ئەگەر ھامىلدارلاردا پۇت-قول مۇزلاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، ۋاقىتلىق ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار ھامىلدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىگە بارغاندا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. بۇ خىل ھالەتنىڭ يۈز بېرىشىدە تۆۋەندىكىدەك سەۋەب بار:
ئانا تېنىدىكى قان قايتىدىن تەقسىملىنىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدەم بولۇپمۇ ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاساسلىق قان سۇيۇقلۇقى بالىياتقۇغا يىغىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قول-پۇتلارغا بارىدىغان قان ئاز بولىدۇ.
ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى. ھامىلە يېتىلىش جەريانىدا ئانا تېنىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشى يېتەرلىك بولۇشى كېرەك، شۇنداق بولغاندا، ھامىلىنىڭ ساغلام يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلىغىلى بولىدۇ. ئورگانىزملارنىڭ ساغلام يېتىلىشى كېيىنكى ساغلاملىقنىڭ مۇھىم ئاساسى. ھامىلدارلارنىڭ پۇت-قوللىرى داۋاملىق مۇزلاپ تۇرسا، ئەگەر ئۇنىڭغا ئېتىبار بېرىلمىسە، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-03/08/content_507094.htm