تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ماسكىنىڭ رولى ۋە ئۇنى تاللاش ئۇسۇللىرى

20160203184625549.jpg


 ھاۋانىڭ تەركىبىدە چاڭ- توزان، مىكروب، ۋىرۇس ۋە ھەر خىل زىيانلىق گاز جىسىملار بار بولۇپ ، ئۇلار نەپەسلىنىش ئارقىلىق بۇرۇن ، كېكىرتەك ، نەپەس يولى ۋە ئۆپكە قىسمىمىزغا كىرىۋالىدۇ-دە، بەدىنىمىزنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلىغان ۋاقىتتا ئاغرىپ قالىمىز. ئەگەر ماسكا تارتىۋالساق بۇنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز.

    ماسكا تاقىۋالساق ئېغىز ۋە بۇرۇن بوشلۇقىمىزدىكى مىكروبلارنى سۆزلەش، يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش ئارقىلىق باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

    سوغۇق ھاۋا بىۋاستە بالىنىڭ دىماق شىللىق پەردىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، زىيادە سېزىمچانلىق ئىنكاسىنى پەيدا قىلىدۇ، ماسكا ئىسسىق ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ.

    ئۇنداق ماسكىنى قانداق سورۇنلاردا تاقاش كېرەك؟

    1. بالا ئېمىۋاتقان مەزگىلدە زۇكام ئانا ئارقىلىق بالىغا يۇقىدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا ئانا چوقۇم ماسكا تاقاش كېرەك.

    2. يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تارقىلىپ يۈرگەن مەزگىللەردە، سىرتقا چىققاندا چوقۇم ماسكا تاقىۋېلىش كېرەك.

    3. بەدىنى زىيادە سېزىمچان بولغان بالىلار ئاسانلا زىيادە سەزگۈرلۈك بۇرۇن ياللۇغى ياكى يۆتەلگە گىرىپتار بولىدۇ، سوغۇق ھاۋا ھۇجۇم قىلغاندا، ئاسانلا بۇرۇندىن ماڭقا ئېقىش، چۈشكۈرۈش، يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ، شۇڭا سوغۇق ھاۋانىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى ماسكا تاقىۋېلىش كېرەك.

    4. دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن چوقۇم ماسكا تاقىۋېلىش كېرەك.

    ماسكا تاللاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. دائىم ئىشلىتىدىغان ماسكا ئادەتتە ياغسىزلاندۇرۇلغان پاختىدىن ياسالغان داكىنى قاتلاپ تىكىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ، ئۈچ قات داكىدىن تىكىلگەن ماسكىنىڭ باكتېرىيىسىنى توسۇش رولى %70- 80 بولىدۇ، ئالتە قات داكىدىن تىكىلگەن ماسكىنىڭ باكتېرىيەسىنى توسۇش رولى %100 بولىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ئالتە ياكى سەككىز قات داكىدىن تىكلگەن ماسكىنى تاللىغان ياخشى.

    چىرايلىق تىكىلگەن ماسكىلارنى تاللىماسلىق كېرەك.

    چىرايلىق مودا ماسكىلارنىڭ تەركىبىدە تالانىڭ مىقدارى ناھايىتى كۆپ، پاختا مىقدارى تۆۋەن بولغاچقا، ئاسانلا سىتاتىك ئېلېكتر ھاسىل قىلىپ يۈز قىسمىنىڭ تېرىسىنى زەخمىلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، چىرايلىق ماسكىنىڭ باكتېرىيەنى توسۇش رولى ئانچە چوڭ بولمايدۇ.

    ماسكىنى ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.

    1. ماسكىنى تاقىمىغان ۋاقىتتا قاتلاپ پاكىز كونۋېرتنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويۇش كېرەك، ھەرگىزمۇ ماسكىنى خالىغانچە ماسكىنى خالىغانچە يانچۇققا سېلىشقا، تارىلىقى ناچار جايلارغا قويۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى بىر نەچچە ماسكىنى تەييارلاپ قويۇپ ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش كېرەك.

    2.كۆپىنچە بالىلار ماسكا تاقاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، شۇڭا بالىلارنىڭ ماسكىنى تاقاش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، بالىلار ماسكا تاقىغىلى ئۇنىمايدۇ.

    3. ماسكىنى كۈندە بىر قېتىم يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك. يۇيغان ۋاقىتتا ئالدى بىلەن قايناق سۇغا بەش مىنۇت چىلاپ قويغاندىن كېيىن، ئاندىن سوپۇن بىلەن يېنىك ئۇۋۇلاپ يۇيۇپ، ئاندىن ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايغا يېيىپ قويۇش كېرەك.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-02/01/content_494903.htm 



ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز