تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
iPhoneئوقنى توسۇۋېلىپ جاننى قۇتقۇزۇپ قالدى

iPhoneئوقنى توسۇۋېلىپ جاننى قۇتقۇزۇپ قالدى

 يان تېلىفۇن ياندىن ئايرىماي ئېلىپ يۈرىدىغان زۆرۈر قورالغا ئايلىنىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە ئۇ سىزنى ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش ئىقتىدارلىرى تەمىنلىگەندىن باشقا يەنە زۆرۈر تېپىلغاندا  سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى قۇتقۇزۇپ قالالىشى مۇمكىن . نوكىيا تېلىفۇنىنىڭ ئېتىلغان ئوقنى توسۇۋالغانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن يېقىندا يەنە بىر HTC EVO 3D تېلىفۇنىنىڭ ئوقنى توسۇۋالغانلىق خەۋىرى تارقالغان . بۈگۈن لوس-ئانژىلىس ساقچى ئىدارىسىدە يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەدىن بىرسى يۈز بەردى . بىراق بۇ قېتىم ئوقنى توسۇۋالغىنى تېلىفۇننىڭ ئۆزى بولماستىن بەلكى ئالما تېلىفۇننىڭ توك قاچىلاش سىمى ئىكەن .

 



  ئىگىلىنىشىچە ، لوس-ئانژىلىس ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر ساقچىسى قارا-نىيەتلەر بىلەن قوراللىق ئېتىشقان ، شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئىشتىنىنىڭ كەينى يانچۇقىدا ئالما يانفۇننىڭ توك قاچىلاش سىمى بولۇپ ، دەل مۇشۇ سىم ئۇنىڭ ساغرىسىغا تېگىدىغان بىر پاي ئوقنى توسۇپ قالغان . تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولىشىچە ئۇنىڭ ساغرىسى يىنىك دەرىجىدە يارىلانغان بولۇپ ، توك قاچىلاش سىمىنىڭ ھەقىقەتەن ئوقنىڭ زەربىسىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاتقانلىقى مەلۇم بولغان .

 

 



   نۆۋەتتە لوس-ئانژىلىس ساقچى ئىدارىسى Twitter ئارقىلىق بۇ ۋەقەنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىغان بولۇپ ، نۇرغۇن تورداشلار چاقچاق قىلىپ سۆز قالدۇرۇپ ئالما شىركىتىنىڭ بۇ ھادىسىدە »يارىلانغان« توك قاچىلاش سىمىنى ھەقسىز ئالماشتۇرۇپ بېرىدىغان بەرمەيدىغانلىقىنى سورىغان .

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز