بىر دادا قىزىنى يەنە بىر ئەرنىڭ قولىغا تاپشۇرغاندا، قىزىنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشسىكە دەپ ئويلايدۇ. لېكىن بىركۈنى بىر دادا قىزىنىڭ ئۆيىگە ئۇنى كۆرگىلى بېرىپ، قىزىنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىدەك تۇرمۇش كەچۈرمەيۋاتقانلىقىنى بايقىغان.
▼قىزى تۇيۇقسىز بىر جىمغۇر مۇلايىم قىزدىن بالا باققۇچى، ئانىلىق، خىزمەتچى، ئاياللىق، قىزلىق رولىنى ئالغان ئەركەك زەردەككە ئايلىنىپ قالغان.
▼دادىنىڭ يۈرىكى ئاغرىغان، چۈنكى ئۇنىڭ يولدىشى بالىنىڭ دادىسى تۇرۇپمۇ قىزىغا ياردەم قىلماي، قىزىنى خۇددى بىر چوڭ بالىنى كۈتكەنگە ئوخشاش ھالىدىن خەۋەر ئالغۇزغان.
▼قىزىنىڭ بىرتەرەپتىن تېلېفون ئۇرغاچ بىر تەرەپتىن گازنى ئېچىپ تاماق ئەتكەنلىكىنى، يەنە تېخى كومپيۇتېرنى ئېچىپ خىزمىتىگىمۇ پات-پات قاراپ قويۋاتقانلىقى، يەنە بالىسىنىڭ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ئويۇنچۇقىنى يىغىشتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئىچى ئېچىشقان، ئۇ شۇ دەقىقىدە ئويلاپ قالدى:«ئۇنىڭغا ئادەمنى خاتا تاللاپ بەرگەندىمەنمۇ؟»
▼كۈيئوغلىغا قارىسا قەھۋە ئىچكەچ كومپيۇتېر ئويناپ ئولتۇرغان، قىزىغا قارىسا پايپېتەك بولۇپ يۈرگەن، ئۇنىڭ راستىنلا كۆڭلى يېرىم بولدى.
▼قىزى قولىدىكى تېلېفوننى قويماي تۇرۇپ، بالىسىنىڭ مەينەت بولۇپ كەتكەن كىيىمىنى سالدۇردى، كىر يۇيۇش ئۆيى بىلەن ئاشخانا ئىچىدە تىپىرلاپلا يۈرەتتى، لېكىن ئۇنىڭ ئېرىچۇ؟
▼قىزىنىڭ كومپيۇتېرى ئوچۇق، قولىدا بىرمۇنچە تەخسىلەر تاماق يىيىشكە تەييارلىق قىلماقچى، ئېنىقكى بۇ ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، كۆنۈپمۇ قالغان، لېكىن بۇنى كۆرگەن دادىسىنىڭ كۆزىدىن ئەمەس يۈرىكىدىن ياشلار تاراملىماقتا ئىدى.
▼ئۇ قىزى بىلەن ئۆزىنى ئاران بېسىۋالغان ھالدا خوشلاشتى. قىزى دادىسى كەتكەندىن كېيىن ئۇ قالدۇرۇپ قويغان خەتنى ئېچىپ ئوقۇپ يىغلاپ كەتتى.
▼دادا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ نەچچە يىلدىن بېرى ئايالىغا قەرزدار ئىدى، ئۇ قىزىنىڭ ئېرىغا ئوخشاش ئايالىنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىنى كۆرمىدى. لېكىن ئۇ قىزىنىڭمۇ ئايالىدەك كۈنگە قېلىشىنى، ئەركەك زەردەكتەك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى خالىمايتى.
▼شۇڭا ئۇ قىزىغا بۇ ئائىلە ئىككى ئادەمنىڭ ئائىلىسى، دادىمۇ ئانا بىلەن تەڭ كۈچ چىقارسا ئاندىن مۇكەممەل ئائىلە بولىدۇ دېدى.
▼ئەلۋەتتە ھەممىدىن مۇھىمى ئۇ ناچار ئۈلگە بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، نەچچە يىللاردىن بۇيان ئايالىغا ئېتىبار بەرمىگەنلىكىگە ئۆكۈندى. ئۇ ھازىردىن باشلاپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ ئايالىغا كۆيۈنۈشكە، قىزىغا ياخشى ئۈلگە بولۇشقا قەسەم قىلدى.
گەرچە بۇ بىر ئېلان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن ئادەملەر بۇنىڭدىن تەسىرلەندى. سەۋەبى نېمە؟چۈنكى بۇ دادا پەقەت پۇل تاپسىلا تامامەن كىرىسلودا يېتىپ تېلېۋىزور كۆرسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى، ئەگەر سىز ياخشى دادا بولمىسىڭىز، قىزىڭىزمۇ كەلگۈسىدە ئائىلىسىدە ئەركەك زەردەك ئايال بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، چۈنكى سىزنىڭ ھازىرقى ئائىلىڭىز، بالىڭىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ئائىلىسىنى، سىزنىڭ تۇرقىڭىز، قىزىڭىزنىڭ ئېرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى بەلگىلەيدۇ.