يېقىندا ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «كىشىلەر تاماقنى تېز يېسە، ئۇلارنىڭ سەمىرىپ كېتىش خەۋىپى ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ ھەسسە كۆپىيىپ كېتىدۇ. دېمەك، تاماقنى تېز يېيىش بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بۇنىڭغا يەنە بوي ئېگىزلىكى، بەدەن ئېغىرلىقى قاتارلىق ئامىللارمۇ چېتىلىدۇ». مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئوغۇللار تاماقنى تېز يېسە، سەمىرىپ كېتىش خەۋپى قىزلارنىڭكىدىن 2.77 ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى؛ تاماقنى تېز يەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەمىرىپ كېتىش خەۋپى نورمال ئوقۇغۇچىلارنىڭكىدىن 4.4 ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى دەلىللىدى، بىر يەنە تاماقنى تېز يەيدىغانلارنىڭ سەمىرىپ كېتىش خەۋىپى ياغلىق يېمەكلىك يەيدىغانلارنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى بايقىدۇ».