تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئەخمەتجان ئابدۇللا بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا

ئەخمەتجان ئابدۇللا بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا




بۇزۆھرا ئەخمەت

( قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتى 2009-يىللىق 1-سىنىپ  ئوقۇغۇچىسى)




  بالىلار چۆچەكلىرى بالىلار ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم ژانىرلارنىڭ بىرى بولۇپ، بالىلىق دۇنيا چۆچەكتىن ئايرىلالمايدۇ. چۈنكى، «بالىلار چۆچەك ئوقۇش ئارقىلىق دۇنيانى تونۇيدۇ، ئۆزىنى تونۇيدۇ. چۆچەك بالىلارغا ئۆزىنىڭ چۈش بىلەن رېئاللىق ئارىسىدىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلدۇرالايدۇ. چۆچەك بالىلارنىڭ چۈشىدەك گۈزەل، بەلكىم چۈشىدىنمۇ گۈزەلدۇر »①. شۇڭا، بالىلار ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەر ئىچىدە چۆچەك ئىجادىيىتى خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بىرى بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى ئىچىدە مەخسۇس چۆچەكچىلىك ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، مول-ھوسۇلغا ئېرىشكەن بىر قىسىم يازغۇچىلار مەيدانغا كەلدى. شۇلارنىڭ بىرى ياش بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى ئەخمەتجان ئابدۇللادۇر.    ئەخمەتجان ئابدۇللا 1981-يىلى 7-ئايدا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسىدا تۇغۇلغان. 2000-يىلى خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ، توخۇلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان. ھازىرغا قەدەر ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ «چۆچەك ئېيتالايدىغان قاپاق»، «مۇنەججىم توشقان»، «ئۇر توقماقنىڭ ئاقىۋىتى»، «يۇلتۇز قىز»، « چېچەن ئوغلاق ».  .  . قاتارلىق بالىلار چۆچەكلىرى توپلاملىرى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى  ۋە قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى  تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، كەڭ ئوقۇرمەن بالىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا ماس كېلىدىغان چۆچەكتىن ئىبارەت بۇ ژانىر بىر تەرەپتىن بالىلارغا روھىي ئازادىلىك ۋە جۇشقۇنلۇق بەخش ئېتىپ، شادلىق بېغىشلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى غىدىقلاپ، ئۇلارنىڭ گۈزەل غايە تىكلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە چۆچەكتە ئىپادىلەنگەن چوڭقۇر مەنىلىك، راۋان، ئاممىباب، قىزىقارلىق تىللار بالىلارنىڭ تىل قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە مەنتىقىلىق تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. بۇ نۇقتىنى ياخشى بىلىدىغان بالىلارنىڭ سۆيۈملۈك دوستى ئەخمەتجان ئابدۇللا بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ ۋەقەلىكى قىزىقارلىق، ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولۇپ، مەزمۇن ۋە بەدىئيلىك جەھەتتە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە: 

بىرىنچى، مەزمۇن جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى

    1. رىۋايەت تۈسىنىڭ قويۇق بولۇشى ئەخمەتجان ئابدۇللا بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى.   بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ سۈت ئانىسى بولغان خەلق چۆچەكلىرى خەلق ئىچىدە كەڭ تارقالغان ئەپسانە-رىۋايەتلەرنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، خەلق ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن خەلق ھېكايىلىرى ۋە چوڭلارنىڭ بالىلار ئۈچۈن ئىجاد قىلىپ بەرگەن خىياللاشقان ھېكايىلەرنى ئۆز ئىچىگە  ئالغان بالىلار چۆچەكلىرىمۇ ئەپسانە-رىۋايەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدىن ئىبارەت. يەنى بالىلار چۆچەكلىرى قەدىمكى ئەپسانە-رىۋايەتلەرنىڭ تۇرمۇشقا يىقىنلىشىشى ھەم سەنئەتلىشىشى بولۇپ، نوقۇل ئەپسانە-رىۋايەتنىڭ ئۆزى ئەمەس. ئەخمەتجان ئابدۇللا بالىلار چۆچەكلىرى ئىچىدە مۇشۇنداق رىۋايەت تۈسى قويۇق چۆچەكلەرمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. مەسىلەن: «مۇنەججىم توشقان» ناملىق توپلامدىكى « چاشقان ھەققىدە رىۋايەت» دېگەن چۆچەكتە چاشقان نا مېنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە رىۋايەت خاراكتېرلىك مۇنداق بىر چۆچەك توقۇيدۇ. يەنى «بۇرۇنقى زاماندا خەلقى ئىشچان بىر يۇرت بولۇپ، ئاشلىقى مول ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بېرىدە ئۇلارنىڭ ئاشلىق ئامبارلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئوزۇق-تۈلۈكلەر ھەريان چېچىلىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خەلق ئاشلىقنى چاچقان بۇزغۇنچىنى تۇتۇشقا ئاتلىنىپ، ئۇنى تۇتۇپ قارىسا، ئۇ كىچىككىنە بىر جانۋار ئىكەن. ئەمما، ئۇنىڭ نامىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن. شۇ چاغدا يۇرت خانى گۇناھكارنى سوراق قىلىش ئۈچۈن ‹ئاشلىقنى چاچقان گۇناھكار ئوردىغا كەلتۈرۈلسۇن› دەپ يارلىق قىپتۇ. بۇ يارلىق جاكارچىلار تەرىپىدىن كەينى-كەينىدىن ‹ئاشلىقنى چاچقان كەلتۈرۈلسۇن... چاچقان كەلتۈرۈلسۇن، چاشقان كەلتۈرۈلسۇن... چاشقان...› دەپ جاكارلىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىسمى‹چاشقان› بولۇپ قالغانمىش» ②. مانا بۇ چۆچەكتە چاشقاننىڭ ئىسمى ۋە ئۇنىڭ خاراكتېرىگە ماسلاشقان ۋەقەلىك شۇنداق ياخشى ئىپادىلەنگەن. يەنە شۇ توپلامدىكى«قۇشقاچ» (شېئىرىي چۆچەك) ۋە « يۇلتۇز قىز» ناملىق توپلامدىكى « ‹ئات›نىڭ ھېكايىسى»، «سۇناي ھەققىدە رىۋايەت»، «ئالما ھەققىدە رىۋايەت» قاتارلىق چۆچەكلەردىمۇ قۇشقاچ، ئات، سۇناي، ئالما قاتارلىقلارنىڭ نا مېنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئوخشاشلا رىۋايەت شەكلىدە، قايىل قىلارلىق ئىپادىلەپ بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە « مۇنەججىم توشقان» ناملىق توپلامدىكى «قار ئەسلىدە ئۇن ئىدى» ناملىق شېئىرىي چۆچەكتە خەلق ئىچىدە كەڭ تارقالغان « بۇرۇن  ئاسماندىن قار ئورنىغا ئۇن ياغىدىكەن. كېيىن بىر ئايال بالىسىنىڭ تەرىتىنى ئۇنغا سۈرتكەچكە، تەڭرىنىڭ غەزىپى كېلىپ، ئۇن ئورنىغا قار ياغدۇرىدىغان بوپتۇ » دېگەن رىۋايەتنى «قارنىڭ قېلىن يېغىشى مول-ھوسۇلدىن بىشارەت»  دېگەن ماقالغا بىرلەشتۈرۈپ، بالىلارنى گۈزەل بىر رىۋايەت دۇنياسىغا باشلىسا، «چۆچەك ئېيتالايدىغان قاپاق» ناملىق توپلامدىكى «چۆچەك ئېيتالايدىغان قاپاق» دېگەن چۆچەكتە، ئادەمنىڭ ئۆكۈز بىلەن بۇغداي تېرىپ، بۇغداي بىلەن ساماننى بۆلۈشكەنلىكى ھەققىدىكى رىۋايەتنى چۆچەكلەشتۈرۈپ بايان قىلىدۇ.   ئومۇمەن، ئەخمەتجان ئابدۇللا بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىدا ئەپسانە، رىۋايەت تۈسى قويۇق بولۇپ، بۇ خىل ئالاھىدىلىك بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا ماس ھالدا ئۇلارنىڭ «نېمە ئۈچۈن» لىرىگە جاۋاب تېپىشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق.   2. ئەخمەتجان ئابدۇللا بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ تەمسىللىك خاراكتېرى كۈچلۈك. «بالىلار چۆچىكى بالىلارنىڭ ئوي-خىيال، تەسەۋۋۇرىدىكى گۈزەل دۇنياسى»③. بالىلار چۆچەك ئاڭلاپ چوڭ بولىدۇ، ئۆزى ئاڭلىغان ياكى ئوقۇغان چۆچەك دۇنياسى ئىچىدە مول تەسەۋۋۇر ھەم ئاجايىپ ھاياجانغا چۆمۈپ، چۆچەك پېرسوناژلىرىنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق « ساختىلىق، يامانلىق، رەزىللىك ئىللەتلىرىگە نەپرەت ئوقۇسا، چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىك خىسلەتلىرىگە تەلپۈنۈپ، ئۆزىدە شۇ خىل خىسلەتنى يېتىلدۈرۈشكە ئىنتىلىش»④بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ مۇھىم بىر خۇسۇسىيىتىدۇر. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا، ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ بالىلار چۆچەكلىرىدە بالىلارنى چۆچەك ۋەقەلىكى ۋە پېرسوناژلار ئوبرازى ئارقىلىق تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارغا گۈزەللىك تەربىيەسى بېرىش ئاساسەن تەمسىللىك خاراكتېرىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. يەنى ھەر بىر چۆچەك ئاخىرلاشقاندا مەلۇم بىر ھېكمەتنى، بىرەر ماقال-تەمسىلنى خۇلاسىلەپ چىقىپ، ياخشىلىق، گۈزەللىكنىڭ رەزىللىك، خۇنۈكلۈكتىن ھامان ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى چۆچەك ئوبرازلىرى ۋە ناھايىتى قىزىقارلىق ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق كۆرسىتىپ بەرگەن. مەسىلەن:  «يۇلتۇز قىز» ناملىق چۆچەكتە «توختى» ئىسىملىك بىر پىخسىق باينىڭ خەلقنى ئالداپ ئىشقا سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىش ئورنىغا ئۇلارنى ئالداپ، ھېچكىم ئاياغ باسمىغان تىلسىم ماكان «مازار تاغ»دا نۇرغۇن بايلىق بار دەپ يولغا سېلىپ قويۇپ، كەينىدىن ئۆزى خەقنى يىرتقۇچلارغا يەم قىلىپ بىراقلا قۇتۇلۇش نىيىتىدە توقۇپ چىققان «بايلىق» توغرىسىدىكى يالغانغا ئۆزى ئىشىنىپ، «مازار تاغ»قا بارماقچى بولغانلىقى ھەم سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن نەزىر بەرمەكچى بولۇپ قازانغا ياغ قويۇۋاتقاندا، قازان تېشىلىپ كېتىپ، ئۆيىگە ئوت كېتىپ، پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە كۆيۈپ ئۆلگەنلىكىدەك چۆچەك ۋەقەلىكى ئارقىلىق، «نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك»  دېگەن تەمسىلنى يەكۈنلىسە، شۇ توپلامدىكى  « تۆھمەتخۇر قاغا»  دېگەن چۆچەكتە خەلقىمىز ئارىسىدا شۇملۇق ۋە بالا-قازانىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدىغان قاغىدىن ئىبارەت بىر قۇشنىڭ بىگۇناھ ھوقۇشقا ھەسەت قىلىپ، ئۇنى يۇرتتىن قوغلاش ئۈچۈن تۆھمەت چاپلىغاندا، ھەقىقىي ئەھۋال ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، قاغا جازالىنىپ، كۆمۈركانغا سۈرگۈن قىلىنغانلىقى سەۋەبلىك رەڭگىنىڭ قارا بولۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، بالىلارنى باشقىلارغا يامانلىق قىلماسلىققا ئۈندىگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە بىز تىلغا ئالغان توپلاملاردىكى چۆچەكلەرگە نەزەر سالساق، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چۆچەك ۋەقەلىكى ئارقىلىق بىرەر ماقال-تەمسىل ياكى ھېكمەتنى يەكۈنلەپ، باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش تۈرىدىكى چۆچەكلەر خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ.   3. كۈچلۈك مىللىي پۇراق ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى سىڭدۈرۈلگەن. ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ چۆچەكلىرىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، تاللىۋالغان پېرسوناژلىرىدىن باشلاپ پېرسوناژ تەسۋىرلىرىگىچە مىللىي پۇراققا تويۇنغانلىقىنى بايقايمىز. يەنى يازغۇچى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئەزەلدىن تونۇش بولغان نەسىردىن ئەپەندى، چىن تۆمۈر باتۇر، مەختۇمسۇلا قاتارلىق ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئوبرازلاردىن باشقا، ھايۋاناتلار باش پېرسوناژ قىلىنغان چۆچەكلىرىدىمۇ غايىۋى، ئەپسانىۋى ھايۋانلارنى ئەمەس، ئەكسىچە رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە تونۇشلۇق بولغان ئات، ئېشەك، ئۆچكە، توشقان، توخۇ، قاغا، ھوقۇش، ھۆپۈپ قاتارلىق ھايۋان ۋە قۇشلارنى پېرسوناژ قىلىپ تاللىۋالغان، ھەتتا «توختەك باي» ناملىق چۆچەكتىكى خىزىر ئوبرازىنىمۇ ئاۋۋال بىر كۆك بۆرە قىياپىتىدە، ئادەمگە ئۆزگەرگەندە بولسا ئۇچىسىغا كانۋاي كۆڭلەك، بېشىغا بادام دوپپا كىيگەن قىران يىگىت ھالىتىدە تەسۋىرلىگەن بولسا، «ئالما ھەققىدە رىۋايەت» ناملىق چۆچەكتىكى خىزىر قىز ئوبرازىنى «چېچى قىرىق تال ئۆرۈلگەن، بېشىغا نەپىس گىلەم دوپپا، ئۇچىسىغا ھەسەن-ھۈسەندەك رەڭدار ئەتلەس كۆڭلەك كىيگەن»⑤ قىياپەتتە تەسۋىرلەيدۇ. بۇنداق تەسۋىر ھەم ئوبرازلارنىڭ يارىتىلىشى ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ چۆچەكلىرىنى مىللىيلىككە ئىگە قىلغاندىن باشقا، ئۇنىڭ چۆچەكلىرىدىكى ۋەقە يۈز بەرگەن، پېرسوناژلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان سورۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى « قاراقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى»، «قاراقاش دەرياسىغا يانداشقان بەھرام ئۆستىڭى»، «مازار تاغ ئەتراپى»، «سەھۋالىم تېغى» قاتارلىق جايلار دەپ كۆرسىتىلىشى ئۆزىگە تونۇش مۇھىتنى يېزىشنى مەقسەت قىلغانغا قارىغاندا، كۆپرەك ئۆز يۇرت-مەھەللىسىگە، ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ھەم ياشاۋاتقان ماكانىغا بولغان مېھرى-مۇھەببەتنى، ئۆز يۇرتىغا بولغان سۆيۈنۈش ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ  دېگەن تۈزۈك. «ۋەتەنپەرۋەرلىك كونكرېت بولىدۇ، ۋەتەننى سۆيۈش ئۆز يۇرت-مەھەللىسىنى سۆيۈشتىن باشلىنىدۇ»  دېگەن بىر سۆزنى ئاڭلىغىنىم ئېسىمدە. ئەستايىدىل ئويلاپ باقساق، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئاساسى بار گەپ. چۈنكى، ئۆزى تۇغۇلغان يۇرتنى قەدىرلەشنى بىلمىگەن ئادەمنىڭ ۋەتەننى سۆيۈشىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟ بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئەخمەتجان ئابدۇللا چۆچەكلىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئوقۇرمەن بالىلارنىڭ ئۆز يۇرتىغا بولغان پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى غىدىقلاشتىن باشلانغان. دېمەك، چۆچەك ۋەقەلىكى يۈز بەرگەن جاينى بۇنداق كونكرېت تەسۋىرلەش، «بۇرۇنقى زامان، خىلۋەت بىر ماكاندا» دەپ مەۋھۇم تەسۋىرلىگەنگە قارىغاندا بالىلارغا تېخىمۇ يېقىن تويولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتىغا، جۈملىدىن ۋەتىنىگە بولغان سۆيۈنۈش، ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. 4. مول بىلىم ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېڭى سىڭدۈرۈلگەن.    قىزىقارلىق چۆچەك ۋەقەلىكى ئارقىلىق بالىلارغا بىلىم بېرىش بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى. جۈملىدىن بالىلار چۆچەكلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئەخمەتجان ئابدۇللا بالىلار چۆچەكلىرى ئىچىدە ئىلمىي چۆچەكلەرمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. مەسىلەن: «مۇنەججىم توشقان» ناملىق ناملىق توپلامدىكى «ئۆچكە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۆچەت تىكىشى» دېگەن چۆچەك بىلەن «ئورمان دوختۇر» ناملىق چۆچەكتە ئۆچكە بوۋاينىڭ تىلىدىن بېرىلگەن بايانلار ئارقىلىق، ئورماننىڭ يەر شارى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە ئىنسانلار تۇرمۇشىدىكى رولى ئىلمىي ئاساستا چۈشەندۈرۈلگەن بولسا، «چېچەن ئوغلاق» ناملىق چۆچەكتە ئاق توشقاننىڭ كۆزى نېمىشقا قىزىل بولىدىغانلىقى ۋە تۇرنىنىڭ سەپ بولۇپ ئۇچۇشىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئۆچكە ۋە توشقانلار تىلىدىن ناھايىتى قايىل قىلارلىق ھەم ئىلمىي ئاساستا چۈشەندۈرگەن. بۇ، بالىلارنىڭ تەبىئەت ھەم جانلىقلار ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئىگىلىشىگە پايدىلىق. ئۇندىن باشقا، ئەخمەتجان ئابدۇللا يەنە ئۆز چۆچەكلىرىدە يەر شارى خاراكتېرلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بۇزۇلۇشىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە مۇھىت ئاسراش چاقىرىقىغا يېقىندىن ياندىشىپ، بۇ ھەقتىكى بىلىملەرنى چۆچەكلىرىگە سىڭدۈرىۋەتكەن. بۇنداق ئالاھىدىلىك يۇقىرىقى ئۈچ توپلامدىكى ھەر بىر چۆچەكتە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە (بەزىسىدە باشقا ۋەقەلىكلەرگە ياندىشىپ، بەزىسىدە خېلى ئېنىق) ئىپادىلەنگەن. «چۆچەك ئېيتالايدىغان قاپاق» ناملىق توپلامدىكى «كاپ-كاپ كۈچۈكنىڭ ھېكايىسى» ناملىق چۆچەككە قارايدىغان بولساق، بۇ چۆچەكتە يازغۇچى باشتىلا «جانلىقلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ، تەبىئەت دۇنياسى نامراتلىشىۋاتقان ئاۋغۇست كۈنلىرىنىڭ بېرىدە چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ئوۋ خۇمارى يەنە تۇتتى»⑥دەپ  باشلايدۇ. بۇ ئارقىلىق جانلىقلارنى قالايمىقان ئوۋلاش سەۋەبلىك تەبىئەتنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بېرىپ، ئاخىرىدا «كاپ-كاپ كۈچۈك ۋە مۈشۈكتاي» لارنىڭ نامىدا يېزىلغان بىر پارچە سالام خەت ئارقىلىق ئەسلى ئىنسان بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەت بارلىقى، جۈملىدىن ئىنسانلار تەبىئەت دۇنياسىدىن ناھايىتى كۆپ نەپ ئالىدىغانلىقى، ئۇلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋاپاسىزلىق، سېپى ئۆزىدىن تۇزكورلۇق ھەم ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلىش بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ئوقۇرمەن بالىلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ، مۇھىت ئاسراش ئېڭى يېتىلدۈرۈشىنى پايدىلىق ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. 5. چۆچەكتىن چۆچەك چىقىرىش ئەخمەتجان ئابدۇللا بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى.    باشتا دېيىلگەندەك، ئەخمەتجان ئابدۇللا چۆچەكلىرىنىڭ پېرسوناژلىرى ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكى بالىلارغا تونۇش بولغان چىن  تۆمۈر باتۇر، مەختۇمسۇلا، ھەم ئۇلارنىڭ ئەرمەك ھايۋانلىرى بولغان كاپ-كاپ كۈچۈك، پۇش-پۇش مۈشۈك قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلار بەزىدە بىرلىكتە، بەزىدە ئايرىم چۆچەكلەردە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئەسلى چۆچەكتىكى ئورنى ۋە خاراكتېرى ئۆزگەرمەيدۇ. مەسىلەن: «مۇنەججىم توشقان» ناملىق توپلامدىكى «خاسىيەتلىك ئالما »  دېگەن چۆچەكتە تەسۋىرلەنگەن مەختۇمسۇلانىڭ ئالمىسى ۋە يالماۋۇزدىن خاسىيەتلىك ئالمىنى تارتىۋېلىش جەريانىدىكى ۋەقەلىكلەر ئەسلى چۆچەك ۋەقەلىكىگە يانداشقان ھالدا تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بۇ چۆچەكتىن چۆچەك چىقىرىش ئالاھىدىلىكىنىڭ بىر مىسالى. ئۇنىڭدىن باشقا، « تاشپاقا بىلەن توشقاننىڭ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى »  دېگەن چۆچەك ئاساسىدا يېزىلغان «توشقاننىڭ كالپۇكى نېمىشقا يېرىق» («مۇنەججىم توشقان» ناملىق توپلام)  دېگەن چۆچەك بىلەن «تايچاقنىڭ دەريادىن ئۆتۈشى» ناملىق چۆچەك ئاساسىدا يېزىلغان «تايچاق ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى»(«چۆچەك ئېيتالايدىغان قاپاق»ناملىق توپلام) قاتارلىق چۆچەكلەرمۇ بۇ ئالاھىدىلىككە مىسال بولالايدۇ. چۆچەكتىن چۆچەك چىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدىلىك بىر تەرەپتىن، بالىلارغا تونۇش بولغان ۋەقە ھەم پېرسوناژلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى ئاشۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، بالىلارنىڭ باغلانما تەسەۋۋۇرىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. 6. ئەخلاق-پەزىلەت، ۋاپادارلىق، ئىناقلىق تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.    بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ ئەخلاقىي-پەزىلەت تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش ئۇلارنىڭ ئادىمىيلىك جەھەتتە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان ئامىللارنىڭ بىرى. ئەمما، بۇنداق تەربىيە بىۋاسىتە ئېلىپ بېرىلغانغا قارىغاندا، ئوبراز ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، بالىلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلسا، مېنىڭچە بۇنىڭ ئۈنۈمى ئالدىنقىسىغا قارىغاندا ياخشى بولىدۇ. چۈنكى، بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ  رولىدىن قارىغاندا، بالىلار چۆچەكلىرى بالىلارنى تەربىيەلەشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى بولۇپ، بالىلارنى زوقلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى تونۇتۇش رولىنى ئوينايدۇ. بالىلارنىڭ پىسخىكىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى دوراش خاھىشى كۈچلۈك بولۇپ، بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى، جۈملىدىن بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ بالىلار چۆچەكلىرىدە بۇنداق تەربىيەۋى قىممەتكە ئىگە مەزمۇنلارمۇ مۇۋاپىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مەسىلەن، ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بولۇش، سەمىمىيلىك، ئاق كۆڭۈللۈك، دوستلۇقنى قەدىرلەشكە ئوخشاش مەزمۇنلار ئىپادىلەنگەن چۆچەكلەردىن «خاسىيەتلىك ئالما» ناملىق چۆچەكتىكى ئەما بولۇپ قالغان ئانىسىنى ساقايتىش ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتكە باش ئەگمىگەن سادىر ئوبرازى، «تايچاق ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى» ناملىق چۆچەكتىكى تايچاق قاتارلىقلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىدىن بۇنداق ئالاھىدىكنى كۆرۈۋالالايمىز.  

ئىككىنچى، بەدىئىيلىك جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى

ئەخمەتجان ئابدۇللا بالىلار چۆچەكلىرىدە مەزمۇن جەھەتتىكى  يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىكلەردىن باشقا، بەدىئىيلىك جەھەتتىمۇ ئۆزىگە خاس بەزى ئالاھىدىلىكلەر مەۋجۇت بولۇپ، بۇنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ:  1. تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى   ئەخمەتجان ئابدۇللا بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ تىلى يەڭگىل، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، شېئىرىي تۇيغۇغا باي بولۇپلا قالماي، ماقال-تەمسىللەرنى خېلى كەڭ قوللانغان. ئوقۇرمەن بالىلار چۆچەكلىرىنى ئوقۇش ۋە چۈشىنىشتە ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇلار چۆچەكنى ئوقۇغانچە ئۆزىنىڭ تىل بايلىقىنى ئاشۇرالايدۇ. بۇ جەھەتتە يازغۇچىنى خېلى كۈچىگەن دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ چۆچەكلىرىدە تىلغا ئېلىنغان ماقال-تەمسىللەر شۇنچىلىك كۆپكى، بىز ماقال-تەمسىل ئىشلەتمىگەن چۆچەكنى ئاساسەن ئۇچراتمايمىز، ھەتتا بەزى چۆچەكلىرىدە بىر نەچچە ماقال-تەمسىل ئىشلەتكەن ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. ماقال-تەمسىلنى ئىشلەتكەندىمۇ تومتاقلا دەپ قويماستىن، چۆچەك ۋەقەلىكىگە  بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۇنىڭ مەنىسىنى شەرھلەپ بەرگەن. مەسىلەن، «يۇلتۇز قىز» ناملىق توپلامدىكى «ھورۇن ئېشەكنىڭ يۈكى ئېغىر»  دېگەن چۆچەكنى ئېلىپ ئېيتساق، ئورماندا ئىناق ياشايدىغان بىر توپ ھايۋانلارنىڭ قىشنىڭ غېمىنى قىلىش ئۈچۈن ئىش تەقسىم قىلىۋاتقاندا ئېشەكنىڭ جاپادىن قورقۇپ تۈگۈلۈپ ياتقان ھالىتىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن « قېرى ئۆچكە جان بىلەن قالسا، ئەيسا قاسساپ ياغ بىلەن قاپتۇ»  دېگەن تەمسىلنى ئىشلەتكەن بولسا، ئېشەكنىڭ باشتا ھورۇنلۇق قىلىپ جىم تۇرۇۋېلىپ، كېيىن ئىشنىڭ ئېغىرى ئېشىپ قالغانلىقىنى «ھورۇن ئېشەكنىڭ يۈكى ئېغىر» دېگەن تەمسىل ئارقىلىق خۇلاسىلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە تىل جەھەتتە قاپىيەلىك سۆزلەرنى ئىشلەتكەن بولۇپ، بىز ئەخمەتجان ئابدۇللا چۆچەكلىرىنى ئوقۇغىنىمىزدا، « باھار كېتىپ ياز كەلگەن، ئۆردەك كېتىپ غاز كەلگەن…»، « بۇ ئىش ئاياقتىكى ئاشتەك، ئېرىقتىكى تاشتەك ئايان تۇرسا…» دېگەندەك سۆزلەرنى دائىم ئۇچرىتىمىز، بۇ، تىل جەھەتتىكى بىر ئالاھىدىلىك بولۇپ، بالىلارنىڭ تىل بايلىقى ۋە سۆز قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. 2. شېئىر بىلەن نەسرىي باياننى بىرلەشتۈرۈش ئەخمەتجان ئابدۇللا چۆچەكلىرىنىڭ يەنە بىر ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى. ئەخمەتجان ئابدۇللا چۆچەكلىرىدە شېئىر بىلەن نەسرىي بايانلار ناھايىتى  زىچ بىرلىشىپ كەتكەن. يەنى ئاساسىي ۋەقەلىك بايانى نەسرىي شەكىلدە يېزىلىپ، دىئالوگلار شېئىرىي بايان ئارقىلىق بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ چۆچەكلەردە ئىشلىتىلگەن شېئىرىي بايانلار قوشاق شەكلىگە يېقىن بولۇپ، بالىلارنىڭ تىلىغا يېپىشىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: «مۇنەججىم توشقان» ناملىق توپلامدىكى «چېچەن ئوغلاق» دېگەن چۆچەكتە ئوغلاقنىڭ تىلىدىن بېرىلگەن مۇنۇ مىسرالارغا قاراپ باقايلى:قارا  موما، ئاسمانغا، سەپ-سەپ بولۇپ غاز كەپتۇ. سەن ئېيتقاندەك قىش كېتىپ، يۇرتىمىزغا ياز كەپتۇ. كۆكلەر ئەمدى باغ-ۋاران، كۆكلەر ئەمدى بۇ جاھان. بەھرام ئۆستەڭ بويىدا، ئوينايمىز بىز شادىمان. مانا بۇ مىسرالاردىكى ياز كېلىشى بىلەن يۇرتقا كەلگەن تۇرنىلارنى كۆرۈپ، خۇش بوپ كەتكەن چېچەن ئوغلاقنىڭ مومىسىغا ئۆز خۇشلۇقىنى بايان قىلىۋاتقاندىكى سۆزلىرى بولۇپ، شۇنداق تەبىئىي ھەم رېتىملىق بۇ قوشاق يازغۇچىنىڭ ئۆزگىچە بەدىئىي دىتىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇلا ئەمەس، بۇنداق شېئىر بىلەن نەسرىي بايان بىرلەشتۈرۈلگەن بايان ئۇسۇلى ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ ھەممە چۆچەكلىرىدە دېگۈدەك ئۇچرايدۇ. بالىلار چۆچەكلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا شېئىر بىلەن نەسرىي باياننىڭ  كىرىشتۈرۈلۈپ قوللىنىلىشى بىر تەرەپتىن بالىلارنىڭ  ئەستە تۇتۇشىغا پايدىلىق بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ تىل ھەم تەپەككۇر بايلىقىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. چۈنكى، تەپەككۇر جەھەتتە تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغان ئۆسمۈر بالىلارغا نىسبەتەن  ئۇزۇن، مۇرەككەپ جۈملىلەر ئىشلىتىلگەن ئەسەرلەرگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىش سەۋىيەسىگە، چۈشىنىش ئىقتىدارىغا  ماس ھالدىكى  بۇنداق يەڭگىل قوشاقلار تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ. 3. قۇرۇلمىسى ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىغا يانداشقان بولۇپ، باشتىن-ئاخىر ئىزچىللىققا ئىگە.   ئەخمەتجان ئابدۇللا بالىلار چۆچەكلىرىگە قارايدىغان بولساق، قۇرۇلما جەھەتتە بىر خىل ئىزچىللىقنى بايقايمىز. يەنى ھەر بىر چۆچەك باشلىنىشتا ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنىڭ باشلاش شەكلىدە  يېزىلغان. مەسىلەن، ئاپتورنىڭ تۇنچى توپلىمى «چۆچەك ئېيتالايدىغان قاپاق» ناملىق توپلامدىكى ئاپتورنىڭ تەرجىمىھالىمۇ چۆچەك شەكلىدە يېزىلغان. يەنى « قاراقاش دەرياسىغا ياندىشىپ ئاقىدىغان بەھرام ئۆستىڭى بويىدا، بىر قەدىمى مەھەللە بولغانىكەن.  .  . » مانا مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن ئۆز تەرجىمىھالىنى يازغاندىن باشقا يەنە، « بار ئىكەن، يوق ئىكەن.  .  . »  دېگەندەك گەپلەر بىلەن چۆچەكنى باشلاپ، ئاخىرىدا « بۇ چۆچەكنىڭ دەۋرىمىزگە باغلىنىشىدىكى سەۋەب شۇكى، .  .  . » دېيىش ئارقىلىق، بۈگۈنكى دەۋرگە باغلاپ خۇلاسە قىلىش ئەخمەتجان ئابدۇللا چۆچەكلىرىدە ئاساسەن ئىزچىللىققا ئىگە.   دېمەك، ئەخمەتجان ئابدۇللا بالىلار چۆچەكلىرى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بىر قاتار ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا بالىلار چۆچەكلىرىدىن پەرقلىق ھالدا كەڭ ئوقۇرمەن بالىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا سازاۋەر بولۇپ كەلدى. ئىزاھاتلار:①«يۇلتۇز قىز» ناملىق توپلام مۇقاۋىسىنىڭ 4 – بېتىدىكى «ئاپتور ھەققىدە سۆز». ② «مۇنەججىم توشقان» ناملىق توپلام، 61-بەت.  ③«بالىلار ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، 391-بەت. ④«بالىلار ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، 398-بەت. ⑤«يۇلتۇز قىز» ناملىق توپلام، 13-بەت. ⑥«مۇنەججىم توشقان» ناملىق توپلام، 63-بەت. ⑦«چۆچەك ئېيتالايدىغان قاپاق» ناملىق توپلام، 82-بەت،   پايدىلانغان ماتېرىياللار:1. تۇرسۇن قۇربان قاتارلىقلار تۈزگەن: « بالىلار ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2005يىلى 1-نەشىرى. 2. ئەخمەتجان ئابدۇللا : « چۆچەك ئېيتالايدىغان قاپاق»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2006-يىلى 1-نەشىرى. 3. ئەخمەتجان ئابدۇللا: «مۇنەججىم توشقان»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2009-يىلى 1-نەشىرى. 4. ئەخمەتجان ئابدۇللا: «يۇلتۇز قىز»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2011-يىلى 1-نەشىرى.


 مەنبە: «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلى

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز