بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنىڭ شۇنداق رايىش ئىكەنلىكىنى ، قورسىقىنى تويغۇزۇپ ياتقۇزۇپ قويسا قەتئىي يىغلىمايدىغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىۋالىدىغانلىقىنى دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلايمىز. ئەمەلىيەتتە بوۋاقنى دائىم ياتقۇزۇپ قويۇش خاتا . چۈنكى بۇنداق بولغاندا بوۋاقنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ . بولۇپمۇ بوۋاقلىق مەزگىلى ھەرىكەتنىڭ يېتىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولىدىغان ھالقىلىق پەيت . شۇڭا ئاتا-ئانىلار بوۋاق ئۈچ ئاي بولغاندىن باشلاپ ئۇنى دۈم ياتقۇزۇپ قوپقاندا جەينىكى بىلەن بەدىنىنى كۆتۈرەلەيدىغان ، تۆت ئاي بولغاندا ئۆزى ئۆرىلەيدىغان ، ئاندىن ئولتۇرۇشنى ، ئۆمىلەشنى ، تۇرۇشنى ، مېڭىشنى بىلىدىغان قىلىش كېرەك . بالا پەقەت ئەمەلىيەتتىنلا تەڭپۇڭلۇق بىلەن ماسلىشىشنى ئۆگىنەلەيدۇ .