ئالىملار نېمە ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ نىيىتىنى يامان تەرەپكە بۇراپ چۈشىنىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تەجرىبە تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئېنىقلاپ چىققان.
پەن تېخنىكا يېڭىلىقلىرى (Scientific Reports) ژۇرنىلىغا بېسىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا تەشۋىشلىنىش يەنى بىر تۈرلۈك كەيپىيات ئادەم چوڭ مېڭىسىنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيەسىنىڭ بىرى بولغاچقا ئادەملەر لوگىكىلىق تەپەككۇرغا تايىنىپ ئەمەس بەلكى سەزگۈسىگە تايىنىپلا قارشى تەرەپنىڭ نىيىتى يامانغا بۇراپ چۈشىنىدىكەن.
ئالىملار بۇ تېما ھەققىدە بىر تەجرىبە ئىشلىگەن تەجرىبىدە پىدائىيلارغا ئىككى خىل سۆز ئېيتىلغان بىرىنچى سۆزدە پىدائىيلارغا بىرىنىڭ ئۆز ھەرىكىتىنىڭ مۇھىتقا زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئىشىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى سۆزلەنگەن. پىدائىيلارنى بۇ سۆزنى قوبۇل قىلغان ئىككىنچى سۆزدە بىرىنچى سۆزدىكى ھەممە ئىبارىلەر ساقىلىنىپ پەقەت «زىيان» سېلىش دېگەن سۆزىنىڭ ئورنىغا «ياردەم» سۆزىنىلا ئالماشتۇرغان.
بۇچاغدا %82 پىدائىي قارشى تەرەپنىڭ مۇھىتقا ياردەم قىلىدىغانلىقىدىن دەرھال گۇمانلانغان ۋە ئۇنىڭ ئىش ھەرىكىتىنى مەلۇم يامان نىيەتكە باغلاپ چۈشىنىشكە باشلىغان دەپ چۈشەنگەن.