جىنسىي مۇناسىۋەتتە بەلنى ياخشى قوغداش كېرەك
كۆپ قىسىم ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىلەردە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن بەل-دۈمبە ئاغرىش ئالامىتى كۆرىلىشى مۇمكىن. بەل ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە بەزى سەۋەبلەر جىنسىي تۇرمۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. تۆۋەندىكىلەر بىر قىسىم كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبلەر ۋە ھەل قىلىش تەدبىرلىرىدۇر.
1. جىنسىي تۇرمۇش زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىش.
جىنسىي تۇرمۇش رېتىمى زىيادە بولۇپ كەتكەندە، بەل ئاغرىش پەيدا بولىدۇ، ئاساسلىق سەۋەب بەل ھەرىكەت مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن بەل مۇسكۇلىدا زورۇقۇش كېلىپ چىقىپ، بەل قىسىمنىڭ تېلىپ ئاغرىشى كۆرۈلىدۇ. ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ جىسمانىي كۈچىگە مۇۋاپىق بەدەن شەكلىنى قوللانسا، تۇيۇقسىز چوڭ ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلانسا بولىدۇ.
2. ئەسلىدىلا بەل مۇسكۇلىدا زورۇقۇش كېسىلى بار بولۇش.
ئادەتتە تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا كۆپ ئولتۇرۇپ مەشغۇلات قىلىدىغان كىشىلەردە، بەل مۇسكۇللىرى ئۇزۇن مەزگىل چىڭقىلىش ھالىتىدە تۇرغاچقا، ئاسانلا تېلىپ ئاغرىش بىئاراملىقى پەيدا بولىدۇ، شۇنداقلا، بەلنىڭ تىرەش كۈچى ۋە تۇرغۇنلىقى تۆۋەنلەيدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەر مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، بەل مۇسكۇلىنىڭ تارتىشىشى سەۋەبىدىن جىددىي خاراكتىرلىك بەل ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ۋە تەدەرىجىي تەرەققىي قىلىپ سوزۇلما خاراكتىرلىك ئاغرىققا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ خىلدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئادەتتە ئىمكان قەدەر بەلنى رۇس تۇتۇپ، كۆپ ئېڭىشىشتىن ساقلىنىش؛ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى بەل كېرىش ھەركىتى ئىشلەش، دۈمبە قىسىمنى يەڭگىل مۇشتلاپ قويۇش ئارقىلىق، بەل تەييارلىقىنى پۇختا ئىشلەش؛ مۇۋاپىق تەن ھەرىكەتلىرى بىلەن كۆپرەك شۇغۇللۇنۇپ، بەل كۈچى ۋە تۇرغۇنلىقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق بەل زەخمىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئازايتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ .
3. جىنسىي مۇناسىۋەتنى تۇيۇقسىز توختىتىۋېلىش.
بىر قىسىم ئەرلەر جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتىنى ئۇزارتىش مەقسىتىدە، مەنى كېلەي دىگەن پەيتتە دەرھال مۇناسىۋەتنى توختىتىۋالىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشقاندا، كۆپۈيۈش سېستىمىسى ۋە داس بوشلۇقىدىكى ئەزالارنىڭ قان تولۇش ھالىتى ۋاقتىدا بېسىقىلماسلىق، ئۇرۇق خالتا بېزى قاتارلىق قوشۇمچە بەزلەرنىڭ بەز سۈيۇقلىقى تولۇق چىقىپ بولالماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەردىن بەل ئاغرىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا قارىتا، جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا تەبىئىيلىكنى ئاساس قىلىپ،ئەر – ئايال زىچ ماسلاشقان ھالدا جىنسىي پەللىگە يېتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
4. ياشنىڭ چوڭىيىش سەۋەبىدىن ئەرلىك ھورمون تۆۋەنلەش.
ياشانغان ئەرلەردە ئەرلىك ھورموننىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبىدىن مۇسكۇللاردا يىگىلەش كۆرىلىدۇ، جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئاسانلا مۇسكۇللارنىڭ قان ۋە ئوكسېگىن يېتىشمەسلىكى، زورۇقىشى كېلىپ چىقىدۇ – دە، بەل ئاغرىش پەيدا بولىدۇ. شۇڭا ياشانغانلار مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، كۈچىنى چاغلاپ ئىش كۆرۈش، زىيادە كۈچەش ۋە بەزى ھەركەت شەكىللىرىنى قوغلىشىشتىن ساقلىنىش لازىم .
5. بىر قىسىم كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن .
ئۇمۇرتقا ۋە بوغۇم كېسەللىلىرى بىمارلىرى، مەسىلەن بەل ئۇمۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش كېسىلى بارلار مۇناسىۋەت جەريانىدا بەل ئاغرىشى مۇمكىن. ئاياللاردا بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى بار بولسا، دوۋسۇن ۋە بەل تېلىپ ئاغرىشى، زەكەر جىنسىي يولغا كىرگۈزۈلۈپ بالىياتقۇ بوينىغا تېگىشكەندە ئاغرىق تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن. بىر قىسىم مەزى بېزى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئەرلەردىمۇ مۇناسىۋەتتىن كېيىن بەل ئاغرىش كۆرىلىشى مۇمكىن. بۇ خىلدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن، بىرلەمچى كېسەللىككە قارىتا ئاكتىپ ھالدا داۋالاش ئېلىپ بېرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى ئەرلەر بۆلۈم مەركىزى تەييارلىدى.