مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىغا يېڭىدىن ئۈندىدار ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئۇسۇلى قوشۇلغان.
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ياكى ئاتا-ئانىلار «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» (xjzs140304) ئاممىۋى ئۈندىدار سۇپىسىنى قوشۇپ، «نەتىجە سۈرۈشتۈرۈش» كۆرۈنمە يۈزىگە ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە رەتكە تىزىلىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلالايدىكەن.