تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
قەلبىڭدىكى گۈزەلنى تاراشلا

بىر ھەيكەلتىراش تېخى بىرەر شەكلىگە كىرمىگەن يوغان بىر مەرمەر تاشنى تاراشلاۋاتاتتى، بىر بالا ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە ھەيران بولغان ھالدا قاراپ تۇراتتى، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي بۇ مەرمەر تاش شەكىلگە كىرىشكە باشلىدى، باشتا، باش، مۈرە، بىلەك ۋە بەدەن بالىنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى، ئاندىن ئۇزۇن چاچ، كۆز، بۇرۇن ۋە ئېغىز پەيدا بولۇپ، ئۇزاققا قالماي بىر ساھىبجامال قىز گەۋدىلەندى. بۇ ھالدىن ھەيران بولغان بالا ھەيكەلتىراشتىن:

- ئۇستاز، بۇ قىزنىڭ مەرمەر تاشنىڭ ئىچىدە بارلىقىنى قانداق بىلدىڭىز؟- دەپ سورىۋىدى، ھەيكەلتىراش قاقاقلاپ كۈلگەندىن كېيىن  مۇنداق جاۋاب بەردى:

- بۇ مەرمەر تاشنىڭ ئىچىدە ھېچقاچان بىر ساھىبجامال بولغان ئەمەس، پەقەت مەن قەلبىمدىكى قىزنى تاراشلاش تىغى بىلەن بۇ يەرگە يۆتكەپ كەلدىم. 

بەرھەق، بالا تولىمۇ ساددا ۋە ئاق كۆڭۈل، ئۇنىڭ ھەيكەلتىراشلىقتىن خەۋىرى يوق، ئەمما رېئاللىقتا بالىلارچە تەسەۋۋۇرغا ئىگە قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر ئاز ئەمەس. بۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئۇسۇللىرى بىر يەرگە قويۇلغان بولىدۇ، تەلىيى بار ئادەم ئۇنىڭغا تاسادىپىيلا ئۇچراپ قالىدۇ، ئەمما تەلەيسىز ئادەملەر ئۇنىڭغا ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ بايقىماي يانداپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، بىراق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قەلبدە بىر «ساھىبجامال» بولمىسا ئاندىن قولىدا «تاراشلاش تىغى» تەييار بولمىسا، تاشنى بۇ تاراشلاش تىغى بىلەن بىر-بىرلەپ سەۋرچانلىق بىلەن تاراشلىمىسا ئۇ «ساھىبجامال» ھەرگىز پەيدا بولمايدۇ. 




ئەسلى مەنبەسى: wlmqwb.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز