تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
مۇستەقىل تاللاشتا قوبۇل قىلىنمىغان ئوقۇغۇچىلار تولۇق كۇرس 1–تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشقا قاتناشتۇرۇلىدۇ

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مۇستەقىل تاللاشقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 10 – ئىيۇل باشلاندى. مۇستەقىل تاللاپ قوبۇل قىلىش يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى بايقاش ۋە تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى پەن – تېخنىكا جەھەتتە ئالاھىدىلىكى بار، ھەر تەرەپلىمە يېتىلگەن ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى مۇستەقىل ئوقۇغۇچى تاللاش سالاھىيىتى بولغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى چىقىرىپ بېرىدىكەن. ئالىي مەكتەپلەر ئارخىپى چىقىرىلغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى نەتىجىسى، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش نەتىجىسى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى ئۇنىۋېرسال باھالاپ، قوبۇل قىلىش – قىلماسلىقنى بېكىتىدىكەن. قوبۇل قىلىنمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپى 12 – ئىيۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىغا قايتۇرۇلۇپ، تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا قاتناشتۇرۇلىدىكەن.

  ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايون ئىچى – سىرتىدىكى 69 ئالىي مەكتەپ 9 – ئىيۇل ئاپتونوم رايونىمىزدىن 277 ئوقۇغۇچى (بىڭتۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى نامرات رايونلاردىن مەخسۇس تۈر پىلانىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە تولۇق كۇرس تۈركۈمىدە قوبۇل قىلغان. بۇ يىل نامرات رايونلاردىن مەخسۇس تۈر پىلانىدا تولۇق كۇرس تۈركۈمىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى دۆلەتنىڭ يۆلەش – ئېچىش نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيەلەرگە يۈزلەنگەن بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا قاراشلىق ناھىيە(شەھەر)لەر بىلەن باركۆل، چاپچال، نىلقا، تولى، چىڭگىل، جېمىنەي، ئۈچتۇرپان، كەلپىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 32 ناھىيە(شەھەر)دىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان.

  

 مەنبە: ئۇزار تورى

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز