ئائىلە ئەزالىرى ئائىلە پائاليىتىنىڭ سۇبىيىېكىتى ، ئائىلە قائىدە - يوسۇنىنىڭ كومكىېرىت مەشغۇلاتچىسى بولۇپ ، ئورنى ئىنتايىن موھىم . شۇنداق دېيىشىكە بولىدۇكى ، ئائىلە قائىدە - يوسۇنى مەلۇم مەندىن ئېيىتقاندا ئەزالار قائىدە - يوسۇنىدۇر ئەزالار قائىدە - يوسونى ئاساسلىقى ئەزالار ئارسىدىكى قائىدە - يوسۇن ، ئاتا - ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئارسىدىكى قائىدە - يوسۇن ، ئاكا - ئۇكا ، ئاچا - سىڭىللار ئارسىدىكى قائىدە - يوسۇن قاتارلىقلار .
بىرىنچى ، ئەر- خوتۇنلار ئارسىدىكى قائىدە - يوسۇ ن
1. ئۆز -ئارا باراۋەر بولۇش . ئەر - خوتۇنلارن ىڭ باراۋەر بولۇشى دۋلىتىمىزنىڭ << نىكاھ قانۇنى >> دا بەلگلەنگەن بىر تۇرلۇك ئاساسى پىرنىسىپ ، شۇنداقلا ھازىرىقى زامان ئەدەپ - ئەخلاقىنىڭ تۈپ تەلىپى .مۇھەببەت ئەر - خوتۇنلارنىلۇق مۇناسۋەتىنىڭ ئۇلى باراۋەرلىك ئەر - خوتۇنلۇق مۇھەببەت رىشىتىنى ساقلاشىنىڭ ئالدىنىقى شەرتى .شۇڭا ، ئەر - خوتۇنلار جەزمەن ئۆز ئاراباراۋەر مۇئامىلە قىلىشى . ھەرگىزمۇ ئىجىتىمائىي ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقى ياكى ئىجىتىمائىي كىرمىنىڭ ئاز - كۆپلۇكى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن ئۆز ئارا كەمسىتمەسلىكى كىرەك . بۇ ھازىرىقى زامان جەمئىيىتىدىكى ئىنسانلار مەدەنيىتى ھە ئەر -خوتۇنلۇق مۇھەببەتىنىڭ ئۇلى ،
2. ئۆز - ئارا ھۆرمەت قىلىش ، قارىشى تەرەپىنى ھۆرمەتلەشىتە ئاساسلىقى قارشى تەرەپىنىڭ كىشلىك قەدىر - قىممىتىنى ، خاراكتېرىنى ، قىزقىشىنى ، مەخپىيەتلىكىنى ۋە ھېسسىيات ئېھتىياجىنى ھۆرمەتلەش كىرەك ، كۈندىلىك ئائىلە تۇرمۇشى جەريانىدا ، قارىشى تەرەپىنىڭ ئابرۇيىنى تۆكىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق . ئەگەر خوتۇنىڭز ياكى ئېرىڭىزنىڭ كەمچىللىكىنى باشقىلارنىڭ ئېرى ياكى خوتۇنىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن سېلشتۇرۇش ياكى قارىشى تەرەپىنىڭ كەمچىلىكىنى دائىم تىلغا ئېلىش ياكى ئۆزىنى چوڭ كۆرسىتىش ئۈچۈن قارىشى تەرپىنى چۈشۈرۈش قاتارلىقىلارنىڭ ھەممىسى قارىشى تەرەپىنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان . كىشىلىك قەدىر - قىممىتىگە ھاقارەت قىلغانلىق بولۇپ . بۇنىڭىدىن ساقلىنىش كىرەك .
3.ئۆز -ئارا ماختاش ، ئەر -خوتۇنلۇق مۇناسۋەتتە قارىشى تەرەپىنى دائىم ماختاپ تۇرۇڭ ، بولۇپمۇ قارىشى تەرەپ مەلۇم نەتىجىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ، مۇۋاپىق پەيتىنى تېپىپ . چىن قەلبىڭىزىدىن ماختاڭ . بۇ ئەر-ختۇنلۇق مۇناسۋەتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇىدۇ ، ئۇنىڭىدىن باشىقا ، ھازىرىقى زامان جەمئىيىتىدە كىشلىك ئالاقە كۈنسىرى كۆپەيمەكتە ، كىشلىك ئالاقە جەرياندا ، جورىىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقى . قابىلىيىتىنى باشقىلارغا تونۇشتۇرسىڭىز ، جورىڭىزدە بىر خىل پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ۋە ئۆزىڭىزگە بوغلان ئىشەنچىسى شەكىللىنىدۇ . بىرى شۇنداق ئېيىتقان . ئەقىللىق ئادەم ئۆيىدە جورسىنىڭ كىچىك ئەيىبلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن تەقدىردىمۇ . ئاممىۋى سورۇنلاردا جورىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ھامان ماختايدۇ ، ئەخمەق ئادەم ئۆيدە جورىسىدىن ئىنتايىن رازى بولغان تەقدىرىمۇ . ئاممىۋى سورۇنلاردا جورسىنىڭ كەمچىلىكىنى ھامان ئاچىدۇ .
4. ئۆز -ئارا كۆڭۇل بۆلۈش . ئەر - خوتۇنلار ئارسىدىكى ئۆز - ئارا كۆڭۇل بۆلۈش قارىشى تەرەپىنىڭ كەسىپى . ئىستقىبالى قاتارلق چوڭ مەسىلىلەرگىلا كۆڭۇل بۆلۈشتە ئىپادىلىنىپ قالماشىتىن ، تېخىمۇ مۇھىمىي ، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىنچىكە تەرەپلەردە گەۋدىلىنىشى كىرەك . ئەر - خوتونلار ئارا ھەمىشە بىللە بولۇپ ، بىللە ياشاپ ئىنچىكە تەرەپلەردە كۆڭۇل بۆلۈش ، كۆيۇنۇش كۆپۇنچىە ئەر - خوتۇنلۇق مۇھەببەتىنى ساقلاش ۋە كۈچەيتىشىتىكى مۇھىم ئامىل ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇنلىغان. قارىماققا ئىنچىكە ئىشلاردىمۇ قارىشى تەرەپكە بولغان كۆيۇنۇشىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ .
5. ئۆز - ئارا ئەپۇ قىلىش ، دۇنيادا مۇتلەق مۇكەمملە نەرسە بولمايدۇ ، جۈملىدىن ئادەممۇ شۇنداق . ھەر قانداق ئادەمنىڭ كەمچىللىكى ۋە سەۋەنلىك سادىر قىلىپ قويدىىغان چاغلىرى بولىدۇ ، ئەر - خوتۇنلار ئۇزاق مەزگىل بىللە ياشاپ . ئىناق ئۆتىمىز دەيدىكەن . قارىشى تەرەپىنىڭ كەمچىللىكى ۋەسەۋەنلىكىگە قورساقىنى كەڭىرى تۇتۇپ . ھەددىدىن ئارتۇق ئەيىبلىمەسلىكى ۋە قۇسۇر تاپماسلىقى كىرەك .
6. ئۆز - ئارا قوللاش ئەر - خوتونلار ئۆز - ئارا قوللاپ ، ئۆز - ئارا ياردەم بىرىپ . ئائىلە ئشىلىرىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك .
ئەر - خوتونلار كەسىپتە ئكز - ئارا ياردەم بىرىپ . ئۆز - ئارا قوللاپ . كىشلىك تۇرمۇشنىڭ پارلاق مەنزىلىگە ئورتاق ئاتلىنىشى كىرەك .