ئامانگۈل نىياز
يېڭى ياش، يېڭى ئەقىل ھەدىيە قىلغۇچى يېڭى يىلنى ياخشى كۆرىمەن. ياش قانچە چوڭايسا يىلنىڭ قەدرى شۇنچە ئاشىدىكەن، ئارمانلارمۇ كۆپىيىپ، جىددىيلىك كوچىسىغا باشلايدىكەن. ئاشۇ جىددىيلىك ئىچىدە يېڭى يىلنىڭ مەخپىي شىفىرىنى يېشىشكە تىرىشتىم.
بەخت تەختىدە كېرىلىپ كەتمەسلىك، بەختسىزلىك دەرگاھىدا ئۈمىدنى ھەمراھ قىلىش مەخپىي شىفىرنى يېشىشنىڭ يولى. بەزى كىشىلەر يېڭى يىلغا چىلانغان ئۈمىد سىياھلىرى بىلەن ئوڭۇشسىزلىق مىنۇتلىرىنىڭ يەكۈنلۈك خەرىتىسىنى سىزدى، بەزى كىشىلەر يېڭى يىلنىڭ زىل تارىسى سېلىنغان ئۈمىد ساتارى بىلەن بۈيۈك ئارمانلىرىنىڭ مېلودىيەسىنى ياڭراتتى، ئەمما يېڭى يىلغا قايغۇ – ھەسرەتلىرىمنى قۇل، ھاياتىي كۈچكە تولغان پاراسىتىمنى ھۆكۈمران قىلاي دېدىم. چۈنكى يېڭى يىلنىڭ ئۈمىد پارلىغان لەۋلىرى، بەرىكەت ۋە گۈزەللىك سۇنغان قوللىرى قەھرىتاندا يۈرەك رەڭگىدە كۆرۈندى. بۇ يۈرەك ئۈمىد ئىدى. بۇ ئۈمىدنى كۆرمەي كۆز ياشلىرىغا چىلىنىپ، ھەسرەتلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا مۈكچىيىپ قالىدىغانلار بەختسىزلەردۇر. كونا يىلدا بەلكىم يوقاتقانلىرىمىز كۆپتۇر، ئەمما ئۇ مەڭگۈلۈك يوقىتىشنىڭ بەلگىسى ئەمەس، بەلكى يېڭىچە ئېرىشىشنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر. يېڭى يىلدىن ئىبارەت بۇ ئۈمىد بېغىدا ئاپئاق چېچەكلەرنى، ياپيېشىل يوپۇرماقلارنى، قىپقىزىل مېۋىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ، قايسى مېۋىگە ئېغىز تېگىش ئىرادىگە باغلىق. ئىرادە بولسىلا ياخشى كۆرگىلى بولىدۇ. ياخشى كۆرۈش جىمى قىيىنچىلىقنى يېشىشنىڭ مەخپىي شىفىرىدۇر. مەن بۇ مەخپىي شىفىرنى تاپتىم. شۇڭا مەن يېڭى يىلنى راستىنلا ياخشى كۆرىمەن.