بىر ئائىلىدە ئايال كىشى كەسپىي بوغالتىر بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا ئەرنىڭ كۈنى تەس بولىدۇ، نېمىشقا دەمسىز؟ مەن دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالى.
خوتۇنۇم كەسپىي بوغالتىر بولۇپ، ئىدارىنىڭ بارلىق كىرىم-چىقىمىنى باشقۇرغاندىن باشقا، ئائىلىنىڭمۇ كىرىم-چىقىمىنى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن باشقۇرىدۇ. ئالىي مەكتەپتە مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقتىمىزدىلا ئۇنىڭ ناھايىتى ئەستايىدىل، غوللۇق بوغالتىر بولۇپ قالىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتكەنىدىم. مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ تامىقى ئانچە ياخشى بولمىغاچقا، بىر قېتىم ئۇنى ئېلىپ مەكتەپ ئالدىدىكى ئاشخانىدىن ئوبدان غىزالانماقچى بولدۇم، ئەمما ئۇ مەن دېگەن ئاشخانىغا كىرمەي، مېنى شەھەر سىرتىدىكى بىر كىچىك ئاشخانىغا ئاپاردى. ئۇنىڭدىن سەۋەبىنى سورىسام، ئۇ مىيىقىدا كۈلۈپ تۇرۇپ:
شۇنىمۇ بىلمەمسىز، شەھەر ئىچىدىكى ئاشخانىلارنىڭ ئىجارە ھەققى يۇقىرى، شۇڭا ئۇلارنىڭ تاماق باھاسى قىممەت بولىدۇ، شەھەر سىرتىدىكى ئاشخانىلارنىڭ ئۇنىڭ ئەكسىچە ئەرزان، پۇلىڭىزنى تېجەپ بەرگىنىمگە رەھمەت ئېيتىڭ، دېدى، ئەمما مېنىڭ ئۇنىڭغا ئازراقمۇ رەھمەت ئېيتقۇم كەلمىدى، شۇنچە ئۇزاق يول مېڭىپ بىر قاچا تاماق يېيىش نېمىدېگەن ئاۋارىچىلىك؟!
ئۇ تويدىن كېيىن ئۆينىڭ بارلىق كىرىم-چىقىمىنى باشقۇرىدىغان غوجىدار بولۇپ قالدى. ئۇ كۈندە تۈرلۈك رەقەملەر ئارىسىدا يۈرۈپ زېرىكمىگەن بىلەن، مەن بىزار بولدۇم. مائاش كارتامنى تويدىن كېيىن كۆرۈپمۇ باقمىدىم. پۇل خەجلەشكە توغرا كەلسە ئۇنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزىمەن، كېيىن يەنە خەجلىگەن پۇلنىڭ ھېسابىنى بىرمۇ-بىر ئۆتكۈزىمەن.
خوتۇنۇم بىر كۈنى ئۆيگە دوستلىرىنى چاقىردى. ئۇ ئۆي تازىلاش بىلەن ئاۋارە بولغاچقا، ئىچىملىك ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى ئېلىشقا ۋاقتى يەتمەي، 300 يۈەن پۇل بېرىپ مېنى بۇيرۇدى. خالىمىساممۇ ئامالسىز ئۆينىڭ يېنىدىكى تاللا بازىرىدىن نەرسىلەرنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا تاللا بازىرىنىڭ تالونىنى بەردىم. ئۇ تالوننى ئېلىپ، ماڭا تىكىلگىنىچە:
كىم سىزنى تاللا بازىرىغا بېرىپ ئال دېدى. تاللا بازىرىنىڭ يېنىدا توپ سېتىش بازىرى بار، شۇ يەردىن خېلىلا ئەرزان ئالمامتىڭىز، تاللا بازىرى شۇ يەردىن كىرگۈزگەن ماللارغا %10 باھا چاپلاپ ساتىدۇ، بۇ ئىشقا سىزنى بۇيرۇغان گۇناھ ئۆزۈمدە، دەپ چېچىلىپلا كەتتى.
ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن خوتۇنۇم تېلېۋىزوردىن يەنە بىرنى سېتىۋېلىپ، ھۇجرىغا قويۇش تەكلىپىنى بەردى. ئۇنىڭ بۇنداق مەردلىشىپ قالغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ دەرھال قوشۇلدۇم. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ كارغا كېلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن، پۈتۈن شەھەردىكى سودا سارايلارنى ئايلىنىپ، ئەرزان باھالىق تېلېۋىزور ئىزدىدىم. «تىرىشقان تاپار» دېگەندەك، بىر سودا ساراينىڭ تېلېۋىزور باھاسىنى چۈشۈرۈش پائالىيىتىگە ئۈلگۈرۈپ قالدىم. ئۇلارنىڭ باھاسى باشقا سودا سارايلارنىڭ باھاسىدىن يۈز نەچچە يۈەن ئەرزان ئىدى. خۇشاللىقىمنى باسالماي، خوتۇنۇمنى باشلاپ كەلدىم، لېكىن ئۇنىڭ چىراي پەقەت ئېچىلمىدى، ھەتتا تېخى پېشانەمنى تۇتۇپ:
قىزىپ قالمىغانسىز ھە ؟ بىر كۈن چۆرگىلەپ ئاران نەچچە يۈز يۈەن ئەرزان تېلېۋىزور تاپتىڭىزما؟ سودا سارايلارغا بېرىش ئۈچۈن پىكاپقا ماي قاچىلىغانسىز؟ يەنە تېخى ناۋادا تېلېۋىزورنى سېتىۋالساق، ئۆيگە كىرا قىلىپ ئەكىتەرمىز، بۇنىڭ ھەممىسىگە پۇل كېتىدىغاندۇ؟ ھېسابلاپ كەلسىڭىز، بۇنىڭغا كەتكەن چىقىم باھاسى چۈشۈرۈلمىگەن تېلېۋىزورنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كەتمەمدۇ؟ راستتىنلا دۆتكەنسىز! دەپ بىر ھازا سۆزلەپ كەتتى.
ئۇ بار كۈچى بىلەن مېنى ئەيىبلەۋاتقاندا، ناۋادا قايتىدىن تاللاش پۇرسىتى بولسا، ھەرگىز بوغالتىر خوتۇننى ئالمايمەن، دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە قەسەم قىلدىم.
«قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى