قىشتا بالىلارنى بەك قېلىن كىيىندۈرۈپ قويغاندا، قول-پۇتىنى ئاسان ھەرىكەتلەندۈرەلمەيدۇ، بۇنداق بولغاندا تەبىئىيلا ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالىدۇ ھەمدە بويىنىڭ ئۆسۈشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. قىشتا سوغۇقتىن قورقۇپ بالىلارغا قات-قات كىيىندۈرۈپ قويغاندا، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشى چەكلىمىگە ئۇچراپ، بارا-بارا ئىنكاسىمۇ ئاستىلاپ قالىدۇ. شۇڭا قىشتا بالىنى سىرتقا ئېلىپ چىققاندا ھاۋا رايى ئەھۋالىغا قارىتا كىيىندۈرۈش، ھەددىدىن زىيادە قېلىن كىيىندۈرۈپ قويماسلىق، بالىنىڭ چىدامچانلىقىنىمۇ ئاشۇرۇپ تۇرۇش كېرەك، لېكىن بەك نېپىزمۇ كىيىندۈرۈپ قويماسلىق كېرەك. ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىنىمۇ تەڭشەپ تۇرۇش، دېرىزىنى ئېچىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، بولۇپمۇ بالىلار ئۇخلايدىغان ئۆينىڭ دېرىزىسىنى ئوچۇق قويماسلىق، بالىنىڭ كارىۋىتىنى دېرىزىگە يېقىن قويماسلىق كېرەك.
«قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى