كېلەر ئايدا iPhone 6s تارقىتىلىدىغان بولۇپ، خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى يېڭى بىر ئەۋلاد ئالما يان تېلېفونىنى ئېلان قىلىپ، 9-ئاينىڭ 18-كۈنى بازارغا سېلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكا يان تېلېفون تىجارەت شىركىتى Sprint «مەڭگۈلۈك iPhone» ناملىق توختام پىلانىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئابۇنت ھەر ئايدا 22 دوللار (تەخمىنەن 140 يۈەن ئەتراپىدا) تاپشۇرۇپلا iPhone 6s دىن باشلاپ ھەر يىلى يېڭى iPhone غا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتىدىن بەھىرىلىنەلەيدىكەن.
ئالمىنىڭ يىلدا بىر قېتىم تېلېفون يېڭىلاش سۈرئىتىگە ئاساسلانغاندا، ھەر ئايدا 22 دوللار بويىچە ھېسابلىغاندا، ئابۇنتلار يىلىغا 2000 يۈەنگە يەتمىگەن پۇلغا ھەر يىلى ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى iPhone ئىشلىتەلەيدىكەن. ئەلۋەتتە مۇلازىمەت ھەققىدىن سىرت يەنە باشقا ھەقلەر، يەنى سۆزلىشىش، ئېقىم مىقدارى، ئۇچۇر ھەققى قاتارلىق ھەقلەر يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش بولىدىكەن.