ئەنگىلىيەدىكى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: بالىلار يانفون ئىشلەتسە، ئۇلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىدۇ، ئۇيقۇسى ياخشى بولمايدۇ ۋە باشقا ساغلاملىق مەسىلىلىرى كېلىپ چىقىدۇ، چۈنكى بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز، شۇنداقلا ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولىدۇ.
تەتقىقاتچىلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: ئەڭ چوڭ خەتەر — يانفوننىڭ ئىنتايىن تۆۋەن دەرىجىدىكى رادىياتسىيەسى. بالىلارنىڭ چوڭ مېڭە سۆڭىكى كىچىك. مېڭە قېپى نېپىز، شۇڭا ھەر قانداق تۆۋەن دەرىجىدىكى رادىياتسىيە چوڭ مېڭىگە ئاسانلا زىيان سالىدۇ. يانفون چىقارغان مىكرو دولقۇننىڭ تەسىرى ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، نېرۋا سىستېمىسىغا ئېغىر زىيان سالىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن باش ئاغرىقى، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىش ۋە ئۇيقۇسىزلىق كېسىلى پەيدا بولىدۇ.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/26/content_493372.htm