تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاچچىق ئەسلىمە

 


يەنە ئۇيقۇسىز كىچىلەر باشلاندى،مەن بۇ قاراڭغۇلۇقتىن بەكمۇ قورقساممۇ ،لېكىن بەزىدە مۇشۇ جىمجىتلىقنى خالاپ قالىمەن .
 چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ، مىنىڭ سىنى ئۇيلىشىمغا ھېچ نەرسە دەخلى قىلمايدۇ. پەقەت سىنى ئويلىساملا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كىلىپ خۇددى كۆكتە ئۇچقان كىچككىنە قارلىغاچ بالىسىدەك بەكمۇ شاتلىنىپ كېتىمەن..

سەنمۇ مىنى ئويلامدىغانسەن؟؟؟؟مەن سېغىنغاندەك سەنمۇ ھەم مېنى سېغىنامدىغانسەن؟؟؟؟

بەزىدە ، ئايرىلىش ئازابىغا بەرداشلىق بېرىپ،كۆز ياشلىرىمنى ئۈنسىز تۈككىنىمدە، سىنىڭ سىمايىڭ كۆز ئالدىمدا نامايان بولۇپ . سىنىڭ قاياقلاردىندۇر پەيدا بوپ قىلىشىڭىنى ، ھەم يىقىملىق ئاۋازىڭ بىلەن ‹‹ ھەي بارمۇ سەن ›› دىيىشلىرىڭنى نەقەدەر سېغىنغانلىقىمنى بىلەمسەن....،

 

مانا .سېغىنىش ھەم ئايرىلىش ئىلكىدە . كەچ كۈزمۇ كەلدى ، ئىسىڭدىمۇ بىز بىللە ئۈتكۈزگەن ئاشۇ كۈز پەسلى .،سارغىيىپ چۈشكەن يوپۇرماقلار خۇددى بىز ئۈچۈن سىلىنغغان پاياندازدەكلا... بىز يۇپۇرماقلىرى چۈشۇپ يالڭاچلىنىپ قالغان دەرەخلەرگە يامىشىپ ، خۇددى ئاشۇ بالىلىق دەۋرىمىزدىكىگە ئوخشاش سەكرەپ ئوينىغان چاغلار ...

بۇ ۋاقىتتا كەچ كۈزنىڭ سەلكىن شاماللىرى خۇددى بىزنىڭ خۇشاللىقىمىزغا جور بولۋاتقاندەك يىنىك يىنىك لىڭشىغاندا ، تەبىئەت ئۈز قۇلى بىلەن سالغان سېرىق پايانداز ئۇستىدە ، يۇپۇرماقنى شىلدىرلىتىپ بىر خىل رىتىمدا ئىز قالدۇراتتۇق ، مەن بۇ ۋاقىتتا ئۈزەمنى ئەڭ بەخىتلىك سىزەتتىم ...ئەپسوس بۇ بىر ۋاقىتلىق خۇشاللىق بۇپ قىلىشىنىمۇ ئويلىمىغان ئىدىم.

بىلەمسەن ، سەن قەلبىمدە شۇ قەدەر ئىللىق ئىدىڭ ، ھەر قىتىم سەن بىلەن ئۇچراشقاندا كۆزلىرىم ساڭا تۇيماي تىكىلەتتى ،

سىنىڭمۇ ھەم مىنىڭ مەن ئۈچۈن بەرگەن ئوتلۇق ۋەدىلىرىڭ مېنى بەكمۇ خاتىرجەملىق قوينىغا باشلاييتى ،

ئەپسۇس بەكمۇ ئەپسۇس بۇ كۈنلەرنىڭ بىز ئۈچۈن بىر ئاچچىق ئەسلىمە بوپ قىلىشىنى شۇ چاغدىلا ئويلاپ باقمغان ئىدۇق...

 

بىلەمسەن ،، سەن ماڭا دۇنيادىكى جىمى خۇشاللىقنى ئاتا قىلغان ئىدىڭ، سەن بولغاچىقىلا مەن ھاياتنىڭ شېرىن دەملىرىدىن نەپەس ئالغان ئىدىم . سەن ئۈچۈن ئاتىغان سان ساناقسىز لىرىكىنىڭ ۋەنزىنىنى پەقەت مەنلە بىلىمەن، ئۇ لىرىكا مىنىڭ قەلىپ تۆرەمدە شاھانە ئورۇندا چاڭ تۇزانسىز ساقلانماقتا........

مەن ، شۇ كۈنلەرنى ئەسلەيمەن ، سىنى ئويلايمەن...... ياق بولدى بەس !! ئەمدى سىنى ئويلىماسقا تىرىشىمەن.. چۈنكى ئەمدى ماڭا تەئەللۇق بولمىغان نەرسىدىن ۋاز كىچىشىم كېرەك، ھەم سىنى ئۇنتۇشۇم كېرەك..

 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز