپ ياشاشقا ئۈندەپ، شۇ ساخاۋەتلىك نىيەت - ئىقباللىرىڭىزنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇن خاسىيەتلىك گۈلدەستىلەرنى تىزىپلا قالماي، ئۆزىڭىزنىڭ يوللىرىغىمۇ نۇرغۇن يېشىل چىراغلارنى ياغقان بولىسىز؛ شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ سىزدە باشقىلارنىڭ يىغىسىغا يىغلاپ، ئۇلارغا كەڭ باغرىڭىزنى ئېچىپ، ئىللىق قوللىرىڭىز بىلەن ئۇلارنىڭ قولىنى مەھكەم سىقالايدىغان ھەم ئۇلارغا ھاياتنىڭ مانا مۇشۇنداق كۈچ ئۇلاپ مېڭىش ئىكەنلىكىدەك ئەقەللىي ساۋاتنى ھېس قىلدۇرالايدىغان جاسارەت بىخ سۈرگەنلا بولسا، سىز باشقىلارنىڭ ئۆچەي دەپ قالغان ئۈمىد شامىنى ئۇلغايتقان، ئۆچكەنلىرىگە بولسا قايتىدىن چوغ سۇنغان بولىسىز! ئويلاڭ، بىراۋلارنىڭ گۇمران بولغان روھىي دۇنياسىنى قايتىدىن قولىغا تۇتقۇزۇش تولىمۇ خىسلەتلىك بىر روھ. بۇنىڭ خاسىيىتىدە ئۇمۇ، سىزمۇ ھاياتنىڭ قىممىتىنى، ئۇنى قانداق قەدىرلەشنى، ھاياتتىن، شۇنداقلا قول ئۈزۈش ۋە ھايات ئېتەكلىرىدىن نائىلاج ھالدا قوللىرى بوشاپ كېتىۋاتقانلارغا قاراپ تۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ جىنايەت، ئاسىيلىق ئىكەنلىكىنى، ھاياتتىن ئىبارەت بىزگە بېرىلگەن بۇ ئېسىل نېممەتنىڭ ھوسۇللىرىنى ھەر كۈن باغرىدا چېچەكلىتىپ مېڭىشتا ھەر كىمنىڭ بۇرچ، مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى چوڭقۇر تونۇتىدۇ، ئەسكەرتىدۇ! مانا بۇ سەمىمىي ئەسكەرتىش گاھىدا ھەرقانچە قىلىپمۇ تاپقىلى بولمايدىغان شىپالىق دورىغا ئوخشايدۇ؛ ناۋادا سىزدە ئەپۇچانلىق بىخ سۈرگەن بولسا غەرەزسىز ئېزىپ قالغانلارنىڭ ئۈمىدىگە ئۈمىد، ھاياتىغا ھايات ئۇلاشقا ياردەم قىلغان بولىسىز؛ خاتالىق سادىر قىلىپ پۇشايمان ئىلكىدە پۇچىلىنىۋاتقان، ئەمما چىقىش يولى تاپالمايۋاتقانلارغا «كىم نۇقسانسىز بولغان؟» دەپ ئەسكەرتەلىسىڭىز، ئۇنىڭغا ئۆزىنى قايتا تونۇش، شۇنداقلا يوقىتىپ قويۇش ئالدىدا تۇرغان ئۆزلۈكىنى قەدىرلەشتەك ئاكتىپ روھنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قۇدرىتىنى تونۇتالايسىز، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ساۋابى، ئەجرىدە سىزمۇ ئۈمىدنى يوقاتماسلىقنىڭ خاسىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىسىز؛ ھاياتنىڭ ئاجايىپ دەڭسەشلىرى باركى، قەددىڭىز ئىگىلگەن، ئىرادىڭىز بوشاشقا قاراپ ماڭغان، ئۈمىدلىرىڭىز شامى ئارانلا پىلىلداپ قالغان، باسقان قەدەملىرىڭىزدىن ۋاز كېچىش، كەچمەسلىك ئاچىلىغا كېلىپ ئاخىرقى قارارنى چىقىرىش ئالدىدا تۇرغان دەملىرىڭىزدە ئەھۋالى سىزدىنمۇ بەتتەر بىرسىنى سىزگە يولۇقتۇرۇپ قويىدىكەن. دېمەك سىزدە ئېلىكىڭىزدىكى پۇچۇق ناننى ئۆزىڭىزدىنمۇ بەك ئېچىرقاش ئازابى تارتىۋاتقانلارغا ئۆتۈنەلىگۈدەك نىيەت خالىسلىقى بارمۇ - يوق؟ مانا بۇنى سىنايدىغان پەيتلەر شۇ بولسا كېرەك! شۇ جەريانلارنى بېسىپ بولۇپ كەينىڭىزگە باققىنىڭىزدا، شۇ پەيتلەردىكى ئەھۋالىڭىزغا شۈكرى قىلىشىڭىزنىڭ تولىمۇ ئاقىلانىلىك بولغانلىقىنى بايقاپ دىلىڭىز ئۆزىڭىزمۇ سېزىپ - سەزمىگەن ھالدا ئېچىلىپ قالىدۇ، كۆڭلىڭىز قانداقتۇ بىر تاللاش يولىغا ئېرىشىپ ئۈمىدلىرىڭىز قايتا قاناتلىنىدۇ. مانا بۇ سىزدىكى مېھىر - مۇھەببەتلىك كۆڭۈلنىڭ شەخسىيەتسىزلىك دۇردانىلىرى بىلەن بېزەلگەنلىكى ۋەجى ئېرىشكەن بەختتۇر، ئۇنىڭ شېرىنلىكىنى شۇنى تېتىيالىغانلار بىلىدۇ، ئەلۋەتتە!!!
ئالايلۇق، بىرسى ئىجادىي روھىغا تايىنىپ، شۇ قەدەملەر بىلەن ئۆزىنى چېنىقتۇرۇپ ھەم جەمئىيەتكە يەنىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلار ئارقىلىق تۆھپە قوشۇشنى ئەلا بىلىپ پىلاستىنكا ياكى سىنلىق قىسقا فىلىم، سىنلىق ھۆسنخەت قاتارلىقلارنى ھۇزۇرىمىزغا سۇندى. بەزىلەرنىڭ: «بۇ يوقنىڭ ئىشىغۇ؟ بىزمۇ قىلالايدىغانلا ئىشلاركەن... قارىماققىلا ئاددىي ئىش تۇرمامدۇ، ئۇ قانچىلىك ئوقۇغىنىغا چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتەلەيتتى...» دېگەندەك نۇرغۇن - نۇرغۇن «قامچا» لىرى شۇ قېرىندىشىمىزنى ھەر تەرەپتىن ساۋىدىغىلى تۇردى. بۇ جەرياندا بىر بولسا ئۇ تېخىمۇ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ ئەنە شۇنداق قۇرۇق غەيۋەت بىلەن ۋاقتىنى ئۆتكۈزىدىغانلارنى ھەيرەتتە قالدۇرۇپ، تېخىمۇ مەنپەئەتلىك ئىجادىيەت ۋە كەشپىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزى ۋە ئەل ئۈچۈن شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ؛ يەنە بىر بولسا بۇ زەربىدە ئۇنىڭ ئىجادىيلىقى ئۆلۈپ ياكى پىشىپ يېتىلىش مۇھىتىغا ئېرىشەلمەي جەمئىيەت داشقىلىدىن بىرى كۆپىيىدۇ، روشەنكى بۇ شەخس ئۆزى ھەم ئەل ئۈچۈنمۇ كېرەكسىز بىر ئادەمگە ئايلىنىدۇ، ئۇ يەنە جەمئىيەتكە يۈك بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
«يېقىندىن بېرى ئۇ باشلىقنىڭ يېنىغا كۆپ كىرىپ - چىقىدىغان بولۇپ كەتتى، چوقۇم بىرەر چاتىقى بار، ياكى بولمىسا ئىشلىرىنىڭ بەك راۋانلىشىپ كېتىشى بىكار ئەمەس. ئۇ تېخى كىملەرنى پۇتلاپ، كىملەرنىڭ ئورنىغا چىقىشنىڭ يولىنى قىلىۋاتىدۇ، باشلىقنىڭ كاللىسىنى قايدۇرامدۇ تېخى، ئۇنىمۇ بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ، جۇمۇ!» دېگەن تەشۋىشلىك خىياللار بىلەن ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ ئاراملىق بەرمەيدىغانلارمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. بەلكىم ئۇ تۇرمۇش ياكى خىزمەتتە بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچراپ باشلىقنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىش زۆرۈر بولۇپ قالغاچقا، شۇ كۈنلەردە باشلىقنىڭ قېشىغا كۆپرەك كىرىدىغان بولۇپ قالغاندۇ؛ بەلكىم ئۇ ئىقتىدارىنى كۈنسېرى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقاچقا ئۇنىڭ ئىشلىرى راۋان بولۇۋاتقاندۇ؛ ئېھتىمال ئۇ باشلىقنىڭ يېنىغا پەقەت خىزمەتتە ئۆزى يولۇققان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈنلا كىرگەندۇ ۋە بەلكىم ئۇنىڭ نىيىتى سىز ئويلىغاندەك يامان بولماسلىقى، باشقىلارنى يۆلەش، باشقىلارغا خەير - ئېھسان، كۈچ - مەدەت ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئۆز قىممىتىنى تېپىشنى ئەقىدە قىلىپ ياشاۋاتقان كىشى بولۇشىمۇ مۇمكىن... ھەر ئىشتىكى ئالدىراقسانلىق ھامان بىزنى پۇتلايدۇ ھەم ئۆز يولىمىزغا ئۆزىمىز قۇرغان توزاق بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئۆزىنى ھەقىقىي يوسۇندا سۆيۈپ ۋە قەدىرلەشنى بىلىدىغان، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازىغا ئەھمىيەت بېرىپ ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە ئىشىنىپ ۋە ئەقلىگە تايىنىپ ياشاشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەر ئۈچۈن «ئاق ھامان ئاق، قارا ھامان قارا»، ھەر كىم ھەرقانچە ئاستىن - ئۈستىن قىلىۋەتسىمۇ! شۇڭا ئانچىكىم ئىشلار ئۈچۈن ۋاقتىمىزنى ئەھمىيەتسىز، غۇرۇرىمىزنى پۈچەك، ۋىجدانىمىزنى نىمجان قىلىپ قويمايلى! سوغۇق قان بولۇپ، ھەر ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى، ھەتتا گاھىدا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ تەرەپلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە تونۇيالايدىغان، كۆرەلەيدىغان كۆڭۈل كۆزىمىزنى ھەقىقىي يوسۇندا ئىشلىتىپ ياشايلى! مانا بۇمۇ ئەزەلدىن قان - قېنىمىزدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان گۈزەل ئەمەلىيەتلەرنىڭ سەۋەبكارى بولالايدىغان پەزىلەتلىرىمىزدىندۇر.
ئويلۇرۇمنىڭ تۈگۈنچىسىگە كېلەي دېگەندە يەنە دەسلىپىدە تىلغا ئالغان پىروگراممىغا ئەقىل كۆزىدە قارىيالايدىغان كىشىلىرىمىزنىڭ مېنى سۆيۈندۈرگەن بايانلىرى تۇغقان ھېسلىرىم بىلەن يەنە بىر رەت ئورتاقلىشىشنى ئەۋزەل بىلدىم. دەرھەقىقەت، بۇ پىروگرامما بىزگە شۈكرى - قانائەتلىك بولۇشنى؛ ھاياتقا ماياك بولالىغۇدەك ياشاش ئۈچۈن ئەجىر قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئەتراپىمىزدىلا بارلىقىنى؛ كارخانىچىلىرىمىزنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكىدەك ئاتالمىش پۇل - مەنپەئەت ئۈچۈنلا ياشاپ ئۆتۈپ كېتىدىغان كىشىلەر ئەمەسلىكىنى، ھاياتنى سۆيۈپ ياشايدىغان، ئۆزى بىلەن سەپەرداش بولۇۋاتقان كىشىلەرگە ئەقىدە قىلىپ ياشاش ئارقىلىق ھاياتىنىڭ لەززىتىنى ئىنسانىيەت ئوكيانىدىن سۈزۈۋېلىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ كۆپلۈكىنى، ئەنە شۇ خىل كىشىلەردىن نۇرغۇن ئاكتىپ ئىدىيە، ئاكتىپ روھلارنىڭ تارىلىپ ھايات جۇلاسىنىڭ يەنىمۇ ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئاشۇ پىروگراممىنىڭ ھەربىر گۈزەل كارتىنىلىرى، گۈزەل مىنۇتلىرىغا گۈزەل ئەسلىمە بولۇپ پۈتۈلۈپ كەتكەن شاھىتلىق دەملەرنى ئەڭ سەمىمىي پاكىت قىلىپ زىننەتلەپ قويدى.
تىلغا ئالساق تۇرمۇشىمىزدا مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پەزىلەت دۇردانىلىرىنى تونۇتىدىغان جەريانلار تولىمۇ كۆپ، بىز شۇ ئېچىقتا ئۆزىمىزنى پاكلاپ ۋە سۇغىرىپ ماڭالىغانلا بولساق سۆيۈپ، سۆيۈلۈپ ياشاشنىڭ قىممىتىنى ياراتقان، تونۇغان بولىمىز، شۇنداقلا سۆيۈپ ھەم سۆيۈلۈپ ياشاش جەريانىدىكى بېغىشلاش ۋە ئېرىشىش جەريانى بىزگە نۇرغۇن خۇشاللىقلارنى بېغىشلايدۇ.
قىسمەن ئادەملەر بىرەر ئىشقا يولۇققاندا سەۋەبىنى ئۆزىدىن ئىزدىمەي باشقىلارنى كوچىلاشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن. ھەر كىم ياخشى ئىش - ئەمىلى بىلەن باشلامچى بولالىغاندا ياخشى ئادەم ۋە ياخشى ئىشقا ئۈن - تىنسىز ئەگىشىدىغانلار كۆپىيىدۇ. ھەرقانداق ئىشنىڭ ياخشى، يامان تەرىپى بولىدۇ. بەزى ئىشلارنىڭ ياخشى تەرىپى %60 - %90 كىچە كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ %10 - %40 كىچە كەمچىلىكىنى ھارغىچە قامچىلايدىغانلار ھەر قاتلامدىكى كىشىلەردە ھەتتا ئىلىم ئەھلىلىرى ئىچىدىمۇ كۆپ. ئەمەلىيەتتە قوللاپ، قۇۋۋەتلەش، ئاكتىپ باھا بېرىش ھەممىدىن ئەۋزەل ھەم كېرەك ئىدى، بىراق ئەلنى پىتنە - پاساتقا باشلاپ ماڭىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار، بۇ ئىشەنچىسىزلىك تۇيغۇسىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ، ئىنساننى ئالغا ئىلگىرىلەتمەيدۇ. ئۆزىمىزنىڭ ياخشى تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى تونۇشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئىلھام بېرىش، ئارتۇقچىلىقلار ئارقىلىق ئۈلگە ئېلىش ۋە ئابىدە تىكلەش، رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق كىشىلەرنى ياخشى ئىش - ئەمەللەرگە يېتەكلەش كېرەك. شۇنى ئۇنتۇمايلى، «ھەممە ئادەم ئېگىزدە تۇرۇپ كۆلگە تاش ئېتىۋەرسە كۆلنىڭ سۈپسۈزۈك سۈيىمۇ بۇلغىنىپ كېتىدۇ؟!»
چۈشىنىشلىككى، مەن ئەخلاق - پەزىلەت بۇزۇلۇشى ھەققىدە دېڭىزنىڭ بىر تامچىسىچىلىكلا توختالدىم. بۇ ھاياتتا بىز ياماننى ئىلغىمىغىچە، تاسقىمىغىچە ياخشىنىڭ قەدىر - قىممەت ۋەزنىنى چۈشەنمەي، ئۇنىڭ لەززىتىدىن ھۇزۇرلىنالماي، شۇنداقلا ياخشىلىق ئارقىلىق ياخشىلىقنى تۇغدۇرۇشقا ماھىر بولالماي قالىدىكەنمىز. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنى بىر پۈتۈن جەريانغا ئايلاندۇرىدىغان ھەربىر ھادىسىلەرنىڭ ياخشى - يامان تەرىپىگە تەڭ قاراشقا ئادەتلىنەيلى! ئېسىل ئەخلاق - پەزىلەتلىرىمىز قانداقتۇر گۇمانسىراش، تەشۋىشلىك ئويلار قاينىمىدا تۇنجۇقۇپ قالمىسۇن، گۇمران بولمىسۇن!
ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى