تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتاھانىغا توردا تىزىملىتىش پات ئارىدا باشلىنىدۇ


شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 24-مارت مۇخبىرنىڭ ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە،2015-يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتاھانىغا توردا تىزىملىتىش خىزمىتى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىدىكەن.

  بۇ قېتىم تىزىملىتىشقا بولىدىغانلار دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىغا توشمىغان بولىشى ئوقۇتقۇچىلىق قانۇنى بەلگىلىگەن ئوقۇش تارىخى ماددىسىغا ماس كېلىشى كېرەككەن.يەنە ھەر دەرىجىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار،2015-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان پىداگوگىكا تۈرىدىكى ياكى پىداگوگىكا تۈرىدە ئەمەس ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شۇنداقلا جەمىئىيەتتىكى شەرتلەرگە ماس كېلىدىغانلارمۇ تىزىملاتسا بولىدىكەن.

  تىزىملىتىش ئۈچۈن چوقۇم جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى پۇقراسى بولىشى،2015-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىغا توشمىغان بولىشى كېرەككەن.

  ئىگىلىشىچە،بۇ يىللىق توردا تىزىملىتىش خىزمىتىنىڭ ئەتىياز پەسىللىك ۋاقتى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە،كۈپ پەسىللىك تىزىملىتىش ۋاقتى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدىكەن.تەپسىلى ئەھۋالىنى شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورىدىن كۆرۈۋالسا بولىدىكەن.

ئەسلى مەنبەسى: anatuprak.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز