تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
دورىلىق چىش پاستىسىنى قالايمىقان ئىشلەتمەڭ !

  دورىلىق چىش پاستىسى مەيلى تەركىبىدە فتور بارلىرى، ياللۇغ قايتۇرۇپ چىشنى ئاسرايدىغانلىرى، سېسىق پۇراقنى يوقىتىپ، قاننى توختىدىغانلىرى،سېزىمچانلىقنى يوقىتىدىغانلىرى ياكى باشقا خىلدىكىلىرى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ رولى چىش كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاشتىن ئىبارەت. گەرچە دورىلىق چىش پاستىسىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىگە نىسبەتەن بەلگىلىك رولى بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتسە، زىيىنىمۇ ئاز بولمايدۇ. مەسىلەن: ياللۇغ قايتۇرۇپ، چىش ئاسرايدىغان تىپتىكى چىش پاستىسى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىلسە، ئېغىز بوشلۇقىدىكى كېسەل پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيىلەردە دورىغا چىدامچانلىق پەيدا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كېسەل پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيىلەرنى ئۆلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئېغىز بوشلۇقىدىكى پايدىلىق باكتىرىيىلەرنىمۇ ئۆلتۈرۈپ قۇيىدۇ. بۇ پايدىلىق باكتىرىيىلەر ئادەمنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر. ئەگەر ئۇلار تورمۇزلاپ تاشلانسا، كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا قىيىنچىلىق كەلتۈرۈپلا قالماي، بەلكى يەنە يېڭى يۇقۇملىنىش پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن: كۆپ كۆرۈلىدىغان تەكرار يۇقۇملىنىش دەل ئانتىبىئوتىكلارنى ئۇزۇن مۇددەت كەلسە – كەلمەس ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

    بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن دورىلىق چىش پاستىلىرىنىڭ تەركىبىدە بىئولوگىيىلىك ئىشقار يەنى ئالكولوئىد ۋە غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ماددىلار بولىدۇ. بۇنداق چىش پاستىلىرى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىلسە، ئېغىز بوشلۇقىدىكى نازۇك شىللىق پەردىنى زىيانغا ئۇچرىتىپلا قالماستىن، يەنە ئۇزۇن مۇددەت كۈچلۈك غىدىقلاۋەرگەنلىكتىن، چىش مىلىكى، ئېغىز بوشلۇقى، تىل، كالپۇك، كېكىرتەك قاتارلىق ئورۇنلارنى ياللۇغلاندۇرىدۇ، ھەتتا جاراھەتلەندۈرىدۇ.

    بەزى دورىلىق چىش پاستىلىرىنىڭ كۈچلۈك ئاچچىق تەمى بولىدۇ. بۇ خىل غەيرىي تەم ھەمىشە ئادەمنىڭ ئاشقازان –ئۈچىيىنى بىئارام قىلىدۇ. يەنە بەزى دورىلىق چىش پاستىلىرىغا بەزى پېگمېنتلار قوشۇلغان بولىدۇ. بۇنداق چىش پاستىلىرى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىلسە، چىشنىڭ پارقىراقلىقىنى يوقىتىدۇ.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/15/content_487901.htm 

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز