تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاتا-بالا ھارۋىكەشلەر

ئاتا-بالا ھارۋىكەشلەر

تاغ ئۈستىدە ئولتۇرۇدىغان بىر ئاتا-بالا بولىدىغان، ئۇلار كۈندە كالا ھارۋېسىغا لىق ئوتۇن بېسىپ تاغدىن چۈشۈپ ئۇنى پۇل قىلىپ تۇرمۇشنى قامدايتتى. ئاتىسىنىڭ تەجرىبىسى مول بولغاچقا، دائىم ھارۋىنى ئۆز ھەيدەيتتى، تاغ يولى ئەگرى-توقاي ئېگىز پەس بولىدۇ، بىراق ئوغۇلنىڭ كۆزى ئۆتكۈر بولغاچقا ھەرقېتىم ئايلانمىغا كەلگەندە،«ئاتا، ئايلىنىدىغان يەرگە كەلدۇق» دەپ توۋلاپ ئاتىسىنى ھوشيار بولۇشقا دەۋەت قىلاتتى. 

بىر كۈنى ئاتا ئاغرىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن تاغدىن چۈشۈپ ئوتۇن كېسىپ سېتىش ئىشى بالىنىڭ زىممىسىگە چۈشتى، بالا يالغۇز ھەيدىگەن كالا ھارۋىسى تاغ يولىدا بىر ئايلانمىغا كەلگەندە، كالىنى زادىلا ئايلاندۇرالماي تۇرۇپ قالدى، بالا باش قاتۇرۇپ ھەر خىل چارىلەرنى قوللىنىپ باقتى، يەنى يەرگە چۈشۈپ ھارۋىنىڭ ئارقىسىدىن ئىتتىرىپ باقتى. 

بىر تۇتام ئوتنى كالىنىڭ تۇمشۇقىغا تەڭلەپ يېتىلەپمۇ باقتى، بىراق كالا مىدىراپمۇ قويمىدى، زادى نېمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمەي تۇرغان بالىنىڭ يادىغا بىردىنلا بىر ئامال كېلىپ قالدى، ئەتراپىغا قاراپ ئادەم يوقلۇقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاغزىنى كالىنىڭ قۇلىقىغا يېقىن قىلىپ بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىرىدى:

-ئاتا، ئايلىنىدىغان يېرىگە كەلدۇق! شۇ ئاۋاز بىلەن تەڭ كالا ھارۋىنى تارتىپ ئالغا قاراپ ماڭدى. 

بۇ مۇتەخەسىسلەرنىڭ «كالا شەرتلىك رېفلېكسقا تايىنىپ ياشايدۇ، بىراق ئادەم ئادەتكە تايىنىدۇ» دېگەن ھۆكۈمنى يەنە بىر قېتىم دەلىللەيدۇ. شۇڭا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەم ناچار ئادەتنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان ياخشى ئادەتنى قانداق يېتىلدۈرۈشنى ئوبدان بىلىدۇ، مۇنداق ياخشى ئادەتلەر يىغلىۋەرسە، تەبىئىي ھالدا ياخشى ئادەملەر بارلىققا كېلىدۇ. ئۇنداق بولسا قانداق ئادەتنى ياخشى ئادەت دەيمىز؟ بۇنىڭ جاۋابىنى سۆزلەپ بولماق بەسى مۈشكۈل، ئەمما ھەممە ئادەم ياشاۋاتقان مۇھىتتا ھەممىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان ئىجابىي ئادەتلىرىنى ياخشى ئادەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلسا خاتالاشمايدۇ. 




ئەسلى مەنبەسى: wlmqwb.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز