تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تەرجىمە ھەرىكىتى ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتى

تەرجىمە ھەرىكىتى ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتى



ئابدۇللا موللا قاردۇ



دۇنيا نۇرغۇن دۆلەت ۋە مىللەتتىن تەركىب تاپقان، ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىياتى-ھەر قايسى دۆلەت، مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئۆز ئارا ئۆگىنىش، ئۆز ئارا سىغدۇرۇش، مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز ئارا سۆزلىشىش، ھەمكارلىشىش، ھەمبەھىرلىنىشى ئارقىلىق تېخىمۇ يۈكسەكلىككە يەتكەن. بۈگۈنكى دۇنيادىكى يەر شارىلىشىش دولقۇنى، ئۇچۇرلىشىش تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسىدە، يەر شارىنىڭ ئارىلىقى بارغانسېرى يېقىنلاپ، ئىنسانلارنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ قولايلاشتى. ھەر قايسى دۆلەت، مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشى، ھەمكارلىشىشى تېخىمۇ زۆرۈرىيەتكە ئايلاندى. بۇنىڭ ئۈچۈن، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن يېڭى كەشپىياتلارنى تونۇشتۇرۇش، ئىلغار پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، ئىنسانلارنىڭ دۇنيا قارىشى، تەپەككۇرىغا ئىلھام بەخش ئەتكەن ئېسىل نەزەرىيەۋى، پەلسەپىۋى، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش، شەرھلەش تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ قالدى. ئۇنداقتا بۇ خىل مەدەنىيەت ئالاقىسى، تەپەككۇرنى ئۆتۈشتۈرۈپ، دۇنياۋى ئالاقە باغلاش نېمىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ھەم زۆرۈر ئامىل دەل تەرجىمە ھەرىكىتىدۇر.

بىز دۇنيانىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، دۇنيا تارىخىدىكى كۆپ قېتىملىق تەرجىمە ھەرىكىتى بىزنىڭ تېخىمۇ دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. ئارسىتوتىل سانى، يەنى ئىككىنچى ئارىستوتىل، شەرقنىڭ كۆزى دەپ شۆھرەتلەنگەن ئۇلۇغ ئالىم، پەيلاسوپ ئەل فارابى ئۆز دەۋرىدىكى دۇنيا تەرجىمە ھەرىكىتىگە زور تۆھپە قوشقان. ئۇ قەدىمكى يۇناننىڭ ئاتاقلىق ئالىم، پەيلاسوپى ئارىستوتىلنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىش، شەرھلەش، ئىلمىي دەلىللەش ئىشلىرىغا تۇتۇش قىلىپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان. ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن غەرب مەدەنىيىتى سۆزلەشتۈرۈپ، ئىككى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرلىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، مەدەنىيەتنى زەرەتلەش ئارقىلىق، شەرقنىڭ كۆزى دەپ شۆھرەتلەنگەن.

ئۇنىڭدىن كېيىن، شەرق دۇنياسى، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا، مەركىزىي ئاسىيادا ئىجتىمائىي، تەبىئىي پەنلەرنىڭ يۈكسەكلىكىگە چىققان نۇرغۇن ئالىم، پەيلاسوپلار بارلىققا كەلگەن. بۇلارنىڭ بۇنداق زور ئىلمىي نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىدە تەرجىمە زور رول ئوينىغان.

ئەمدى بىز جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا قارايدىغان بولساق، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، جۇڭگودىكى ئويغانغان، سەگەك بىر تۈركۈم زىيالىيلار دۇنيانىڭ باشقا جايلىرى، جۈملىدىن غەربنىڭ ئىلمىي، ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش دولقۇنىنى قوزغاپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئويغىنىشى، دۇنيانى چۈشىنىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. يەن فۇ، لۇشۈن قاتارلىق ئاتاقلىق تەرجىمان ۋە يازغۇچىلار دۇنيادىكى بىر قىسىم ئېسىل ئەسەرلەرنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ، جۇڭگو خەلقىگە تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ئويغىنىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر خەلقىمۇ تارىختا ئېلىمىزدىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش تەرجىمە ھەرىكىتى قوزغاپ، نۇرغۇن ئېسىل ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. بىز ئازادلىقتىن كېيىنكى تەرجىمە ھەرىكىتىگە نەزەر سالساقلا، بۇ جەھەتتىكى گۈللىنىش مەنزىرىسىنى كۆرەلەيمىز. بىزنىڭ بىر ئەۋلاد پېشقەدەم ئاتاقلىق تەرجىمانلىرىمىز تەرجىمە قىلغان خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى تۆت مەشھۇر ئەسەر، يەنى «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، «غەربكە ساياھەت»، «سۇ بويىدا» «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە تىلى ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكىدىكى نادىر نەمۇنە بولۇپ كەلمەكتە. يەنە دۇنياۋى يازغۇچى ئايتماتوفنىڭ ئەسەرلىرى ۋە باشقا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇن نەزەرىيەۋى، پەلسەپىۋى، ئەدەبىي ئەسەرلەر ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز، دۇنيا قارىشىمىز، ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى.

دېمەك، بۈگۈنكى زامانىۋى ئۇچۇر دەۋرىدە، بىزنىڭ ھەر زامان، ھەر ماكاندا ئېلىمىزدىكى باشقا مىللەتلەر ھەم دۇنيا خەلقى بىلەن سۆزلىشىش، پىكىرلىشىش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىمىزغا توغرا كەلمەكتە. بىز دۇنيادىكى يېڭىلىقلار، تەرەققىياتلار، ئىلغار قاراشلارنى تەرجىمە ئەسەرلىرى ئارقىلىق چۈشىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ دۇنياغا قاراپ ئېچىلغان تەپەككۇر كۆزىمىزنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، دۇنيا قارىشىمىزنى بېيتىپ، دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭىچە كۆز قاراش، يېڭىچە ئىدىيە بىلەن ئالغا قاراپ يۈرۈش قىلالايمىز. شۇڭا، بىز ئۆز خەلقىمىز ئارىسىدىن چىققان مەشھۇرلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيانىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ مېڭىش ئۈچۈن، دۇنياۋى ئەسەرلەرنىمۇ كۆپلەپ ئوقۇشىمىز، ئۆزىمىز بىلەن دۇنيانىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، مەنىۋى ھەم ماددىي تەرەققىياتىمىزنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر دەۋرىدىكى تەرەققىياتقا يېقىندىن ياندىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك.

دۇنياۋىيلىق بىزدىن دۇنياغا ئاكتىپ يۈزلىنىپ، يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىزدىن دۇنياۋى ئەسەرلەرگە كۆپرەك مۇراجىئەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىزنىڭ تەرجىمە ھەرىكىتىمىز تېخىمۇ گۈللەنگۈسى!


      مەنبە:    http://www.uycnr.com/xwzx/tpxw/201601/t20160107_1000129.html

           



ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز