تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئايفون5\ 5S \ 5C يانفونلىرىدا زادى قانداق ئوخشىماسلىقلار بار؟

ئايفون 5S ۋە ئايفون 5C يانفونلىرى ئاللىقاچان ئېلان قىلىنىپ بولدى، ھالبۇكى، يېڭى ئايفوننىڭ ئېلان قىلىنىشى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىدى دەپ جاكارلانغان ئايفون 5 يانفونىنى ئەڭ بىچارە ئايفونغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. تۆۋەندە بىز يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ئىككى نۇسخا ئايفوننىڭ بازاردا سېتىلىۋاتقان ئايفون 5 بىلەن قانداق پەرقى بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
سېلىشتۇرۇش ئىلىپ بىرىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن بۇ ئۈچ نۇسخا «5» تۈرىدىكى ئايفوندا قانداق ئوخشاش تەرەپلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىپ باقايلى. بۇ ئۈچ خىل ئايفوننىڭ ھەممىسىگە 4 دىيۇملۇق 1136x640 ئېنىقلىقتىكى ئىكران سەپلەنگەن بولۇپ، ppi سى 326 كۆرۈش تور پەردىسى دەرىجىسىگە يېتىدۇ، ئەڭ يۇقىرى يورۇش دەرىجىسى 500cd/m2 گە يېتىدۇ.
بۇندىن باشقا، ئۈچ خىل ئايفوننىڭ ھەممىسىگە 8 مىليون پىكسىللىق ئاساس كامېرا سەپلەنگەن بولۇپ، ئالدى يۈزىدىكى قوشۇمچە كامېرانىڭ ئېنقلىقى بولسا 1 مىليون 200 مىڭ پىكسىلغا يېتىدۇ. بىراق، ئايفون5S گە True Tone LED تىپىدىكى چاقناتقۇچ چىراغ، f/2.2 تىپلىق كامېرا لېنزىسى سەپلەنگەن، قالغان ئىككى خىل ئايفوندا پەقەت بىرلا LED  لىق چاقناتقۇچ چىراغ بار، كامېرا لېنزىسىنىڭ تىپىf/2.4 . بۇندىن باشقا، ئايفون5S  يانفونىغا يەنە720p/120fps سەۋىيىسىدىكى ئاستا ھەرىكەتلەرنى سۈرەتكە ئىلىش ئىقتىدارى قوشۇلغان.        
ئەڭ مۇھىم بىر تەرىپى شۇكى، ئايفون 5 ۋە ئايفون5C لارغا قوللىنىلغىنى بولسا A6 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، بىراق، ئايفون 5S غا سەپلەنگىنىA7 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ بولۇپ، ئۇنىڭغا يەنەM7 تىپلىق ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان قوشۇمچە بىر تەرەپ قىلغۇچمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئىقتىدار جەھەتتىن ئايفون 5 نىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ. ئايفون5S  نىڭ يەنە بىر ئالاھىدە تەرىپى، ئۇنىڭغا تۇنجى بولۇپ بارماق ئىزىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلغان.
ئايفون 5 بىلەن 5S  يانفونلىرىنىڭ ھەممىسىلا 16、32、64GB  قاتارلىق نۇسخىلارغا ئىگە، بىراق، ئايفون نىڭ64GB لىق نۇسخىسى يوق. خەۋەرلىشىش تورىنى قوللاش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئايفون5S ۋە 5C يانفونلىرى ئەسلىدىكى LTE、WCDMA、CDMA、GSM  تور شەكىللىرىنى قوللاشتىن سىرىت، يەنە FDD-LTE、TD-LTE  قاتارلىق4G لىق تورنى قوللايدۇ.
تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن، بۇ ئۈچ خىل ئايفوننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئاساسەن ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە، ئايفون5 بىلەن 5S نىڭ چوڭلۇقى تەڭ، 5C  بولسا بىر ئاز چوڭراق. ئايفون 5 نىڭ پەقەت قارا ۋە ئاق رەڭلىك نۇسخىسى بارئىدى، يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئىككى خىل ئايفوننىڭ كۆپ خىل رەڭلىك نۇسخىلىرى بار.
ئەڭ ئاخىرىدا باھاسى ھەققىدە توختىلىپ باقايلى. «تۆۋەن باھالىق» ئايفون5C نىڭ 16GB لىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 4488 يۈەن، 32GB لىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 5288 يۈەن؛ يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفون ھىسابلىنىدىغان ئايفون 5S نىڭ باھاسى ئىلگىرىكى ئايفون 5 نىڭ باھاسى بىلەن ئوخشاش، يەنى16GB لىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 5288 يۈەن،32GB  لىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 6088 يۈەن،64GB لىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى بولسا 6888 يۈەن.
شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كىرەككى، ئايفون 5 يانفونى نۆۋەتتە ئىشلەپچىقىرىلىشتىن توختىتىلغان بولۇپ، ئالما شىركىتىنىڭ ئورگان تور بېكىتىدىن چىقىرىۋىتىلدى.

 

 

 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز