تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
جېلىل ئاۋۇت: ئۈچ كۈنلۈك مۇدىر (ھېكايە)

ئۈچ كۈنلۈك مۇدىر

(ھېكايە)

جېلىل ئاۋۇت

ئۈجمەباغ كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى يېزىغا يىغىنغا كەتكەن مۆمىن شوجاڭنىڭ ‹‹ئوقۇتقۇچىلار ئىشتىن چۈشمەي تۇرسۇن!›› دېگەن تېلېفون سۆزى بويىچە كەچ سائەت يەتتىلەرگىچە ساقلىدى. قورساقلار ئېچىپ، سەۋر-تاقەت تېشىپ، بەزىلەر كېتىشكە تەمشىلىپ تۇرغاندا مۆمىن شوجاڭ ‹‹بەخت›› ماركىلىق كونا موتوسىكلىتىنى گۈركىرىتىپ مەكتەپ قوروسىغا كىرىپ كەلدى. ھەممەيلەن ئىشخانىغا جەم بولدى.

-دۈشەنبە كۈنى ناھىيە يېزىمىزنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، تاپشۇرۋالغىلى كېلىدىكەن. ئالدىنقى قېتىملاردا يېزىمىز بۇ خىزمەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرەلمىدۇق. دۈشەنبە كۈنى چوقۇم ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، ئەتە، ئۆگۈن ئىككى كۈن قاتتىق تەييارلىق قىلىپ، ئارخىپلىرىمىزنى بىرمۇ يۇچۇق قالدۇرماي تولۇق ئىشلەيدىكەنمىز. بۇ قېتىمقى باھالاشقا كۆرسىتىدىغانغا يەنە بىزنىڭ مەكتەپكە چەك چىقتى. ھازىر قايتىپ، ئەتە كۈندىكىدەك دەل ۋاقتىدا ئىشقا ئۈلگۈرۈپ كېلىڭلار!

-يائاللا ئۆلتۈرۈپ قويىدىغان ئوخشايدۇ بۇ باھالاش بىزنى!

-شوجاڭ، ئارخىپلىرىمىزنى تولۇق ئىشلەپ بولغان تۇرساق، يەنە نېمە ئارخىپ ئىشلەيمىز؟

-ئۇكام، سىز ئالدىنقى قېتىممۇ ئارخىپلىرىمنى تولۇق ئىشلەپ بولدۇم، دېدىڭىز. ھە دېسەم، باھالاش كەلگەندە تۈزۈم تۈزۈش توغرىسىدىكى تۈزۈم بىلەن مائارىپ ئىشخانىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشنى تارقاتقانلىق توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇشنى كۆرسىتىڭ دېسە، يوق دەپ تۇردىڭىز. تولا ئاتكاچىلىق قىلماي ئىشلەڭ دېگەندىكىن ئىشلەڭ!

-ماقۇل ئىشلەيلى. شەنبە، يەكشەنبە ئىككى كۈنلۈك ئارتۇق ئىشلىگەن ئىش ھەققىمىزنى بەرسىلە ئەمىسە!

-ئىشلىسىڭىز ماڭا ئىشلىمەيسىز، گوڭسەنداڭغا ئىشلەيسىز، ئىش ھەققى ئالسىڭىز، بېرىپ گوڭسەنداڭغا دەڭ! -گۇڭسەنداڭغا دېدىم، شەنبە، يەكشەنبە كۈنى ئارام ئېلىڭلار، دەيدۇ گۇڭسەنداڭ!

-قاچان شۇنداق دېدى؟ نەدە شۇنداق دېدى؟ قايسى گۇڭسەنداڭ شۇنداق دېدى؟ ماڭا بىر كۆرسىتىڭا قېنى؟ مۇرات بىلەن مۆمىن شوجاڭنىڭ جېدىلىنى ھېچكىم ئاجراتمىدى. راستىنى ئېيتقاندا ھەممەيلەن مۇراتنىڭ دېگەنلىرىنى ياقلايتتى.

مۇرات بىردەمدىلا تارتمىسىدىن كىچىكرەك بىر كىتابچىنى چىقىرىپ مۆمىن شوجاڭنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.

-ئوبدان قارىسىلا، ماۋۇ گۇڭسەنداڭ چىقارغان قانۇن!

-كۆتۈرۈڭ ئۇ قانۇنىڭىزنى ئۇكام، ئۇنداق قانۇن دېگەن قىرائەتخانىدا تولا!

-كۆتەرسىلە سىلىمۇ شەنبە، يەكشەنبە ئىشلەيمىز دېگەن گەپلىرىنى! چاچ ئۆسسە بۈدرە بولىدۇ، ئوقۇتقۇچى ئۆسسە مۇدىر بولىدۇ، سىلىدەك لاتا قاسقاس شوجاڭمۇ جاھاندا تولا.

-مەن لاتا قاسقاس بولسام، سەن قىلامسەن ئەمىسە شوجاڭلىقنى؟

-قىلسام قىلدىم، قانچىلىك ئىشتى ئۇ شوجاڭلىق دېگەن.

-ئالە مەنە شوجاڭلىقنى!-مۆمىن شوجاڭ تارتمىسىدىن قەلەي قۇتىنىڭ ئىچىدە ساقلاۋاتقان مەكتەپ تامغىسىنى ئېلىپ مۇراتنىڭ چېكىسىگە ئاتتى. ئىشخانىدىكى جىمى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.

مۇرات يەنىلا ئېغىر-بېسىق ئولتۇراتتى.

-ماقۇل، تامغىنى ئاتتىلا، شوجاڭلىقنى ماڭا بەردىلە، شۇنداقمۇ؟

-بەردىم!

-شوجاڭلىقلىرىنى ئالدىم، بولدى ھېساب! ئەخلاقى تەربىيەنى باھالاشقا ئۆزۈم ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن، سىلە ئەر كىشى بولسىلا، ئەر كىشىگە لايىق غۇرۇرلىرى بولسا، ئۈچ-تۆت كۈن ئىشخانىغا، يوقىرىغا، يەنە بىرسىگە شوجاڭلىقىمنى تارتىۋالدى دەپ يىغلىماي ئولتۇرۇپ تۇرسىلا، ئەخلاقى تەربىيەنى يوقىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ شوجاڭلىقلىرىنى يەنە ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىمەن. ئەمىسە، مەن شوجاڭ بولۇپ قالدىم، قالغانلارمۇ ئاغزىمىزنى ئۈچ-تۆت كۈن يۇمۇپ تۇرۇپ تۇرايلى، خىزمەت دېگەننى قانداق ئىشلەيمىز بىر كۆرسىتىپ قوياي! بۈگۈن مۆمىن شوجاڭ مەكتەپنى بېقىپ تۇرسۇن، قالغانلار ئۇدۇل سايرامغا-مۇزات رېستۇرانىغا بارىمىز. مەن مېھمان قىلىمەن. بۇ كەم بولغاندا ئۆيگە بېرىپ نىكەمدە تاماق پىشۇرۇپ يەيسىلەر! شەنبە، يەكشەنبە ئوبدان ئارام ئېلىپ دۈشەنبە كۈنى ئىشقا ئۈلگۈرۈپ كەلسەڭلار بولىدۇ. يۇقىرىدىن ھەرقانداق جاۋابكارلىق كەلسە، ئاۋۇ داڭنى ئېسىپ قويغان ئۈجمىگە تەتۈر ئېسىپ سويىدىغان ئىش بولسىمۇ مەن ئىگە، ھەممە مەسئۇليەتنى تولۇق ئۆز ئۈستۈمگە ئالىمەن! قانداق مۆمىن شوجاڭ، مەكتەپ بېقىپ تۇراملا؟ يا سېلىمۇ بىز بىلەن باراملا؟

-ھەرقايسىڭلار بېرىڭلار، مەن تولا ئولتۇرغان ئۇنداق رېستۇراندا!

-بىز شوجاڭ بولمىغاندىكىن ئولتۇرالمىغان، بۈگۈن بىر ئولتۇرۇۋالايلى، ئەمىسە مەكتەپ سىلىگە قالدى. ئىسىمدە بار چاغدا دەپ قوياي، ئەمەت مۇئەللىم سىلىنىڭ تۈنۈگۈنكى سېرىق ئوغلاقلىرىنى دۈشەنبە كۈنى بالىلىرى يېتىلىگەچ كېلىپ، ماۋۇ مەكتەپنىڭ بېغىغا باغلاپ قويسۇن، ماقۇلمۇ-يا؟

-ماقۇل.

شۇنداق قىلىپ ھەممەيلەن موتوسىكىلىتلارغا مىنگىنىچە سايرامغا يۈرۈپ كەتتى. مۆمىن شوجاڭ دومسايغىنىچە مەكتەپتە تىكەندەك يالغۇز قىلىپ قالدى.

راست دېگەندەك، دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندىلا ناھىيەنىڭ ئەخلاقى تەربىيە باھالاش گۇرۇپپىسى مەكتەپ قورۇسىغا ماشىنا بىلەن كىرىپ كەلدى. مۇرات ئوقۇتقۇچىلارنى باشلاپ رەھبەرلەرنىڭ ئالدىغا خۇددى كونا ئەل-ئاغىينىلىرىنىڭ ئالدىغا چىققاندەك ھۇدۇقماي چىقىپ كۆرۈشتى.

-ھە مۇرات، مۆمىن شوجاڭ كۆرۈنمەيدىغۇ، ئۇ يوقما؟-دېدى يېزا مائارىپ ئىشخانا مۇدىرى مۆمىن شوجاڭنىڭ ئىشخانىدا تاماشا كۆرۈپ ئولتۇرغانلىقىدىن بىخەۋەر ھالدا،-تەكشۈرگۈچىلەرنى نەگە باشلايسىلەر!

-بار، بېغىمىزدا ئۈجمە بەك بەلەن پىشىپ كېتىپتۇ. باغقا كىرىپ ئۈجمىگە بىر ئېغىز تېگىڭلار، ئەتىگەندە بىر قېتىم ئۈجمە يىسە، ئادەمنىڭ ئۆمۈرى ئون يىل ئۇزىرايدۇ دەيدۇ.

-ئاۋال تەكشۈرىدىغاننى تەكشۈرۈۋېتىپ، ئاندىن يىمەيمىزمۇ ئۈجمىنى.

-ھېلى ھاۋا ئىسسىپ كەتسە، ئۈجمىنىڭ تەمى بولمايدۇ. ئاۋال ئۈجمىگە بىر ئېغىز تېگىپ، ئاندىن خىزمەت تەكشۈرمەمسىلە.

-شۇنداق قىلايلى، يېڭى يىل كىرگەندىن بېرى ئۈجمىگىمۇ ئېغىز تەگمەپتىكەنمىز.-رەھبەرلەر جىق تالاش-تارتىش قىلمايلا باغقا قەدەم ئالدى. ئىككى كۈننىڭ ياقى مەكتەپتە ئادەم بولمىغاچقا ئۈجمىلەر ھەقىقەتەن مەي باغلاپ پىشىپ كەتكەن ئىدى. باھالاشلار ئۈجمىگە خۇددى ھەسەلگە چاپلاشقان چىۋىنلەردەك تېگىش قىلىپ كەتتى. بىر چاغدا بىر تۈپ شاتۇتنىڭ يېنىدا ئوتلاۋاتقان سىمىز ئوغلاقنىڭ مەرىشى ھەمەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتتى.

-كىمنىڭ ئوغلىقى بۇ، ھەجەپ سەمىرىپ كېتىپتۇ.

- ئەمەت مۇئەللىمنىڭ ئوغلىقى، مەكتەپتىكىلەرگە سوياي دەپ، ئەكىلىپتىكەن، سىلەرنىڭ رىسقىڭلار باركەن. ھوي ئەمەت مۇئەللىم! بولسىلا، پىچاق ئاچىقسىلا! مۇشۇنداق چاغدا سويمىغان ئوغلاقلىرىنى قاچان سويىلا!

-ۋوي، ۋوي...! ئاچچىقنى يامان قىلمايلى. ئوغلاقنى كەچتە سويۇڭلار.

-سىلىگە سويمىغان ئوغلاقنى كىمگە سويىمىز، سىلە ئاران بىر كەلگەندە مەكتىبىمىزنىڭ ئۈجمە ئوتۇنىدا پىشۇرغان ئوغلاق كاۋىپىغا ئېغىز تەگمەي كەتسەڭلارمۇ قاملاشماس. ھوي نىجات ئاداش، قوشنىلارنىڭ ئۆيىدىن كاۋاپداندىن بىرنى تېپىپ چىقىڭلا.

-ئەمەت مۇئەللىم، ساڭا ئەجەل، ماڭا پەرمان، دەپ بوغۇزلىسىلا ئوغلاقنى !

تۆت مەكتەپنى كۆزدىن كۆچۈرۈشنى پىلانلاپ كەلگەن باھالاشلار ئۈجمەباغدا كۈننىڭ قانداق كەچ بولۇپ كەتكەنلىكىنى تۇيمايلا قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ئۈجمەباغ كەنتنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل يېزا مائارىپىنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆتۈپ كەتتى. مەكتەپلەردىكى پۈتكۈل ئوقۇتقۇچىلار، شۇنداقلا مائارىپ ئىشخانا مۇدىرى خۇددى زېممىسىدىكى بىر تاغنى چۆرىۋەتكەندەك يېنىكلەپ قالدى. مۇرات شۇ كۈنى كەچتىلا مەكتەپ تامغىسىنى مۆمىن مۇدىرغا قايتۇرۇپ بەردى. ئوغلاقنىڭ پۇلىنى مەكتەپتىكىلەر ئورتاق ئۈستىگە ئالدى...

ئاپتور: باي ناھىيە توقسۇن يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز