ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
پۇتنىڭ تۆۋەنكى قىسىم ئارتېرىيە ۋە ۋىنا تومۇرى يۈرەك ۋە قان تومۇرلارنىڭ فىليۇگىرى بولۇپ، قان-تومۇرلارنىڭ توسۇلۇشى ۋە قويۇپ بېرىشىگە قايتۇرغان ئىنكاسىنى ئۆلچەش ئارقىلىق قان تومۇرلارنىڭ راۋان ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. كىرىسلو ياكى كارۋاتتا يېتىپ ئىككى پۇتنى كارىۋات بىلەن 45گىرادۇس ئېگىزلىكتە كۆتۈرۈپ، بىر مىنۇتتىن كېيىن چۈشۈرۈش. ناۋادا ئىككى پۇت ياكى بىر پۇتنى كۆتۈرگەندە پۇت ئاغرىپ كەتسە بىرنەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئەسلىگە كەلسە ياكى ئىككى پۇتىنى كۆتۈرگەندە قىزىل رەڭلىك پەيدا بولسا، ئارتېرىيە ۋېنا تومۇرىدا توسۇلۇش كۆرۈلگەن بولىدۇ.
بۇنداق بولغاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
1. ياغنى ئاز ئىستېمال قىلىش. تەركىبىدە پۇراق ماددىسى بولغان ياڭاق، گۈل كاپوستا، لامنارىيە، ئالما قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يىيىش؛
2. تاماكا چەكمەسلىك، كۈندە 30مىنۇت ھەركەت قىلىش، مەسىلەن، ئارغامچا سەكرەش، ۋېلىسپىت مىنىش، پىيادە مېڭىش قاتارلىقلار؛
3. بېسىمنى ئازايتىپ، جىددىي كەيپىياتنى يوقىتىشقا ماھىر بولۇش.