ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىشسىزلىقنى تىزىملاش كىنىشكىسى بارلارنىڭ شوپۇرلۇق ھەققى 2000 يۈەن ئەتراپىدا ئېتىبار قىلىنىدىكەن
ئۈرۈمچى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئوقۇش پۈتتۈرۈش كىنىشكىسى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىشسىزلىقنى تىزىملاش كىنىشكىسى بار ئىش كۈتۈپ تۇرغانلار پىراۋا ئالماقچى بولغاندا، ئاۋۋال ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىگە بېرىپ پىراۋا ئېلىش ۋە پىراۋا ھەققىنىڭ بىر قىسمىنى كۆتۈرۈۋېتىش توغرۇلۇق ئىسپات چىقىرىپ بېرىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرسا بولىدىكەن.
بۇ ئىلتىماسنى ئالغاندىن كىيىن بەلگىلەنگەن شوپۇرلۇق مەكتىپىدە ئوقۇغاندا شوپۇرلۇق ھەققى 2000 يۈەن ئەتراپىدا ئېتىبار قىلىنىدىكەن، نوپۇس تەۋەلىكى سۈرۈشتە قىلىنمايدىكەن.
مەنبەسى:ئۈرۈمچى ئادەم كۇچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى