ئەڭ قالتىس مەسنەۋى
مەسنەۋىنىڭ ئۈستۈنكى مىسراسى:
ئايال، بالا، ئائىلىنى سۆيۈش ئۈچۈن،
ئەڭ ئاۋۋال سالامەتلىكنى سۆيۈش كېرەك.
مەسنەۋىنىڭ ئاستىنقى مىسراسى:
پۇل، ھوقۇق، مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن،
ئەڭ ئاۋۋال ساغلام بولۇش كېرەك.
مەسنەۋىنىڭ توغرا قۇرى:
ساغلاملىق زور بايلىق!
مەملىكەت ۋە خەلقئارا خەۋەرلىرى پروگراممىسىنىڭ دېكتورى لو جىڭ ئالەمدىن ئۆتتى
داڭلىق مۇزىكانت مېي يەنفاڭ ئالەمدىن ئۆتتى
كۈلدۈرگە ئارتىسى جوۋ جەيۋېن ئالەمدىن ئۆتتى
ئېتوت ئارتىسى گاۋ شيۇمىن ئالەمدىن ئۆتتى
كىنو ئارتىسى فۇبياۋ ئالەمدىن ئۆتتى
ئالما تېلېفونى شىركىتىنىڭ CEO سى ئالەمدىن ئۆتتى
كارخانىچىلارنىڭ ئالدى ۋاڭ جۈنياۋ ئالەمدىن ئۆتتى
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالەمدىن ئۆتكەندە: «مېنىڭ يەنە ياشىغۇم بار، ئائىلەمنى، كەسپىمنى سۆيىمەن، ماڭا يەنە ئازراق ۋاقىت بېرىڭلار» دەپ قايغۇرۇشتى.
لېكىن ئامال يوق، سالامەتلىكىڭىز بولمىسا ھەممە ئىشقا كېچىكىسىز.
ساغلاملىق ھەممىگە ۋەكىللىك قىلالمىسىمۇ، لېكىن سالامەتلىكىڭىز ياخشى بولمىسا ھەممىدىن مەھرۇم بولىسىز!
تەسىرات:
شۇڭا ھەرقانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، ئائىلىدىكىلىرىڭىزنى سۆيۈشتىن ئاۋۋال سالامەتلىكىڭىزنى ئاسرىشىڭىز كېرەك، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولۇپ، سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراپ، ئۆزىڭىزنى قەدىرلەپ، تۇرمۇشنى سۆيگەندىلا ئاندىن ھەممىگە ئېرىشىسىز....
بۇ گەپلەرنى بەك ياقتۇردۇم:
كەمبەغەلنىڭ تېنى ساق بولمىسا، دەردنىڭ ئۈستىگە دەرد كېلىدۇ.
باينى تېنى ساق بولمىسا، بىر ئۆمۈر تاپقىنى بىكار بولىدۇ.
ئەرنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىسا، خوتۇنى قېچىپ كېتىدۇ.
ئايالنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىسا، ئېرى تالاغا قارايدۇ.
ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىسا، ئائىلە شادلىقىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
ئادەم بۇ ئۆمرىدە ساق-سالامەت بولمىسا، باشقىسى بىكار.
بۇ سەككىز جۈملە سۆزنى سىزگە تەقدىم قىلاي:
1. بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرىمەن دەپ ھېرىپ چارچىماڭ.
2. سالامەت بولىمىسىڭىز تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنالمايسىز.
3. نام-ئاتاقنى چوڭ بىلمەڭ، زىيان تارتىسىز.
4. جاننى قۇتقازغۇچى دوختۇر دەپ ئويلىماڭ، ئەمىلىيەتتە ئۆزىڭىز.
5. بەدەل تۆلىسەم ھەممىگە ئېرىشىمەن دېمەڭ
6. ئەمەلدار بولسا پۇقرا بولغاندىن ياخشى دېمەڭ، ئۇمۇ بىركۈنى مەنسەپتىن قالىدۇ.
7. سىز بىلەن تەقدىرداش ئادەمنى نەزەردىن ساقىت قىلماڭ، ئۇ سىزگە مەڭگۈ ھەمراھ بولىدۇ.
8. ھال سوراشنى ئاۋارە قىلىش دەپ ئويلىماڭ، كۆڭلىڭىزدىكى كىشىلەردىن ئەھۋال سوراشنى ئۇنۇتماڭ.