بەزى خانىم-قىزلار كىچىككىنە ئىشلارغىمۇ چېچىلىدۇ. دائىم كىچىك ئىشلارغا چېچىلىش، ئىچى سىقىلىش، ئاچچىق يۇتۇۋېلىش نۇرغۇن كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاياللار خىزمەت ۋە ئائىلە سەۋەبىدىن تۇرمۇشتا بەزى بېسىملارغا ئۇچرايدۇ.
ئاياللار خىزمەت ۋە ئائىلە سەۋەبىدىن تۇرمۇشتا بەزى بېسىملارغا ئۇچرايدۇ. تۈرلۈك بېسىملار ئاياللارنى ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان قىلىپ قويىدۇ. نۇرغۇن ئايال ئاچچىقنى ئىچىگە يۇتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۇتقۇنچاق ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ئاياللار ئۆزىنى خۇشال تۇتۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىشى، ئاقسىل ۋە ۋىتامىن تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
ـــ ماتېرىيالدىن
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى