تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تومۇزدا قانداق قىلىپ يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

يازنىڭ كېلىشىگە ئەگىشىپ ھەرقايسى جايلاردا تېمپراتۇرا ئۈزلۈكسىز ئۆرلەشكە باشلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ھادىسىلىرىمۇ كۆپلەپ يۈز بېرىشكە باشلايدۇ، قانداق قىلغاندا يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

ياز پەسلىدە تېمپراتۇرا يۇقىرى بولغاچقا، كۆپ ساندىكى باكتېرىيەلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كېلىدۇ. ئائىلىدە غىزالانغاندا ئالدى بىلەن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، يېمەكلىكنىڭ خام ماتېرىيالىنى پاكىز يۇيۇش، قۇرۇتۇلغان يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى سۇغا چىلاپ كۆپتۈرگەندە ياكى ئۈندۈرمە تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى ئۆستۈرگەندە، چوقۇم سۇنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ، زىيانلىق باكتېرىيەلەرنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىك ماتېرىياللىرى ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرىنى چوقۇم پاكىز سۇ بىلەن كۆپ قېتىم يۇيۇپ، يېمەكلىك ماتېرىيالىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى باكتېرىيەلەرنى چىقىرىۋېتىش كېرەك، شۇندىلا باكتېرىيەلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

 ھازىر بىر قىسىم كىشىلەر يېمەكلىكنى پىششىق ياكى خام دەپ ئايرىشقا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ. بۇنىڭ ئىسسىق ياز كۈنلىرىدە خەتىرى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، ئاسانلا باكتېرىيەلىك گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئائىلىدە تاماق ئەتكەندە ئىشلىتىدىغان قازان-قومۇچ، ئەمبەل ۋە قاچا، ئىدىش قاتارلىق ئاشخانا بۇيۇملىرىنى چوقۇم يېمەكلىكنىڭ پىششىق، خاملىقى بويىچە ئىشلىتىش كېرەك ھەمدە ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ۋە ئىشلەتكەندىن كېيىن پاكىز يۇيۇش كېرەك، شۇندىلا پىششىق يېمەكلىكلەر، تەييار مەھسۇلات ۋە يېمەكلىك ماتېرىياللىرى ئارىسىدىكى گىرەلەشمە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

 ئەلۋەتتە، ياز پەسلىدە يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ساقلاشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئادەتتە، پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى تېمپراتۇرا 10 گىرادۇستىن 60 گىرادۇسقىچە بولغان مۇھىتتا ساقلىغاندا، ساقلىنىش ۋاقتى ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى 10 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن ھالەتتە (سوغۇق ساقلاش) ساقلاش مۇددىتى 24 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، توڭلاتقۇدا ساقلىنىۋاتقان كۆكتاتلارنىمۇ ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، ئۇزاق تۇرۇپ بۇزۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئەگەر سىرتتا غىزالىنىشقا توغرا كەلسە، ئامال بار يول بويىدىكى كىچىك يايمىلاردا غىزالىنىشتىن ساقلىنىش ، چوقۇم يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت ئىجازەتنامىسى بار ھەمدە ئامال بار يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان ئاشخانىلارنى تاللاپ غىزالىنىش كېرەك. ئەگەر ئىستېمالچىلار غىزالىنىش جەريانىدا، ئاشخانىلار تەمىنلىگەن تائامنىڭ سۈپىتىدە ئۆزگىرىش ياكى باشقا بىنورماللىقنى بايقىغاندا، يېمەكلىك، دورا نازارەتچىلىكى ئورۇنلىرىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى ياكى ئەرز قىلىش ئارقىلىق، ئۆز ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن ئارقىلىق قوغدىشى كېرەك. غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم تالون ئېلىۋېلىش كېرەك. ئەگەر تاماقتىن كېيىن زەھەرلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، شۇ ئورۇندىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ياكى يېمەكلىك، دورا نازارەتچىلىكى ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئەرز قىلىش كېرەك.




ئەسلى مەنبەسى: tianqi.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز