ئاغرىق توختىتىش دورىسى كېسەلنى ئېغىرلىتىۋېتىدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى كۆپ، مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېيىشتى:« ئۆتكۈر قورساق ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار ئىنتايىن كۆپ، بەزىدە ئاشقازان تېشىلىش، سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى سەۋەب بولسا، بەزىدە باشقا خەتەرلىك ئامىللار سەۋەب بولىدۇ، بىراق بۇ ۋاقىتتا ئاغرىق توختىتىش دورىسى يېسە، دوختۇر دىئاگنوز قويۇش ئاساسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، چۈنكى ئاغرىق توختىتىش دورىسى كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرىۋالىدۇ».
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى:« شامالدارىش مەنبەلىك كونا بوغۇم ياللۇغى، بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكى قاتارلىق سوزۇلما كېسەللىكلەر قوزغالغاندا يېيىلگەن ئاغرىق توختىتىش دورىسى كېسەلنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ، بىراق ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى تاللاشتىن بۇرۇن ئاشقازان ۋە ئۈچەي دۇچ كېلىدىغان خەتەرنى ئويلاشماي بولمايدۇ، يەنى ئاشقازان ۋە ئۈچىيى ئاجىز كىشىلەرگە ئاشقازان ۋە ئۈچەيگە زىيان سالمايدىغان دورىلارنى بېرىش، شۇنداقلا ئاغرىق پەسەيتىش دورىسىنى بىر ھەپتە ئۇلاپ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش بەك مۇھىم».
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى