قىز-ئاياللاردىكى ھەيز مەزگىلىدىكى ئىچ سۈرۈش ئاساسلىقى قان كەملىكتىن بولىدۇ. ئىچ سۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بالدۇر ئۇخلاش، ياخشى ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
قىز-ئاياللار يەنە سوغۇق نەرسىلەرنى ئاز يېيىشى كېرەك. كەچتە پۇتنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇش ھەمدە چىلان يېيىش، قارا شېكەر سۈيى ئىچىپ بېرىشمۇ بەدەنگە قان تولۇقلاشقا پايدىلىق. بۇنىڭدىن باشقا، شۇ پەسىلگە لايىق مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك.