تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئېرىڭىز ئەتراپىدىكى ئايال

كۆپىنچە ئاياللار ئېرىنىڭ كاتىپى ياكى ئېرى بىلەن خىزمەتداش چىرايلىق ئاياللاردىن كۈنلەيدۇ . بۇ ئورۇنسىز كۈنلەش داۋاملىشىۋەرسە ، ئېرىڭىز بۇ گۇمانخورلۇق دەستىدىن باشقا ئاياللارغا ئېغىپ كېتىشىمۇ مۈمكىن .شۇڭا ، ئېرىڭىز ئەتراپىدا ئىشلەۋاتقان ئاياللارغا  دوستانە مۇناسىۋەتتە بولۇڭ . ئەقىللىق ئايال ئېرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاياللارغا توغرا مۇئامىلىدە بولىدۇ .

قارىسىغىلا گۇمانلانماڭ

ئېرىم ناﻫايىتى قاملاشقان ، ئېرىمنىڭ خىزمەت ئورنى ياخشى ، خىزمەتتىمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن دەپ قارىسىڭىزمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ئاياللارنىڭ ﻫەممىسىلا ئېرىڭىزنى قوغلىشىشى ناتايىن . ئېرىڭىزنىڭ ئەتراپىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئاياللار گەرچە ئېرىڭىزنىڭ قابىلىيىتىگە قايىل بولسىمۇ ، ئۇنىڭغا كۆڭلى چۈشۈپ قېلىشى يوق گەپ . ناۋادا شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ ، ئېرىڭىزنىڭ ئۇلارنى نەزىرىگە ئېلىپ كېتىشى ناتايىن . سىلەر دېگەن مەڭگۈلۈك ئەر - ئىوتۇن بولغاندىكىن ، ئەڭ ياخشىسى ئېرىڭىزگە ئىشەنگىنىڭىز تۈزۈك . بىزدە بىر گەپ بارغۇ ؟ "گۇمان ئىماننى قاچۇرۇپتۇ" دەيدىغان ؟ مانا مۇشۇنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ . 
بولۇپمۇ خىزمەتتە بىرەر مەسىلە كۆرۈلۈپ قېلىپ ، ئېرىڭىز ئىسمىنە قوشۇپ ئىشلىگەندە ئامال بار ئېرىڭىزگە كۆيۈنۈپ مۇئامىلە قىلىڭ . ﻫەرگىزمۇ ئورۇنسىز گۇمانلىنىپ " يېنىڭىزدا قايسى ئايال بار ؟ كىملەر بىلەن بىرگە ئىشلەۋاتىسىز ؟ قايسى ئايال بىلەن تاماق يىدىڭىز؟ " دېگەندەك سۇئاللارنى سوراۋېرىپ ، ئېرىڭىزنى تېرىكتۈرۈپ قويماڭ . بۇ خىلدىكى ئىش داۋاملىشىۋەرسە ، ئېرىڭىزدە ئاسانلا ئۆزىگە كۆيۈنىدىغان ، ئەتراپىدىكى ئاياللاردىن بىرەرسىگە ئېغىپ كېتىدىغان يا بولمىسا سىرتتىكى ئاياللارغا كۆڭۈل بېرىدىغان ئەﻫۋال كېلىپ چىقىشى مۈمكىن . ئېرىڭىز ئەتراپىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار قانچە كۆپ بولسا ، سىز شۇنچە خوش بولسىڭىز بولىدۇ . چۈنكى ، ئۇ ئاياللار ئېرىڭىزگە ۋاقتىدا ئۆيگە قايتىشىنى ئەسكەرتىپ تۇرى

كۈندەشلىك قىلماسلىق

ئادەتتە جەمىيەتتە خىزمەت قىلىدىغان خانىم - قىزلار چىرايلىق ياسىنىپ يۈرىدۇ ، بۇ ، خىزمەتنىڭ ئېﻬتىياجى بولۇپلا قالماي ، ئەدەب - ئەخلاقنىڭمۇ ئېﻬتىياجى . سىزنىڭمۇ شۇنداق چىرايلىق ياسىنىپ يۈرگۈڭىز بولسا ياسىنىپ  يۈرگۈنىڭىز تۈزۈك . كىم بىلمەيدۇ ؟ ئەرلەرنىڭ چىرايلىق ئاياللارغا ئامراقلىقىنى ؟ ﻫەتتا سىز بىلەن بىللە كېتىۋېتىپمۇ يېنىڭلاردىن چىرايلىق قىز - ئاياللار ئۆتۈپ كېتىۋاتسا  ،  ئېرىڭىزنىڭ ئۇ چىرايلىق قىز - ئاياللارغا ئەيمەنمەستىن بوينىنى سوزۇپ  قاراپ كېتىشلىرىنى ؟ گۈزەل شەيئىلەر ﻫامان كىشىدىكى ﻫارغىنلىقنى يوقۇتىدۇ . بۇخۇددى سىزنىڭمۇ ئەتراپىڭىزدىكى قاملاشقان ياكى تالانتى بار ، كەسپتە نەتىجە قازانغان ئەرلەرگە قاراپ قالغانغا ئوخشاشلا بىر ئىش . 
ﻫازىرقى ئاياللارنىڭ تەڭدىن تولىسى خىزمەت قىلىدۇ . خىزمەت ﻫامىنى خىزمەت بويىچە بولىدۇ . ئېرىڭىزنىڭ ئەتراپىدىكى ئاياللاردىن  ئېرىڭىزنى ئورۇنسىز كۈنلەپمۇ كەتمەڭ . بۇ سىز ئۈچۈن پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ .

باشقىلارنى خالىغانچە ئىشقا بۇيرىماسلىق كېرەك

ئېرىڭىز باش دېرىكتور بولغان تەقدىردىمۇ ، ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئايال خادىملارنى خالىغانچە ئىشقا بۇيرىماڭ . بۇنداق قىلسىڭىز نوپۇزىڭىز ئۆسۈش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئەكسىچە ئېرىڭىزنى گېپى ئۆتمەس قىلىپ قويىسىز . چۈنكى ، ئۇلار سىز ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى ئېرىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلاردۇر .
     شۇڭا ، ئېرىڭىزنىڭ قول ئاستىدىكى ئاياللار ئالدىدا كېرىلىپ كەتمەڭ ، ئۇلار ئېرىڭىزنىڭ قېشىدا ئىشلەشنى خالىمىسا ئۇلارنى ﻫەرگىز تۇتۇپ قالالميسىز . قولىدىن ئىش كېلىدىغان بىرەر ئايال خادىمدىن ئايرىلىپ قالسا ، ئېرىڭىزنىڭ ئىشلىرىغا زىيان يېتىدۇ . ئەمىلىيەتتە ، بۇ ئۇلارنىڭ سىزنىڭ بويۇنتۇرۇقىڭىزدىن ئۆزلىرىنى قاچۇرغىنى . يەنە بىر گەپ ، سىز ئېرىڭىزنىڭ ئىشخانىسىغا تېلىفۇن بەرگەندە تېلفۇننى ئېرىڭىزنىڭ بىرەر ئايال خىزمەتدىشى ئېلىپ قالسا ، ئامال بار سىلىق ، چىرايلىق ، ئەدەبلىك سۆز بىلەن ئېرىڭىزنى چاقىرىپ قويۇشنى ئۆتۈنۈڭ . ﻫەرگىزمۇ بۇيرۇق ﻫالىتىدە گەپ قىلماڭ .

ئامال بار  ئېرىڭىزنىڭ ئايال كاتىپى ۋە ئايال خىزمەتداشلىرى بىلەن ئىناق ئۆتۈڭ

ئادەتتە ئايال كاتىپ ئېرىڭىزنىڭ خىزمىتىگە ماسلىشىپ ، خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ . ئايال خىزمەتچىمۇ شۇنداق . ﻫەممىسى خىزمەت ئۈچۈن شۇنداق ﻫەمكارلاشماي ئامال يوق . ئېرىڭىز ئەتراپىدىكى ئاياللارغا توغرا مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن سىزنىڭ مۇئامىلىڭىز تولىمۇ مۇﻫىم رول ئوينايدۇ . ئەكسىچە ، سىز مۇئامىلىدە قوپال بولۇپ ، ئۇلارغا يامان كۆزدە قاراپ ، ﻫە دېسىلا ئورۇنسىز كۈنلەپ~~ ئۆزىڭىز ياسانماي ، تاشقى قىياپىتىڭىزگە ئەﻫمىيەت بەرمەي  يۈرسىڭىز ~  ئىشنىڭ  ئوخشىغىنى شۇ ! ئېرىڭىزنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس ، ئېرىڭىزنىڭ ئايال خىزمەتداشلىرى ئالدىدىمۇ ئىناۋىتىڭىز بولمايدۇ . شۇڭا ، ئۆزىڭىز ياسىنىشقا ، كىيىم كىيىشكە ماﻫىرراق بولۇڭ . گەپ - سۆز ، مۇئامىلىدىمۇ ، خىزمەتتىمۇ نەتىجە قازانغان ، ساپالىق ئايال  بولۇشمۇ  شۇ ، ئەلۋەتتە !
ئېرىڭىز بىلەن خىزمەتتە داۋاملىق يېقىن ئۆتىدىغان ئاياللار بىلەن يېقىن ئۆتسىڭىز  ، ئېرىڭىز ﻫەققىدىكى ئەﻫۋاللاردىمۇ ۋاقتى - ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز . شۇڭا ، ئېرىڭىزنىڭ ئەتراپىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئاياللارغا دۈشمەنلىك نەزەرى بىلەن قارىماي ، دوستانە مۇناسىۋەتتە قاراشنى ئۆگۈنۈۋېلىڭ . سىز بىر ئەقىللىق ئايال ، بۇنى چوقۇم قىلىپ كېتەلەيسىز !


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز