ئاياغ مېيىنىڭ رەڭگى، ئالدى بىلەن، ئاياغ كىيىمنىڭ رەڭگى بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئاياغ مېيىنىڭ رولى خۇرۇمنىڭ پارقىراقلىقى ۋە كۆركەملىكىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
رەڭسىز ۋە رەڭلىك ئاياغ مېيىنىڭ خۇرۇمنى ئاسراش جەھەتتىكى رولى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. بىردىنبىر پەرقلىنىدىغىنى رەڭسىز ئاياغ مېيىنىڭ تەركىبىدە ھەر قانداق رەڭدىكى بوياق ماتېرىيالى يوق بولۇپ، ئۇنىڭدا رەڭ تولۇقلاش رولى بولمايدۇ. شۇڭا، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئاياغنىڭ رەڭگى ئۆڭۈشكە باشلايدۇ. لېكىن بۇنداق ئەھۋالنى، ئەمەلىيەتتە، خۇرۇمنىڭ ئۆزىدىكى كونىراش ۋە ئۇپراش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئاياغنى پات – پات سۈرتۈپ ئاسرىساق، بۇ مەسىلىنى كۆڭۈلدىكىدەك ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
سۇيۇق ئاياغ مېيىنى تاللاشتا تەركىبىدە دەرەخ يىلىمى بولمىغان ساپ موم خىلىدىكىنى تاللاش كېرەك. ئاياغنى تەركىبىدە دەرەخ يىلىمى بولغان ئاياغ مېيى بىلەن كۆپ قېتىم مايلىغاندا، ئاياغنى پارقىرىماس قىلىپ قويىدۇ. ئاياغ پاراشوكىنىڭ ھېچقانداق تازىلاش ۋە رەڭ قېنىقلاشتۇرۇش رولى بولمايدۇ، ھەتتا ئۇ ئاياغنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن.
ئاياغنى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ – تۆت كۈن كىيىپلا مايلاش كېرەك، ئاۋۋال ھۆل لاتا ياكى يۇمشاق چوتكا بىلەن خۇرۇمدىكى داغلارنى پاكىز سۈرتۈۋېتىپ، ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە قۇرۇتۇش، ئاندىن ئازراق ئاياغ مېيى بىلەن مايلاش لازىم. مىقدارى ئاز بولسا، موملۇق ماينىڭ رولى ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇپ، خۇرۇمغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. مايلاپ بولغاندىن كېيىن يەنە بەش مىنۇت ئەتراپىدا قۇرۇتۇپ ئاندىن پارقىرىتىش لازىم. ئۆتۈكنىڭ، ئادەتتە، يۈزىنىلا مايلاش، كىيمەيدىغان چاغدا ئاندىن ئۆتۈك قونچىنى مايلاش لازىم.