كىشىلەر مەلۇم مەزگىلگە كەلگەندە نىكاھتا ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتۈشتەك تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ. بىلىشىڭىز كېرەككى، نىكاھ ئۆمۈرلۈك ئىش. ئۇ يالغۇزلۇقتىن، ياشنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىدىن ياكى ئاتا-ئانىسى ۋە جەمئىيەنىڭ نەزىرىنى ئويلاشقانلىقتىن بولمايدۇ. بىز باشقىلار نېمە قىلساق شۇنى قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالدۇق، بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەيمىز. باشقىلار مۇھەببەتلەشسە، بىزمۇ مۇھەببەتلىشىمىز، باشقىلار توي قىلسا، بىزمۇ توي قىلىمىز، باشقىلارنىڭ ئۆيى، ئاپتوموبىلى بولسا، بىزمۇ چۇقۇم ئۆي، ئاپتوموبىل ئېلىشىمىز كېرەك. جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن كىشى ئاقما لىنىيەنىڭ مەھسۇلاتلىرى، ئۆزىنى ھۆرمەتلەشكە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، كۆپلىگەن كىشىلەر نىكاھنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەنمەيدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئەپلەپ-سەپلەپ ياشىشى ئاتا-ئانىسى ۋە جەمئىيەتنىڭ بېسىمىدىن كەلگەن. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ بەختلىك بۇلۇشىنى ئويلايدۇ، شۇڭا باللىرىنى قىز-يىگىت ئۇچرىشىشىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، توي قىلىشقا ئالدىرىتىدۇ، بىراق بەختنىڭ ئۆلچىمى ئوخشىمايدۇ، بىر ئەۋلاد بىلەن يەنە بىر ئەۋلادنىڭ ئىنتىلىشىمۇ ئوخشىمايدۇ، شۇڭا باشقىلارنى خۇش قىلىش ئۈچۈن نىكاھنى دوغا تىكىشكە بولمايدۇ.
«قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى