ئەي، مىللەتنىڭ ئائىلىدىكى ۋەكىلى بولغان ئەر، شۇنى بىلگىنكى، يالغان سۆز شۇ كىشىنىڭ ئىززىتىنى تۆكىدۇ، شۇنىڭدەك ئورۇنسىز مۇتايىبە، بىھۇدە ھەزىللەرمۇ كىشىلەرنى خەلق ئىچىدە ھۆرمەتسىز ۋە خار قىلىپ قويىدۇ.
بولۇپمۇ يۇرت ئىگىلىرى، ھوقۇق ئەھلىلىرى، ھەزىل مۇتايىبە قىلىشقا خۇشتار بولسا، ئۇنىڭ ھەيۋەت ھالىغا شۇنچە ئاپەت يىتىدۇ. چۈنكى تولا چاغلاردا قىلىنغان ھەزىل-بەھىسلەردىن، بىھۇدە گەپلەردىن كىشىلەرنىڭ دىلى رەنجىيدۇ.
ئىنسانلار بىلسۇنكى، شۇ سەۋەبتىن كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىنى يىراق كۆرۈپ مەنسىتمەسلىكى، ھەتتا كۆڭلىدە ئاداۋەت ساقلاپ، مۆرىتى كەلگەندە ئۆچ-ئىنتىقام ئېلىشلىرى، پاسات كۆتۈرۈپ يۈرۈشلىرى كېلىپ چىققان. ئەگەر ھەركىشى ئۆز ھاجىتىنىڭ ئۈمىدىنى تىلىسە، ئاۋال ئۆزىگە ھاجەتمەن بولغانلارنىڭ ھاجىتىنى ھەل قىلىپ بېرىشكە تىرىشىشى كېرەك.