تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى(50)
ئاچلىقتىن ئۆلگەنمۇ ياكى قورقۇپ ئۆلگەنمۇ؟
گرافنىڭ مىجەزى غەلىتە بولسىمۇ لېكىن ھىندىستاننىڭ ساغلاملىق تەنھەرىكىتىنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى، شۇڭا ئۇ بىر ساغلاملىق ئۆيى سېتىۋېلىپ، تۆت ھىندىستانلىق بىلەن بىللە ئاشۇ يەردە ساغلاملىق تەنھەرىكىتىنى مەشىق قىلاتتى. بىر كۈنى ئويلىمىغان يەردىن گرافنىڭ بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالغانلىقى بايقالدى.
ئىش مۇنداق ئىدى، ئىككى ھەپتە ئىلگىرى گراف ئۆزى يالغۇز ساغلاملىق ئۆيىدە مەشق قىلماقچى بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىرتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن، ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئىچىدىن ئېتىۋالدى، بۇ خىل مەشىققە بىرنەچچە كۈن ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا، ئۇ ئۆي ئىچىگە يېتەرلىك يېمەكلىك ۋە سۇ ئەكىرىۋالدى. لېكىن ئىككى ھەپتىدىن كېيىنمۇ گراف بۇ يەردىن چىقمىدى، تۆت ھىندىستانلىق ساقچىغا مەلۇم قىلدى، ساقچىلار كېلىپ ئىشىكنى بۇزۇپ ئېچىپ كىرىپ گرافنىڭ كارىۋات ئۈستىدە ئاچلىقتىن ئۆلگەنلىكىنى كۆردى. ئەجەبلىنەرلىكى، يېمەكلىك ۋە سۇ ئاساسەن شۇ پېتى تۇراتتى.
ساغلاملىق ئۆينىڭ ئىشىك دېرىزىلىرى ئىچىدىن ئېتىۋېلىنغان بولغاچقا، ھەر قانداق ئادەم ئىچىگە كىرەلمەيتتى، تۈڭلۈك يەردىن 15مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، كارىۋاتنىڭ ئۇدۇلىدا رەڭلىك ئەينەك دېرىزە بارئىدى، دېرىزە تۆمۈر بىلەن رېشاتكىلانغان ئىدى، شۇڭا سىرتتىكى ئادەم ئەينەكنى ئېلىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، بۇ يەرگە كىرەلمەيتتى. شۇنداق دېيىشكە بولاتتىكى بۇ ساغلاملىق ئۆيى سىرت بىلەن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلگەن مەخپىي خانە ئىدى.
ئۇنداقتا گراف نېمىشقا ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ؟ ساقچىلار تەكشۈرۈپ سەۋەبىنى تاپالماي، گراف ئاچلىق ئېلان قىلىپ ئۆلۈۋالغان دەپ بولدى قىلدى.
گرافنىڭ ئايالى ساقچىلارنىڭ بۇ يەكۈنىدىن رازى بولماي داڭلىق بىر رازۋېدچىكنى تەكلىپ قىلدى. رازۋىتچىك دەرھال ساغلاملىق ئۆيىگە بېرىپ نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ گراف ئۇخلايدىغان كارىۋاتنىڭ يېقىندا يۆتكەلگەنلىكىنى بايقىدى.
«خانىم»، دېدى رازۋىتچىك، «ئېرىڭىزنڭ ېگىزلىكتىن قورقۇش كېسىلى بارمىدى؟ »
«شۇنداق، ئۇ ئىگىز يەرگە چىقسىلا قورقۇپ، پۇتلىرى تىترەپ، كۆزلىرى چەكچىيىپ كېتەتتى».
«ھە شۇنداقكەن، گرافنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرىمۇ يېشىلدى» رازۋىتچىك شۇنداق دېدى دە ساقچى تەرەپ ئارقىلىق تۆت ھىندىستانلىقنى قولغا ئالدى.
رازۋىتچىك نېمىگە ئاساسەن بۇ دېلونى پاش قىلدى؟
رازۋېتكا ھېكايىلىرى(49)نىڭ جاۋابى:
بايلىقلارنىڭ ھەممىسى زەمبىرەك ئوقى ئىچىگە يوشۇرۇلغان، ئۇلار قاراقچىلارغا يولۇققاندا ۋات بايلىقلارنى كىچىك ئارالغا ئېتىۋېتىپ، ئاندىن ئارالغا ئۈزۈپ بارغان. ھىيلىگەر دېڭىز قاراقچىلىرى ئۇلارنىڭ بۇ سىرىنى بىلىپ قالغان.