يەر شارى تورى خەۋىرى:
ياپونىيە Gizmo do تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كۈزدە بازارغا سېلىنىشى پىلانلانغان iPhone6 يانفونىغا ھازىر دەۋىر سۈرۈۋاتقان iPhone5s يانفونى بىلەن سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ چوڭ سىغىمدىكى باتارىيە سەپلىنىدىكەن.
خەۋەردە دىيىلىشىچە،4.7 دىيۇملۇق ئېكران سەپلەنگەن iPhone6 يانفونىغا 1800mAh لىق ياكى 1900mAh لىق باتارىيە سەپلىنىدىكەن، ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان iPhone5c يانفونىغا 4 دىيوملۇق ئېكران، 1570مىللى ئامپىرلىق باتارىيە سەپلەنگەن. يانفون گەۋدىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى نەزەرگە ئالغاندا، بۇ قېتىملىق چوڭ سىغىمدىكى باتارىيىنى سەپلەش ئادەمنى تېخىمۇ رازى قىلىدۇ.
بۇندىن باشقا،5.5 دىيوملۇق iPhone6 يانفونغا 2500mAh لىق باتارىيە سەپلىنىدىكەن. رىقابەتچىسى سامسۇڭنىڭ Galaxy Note 3 يانفونىغا سەپلەنگەن 3200mAh لىق باتارىيىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالمىنىڭ بۇ قېتىمقى باتارىيىسىنىڭ سىغىمىنى يەنىلا چوڭ دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.
ھالبۇكى، ئايفونلارنىڭ باتارىيە سىغىمى كىچىكتەك تۇرغىنى بىلەن ئوخشاش سىغىمدىكى ئاندرويىد سېستىمىلىق يانفونلارغا سېلىشتۇرغاندا توك بىلەن تەمىنلەش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولىدۇ. iPhone6 يانفونىنىڭمۇ مۇشۇ ئارتۇقچىلىقىنى تېخمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.