ئابدۇشۈكۈر قاۋۇل شېئىرى
تەۋەللۇتتا تۇرغان ئانىنىڭ
قىزارغاندەك چىڭقىلىپ مەڭزى.
تۈگۈلگەندە چاچلىرى تۈننىڭ
ئۇپۇق شەلپەر رەڭ ئالدى پەيزى.
كۆزى يورۇپ كېلىۋاتقان تاڭ
بىر ‹‹بوۋاق››نى سۇندى مەشرىقتىن.
ئۈنسىز، يارقىن يارالدى ئاھاڭ،
تەتەلىگەن قەدەم تەشرىپتىن.
ئۇ ئوخشايتتى شۇ تاپ قىزىغان
مىس ئۈستىگە چۈشكەن زەررىگە.
ئۇ ئوخشايتتى بۇ تاپ ئېسىلغان
تورۇستىكى ئانار – بەررىگە.
بىر قاراشتا ئوخشايتتى ئۇ ھەم
يوقسۇللۇقتا تەگكەن تەڭگىگە.
بىر قاراشتا ئوخشايتتى بەردەم
سىڭىپ پىشقان شىرمان گىردىگە.
بىر قاراشتا ئوخشايتتى ھەتتا
بىدار ئۆتكەن جانان كۆزىگە.
شۇنداق ئوخشاپ ئۇ سۈبھى پاتتا
ئوخشاپ قالدى ئاخىر ئۆزىگە.
ئاستا – ئاستا بۇ مەسۇم ‹‹بوۋاق››،
يېڭى قۇياش بولۇپ پارلىدى.
تۇنجى نۇردىن ئاق قىروۋ خۇشۋاق
مېھىر ئەمدى، ئەمدى ھارمىدى...
ئاق ئەتىرگۈل، ئاق ئارغىماق، ئاق ئارقارلار
ئابدۇراخمان سوپى شېئىرى، نىجات سابىت فوتوسىئاق كۆڭۈلدەك لەپ – لەپ ياغقان ئاپئاق قارلار،
بىردەمدىلا ئاق لىباستەك ياپتى يەرنى.
ئاق ئەتىرگۈل، ئاق ئارغىماق، ئاق ئارقارلار،
ئۆز ئىلكىگە ئالدى ئالەم – كائىناتنى.
ئويناتقانتىم شوخ نەۋرەمنى شۇ ئالەمدە،
مەپتۇن بولدى ئۇ قار بەرگى – ئوماقلارغا.
خىيالىمدا قۇرۇق قالغان رىسالەمدە،
ئوخشايتتى ئۇ يېنىپ تۇرغان چىراغلارغا.
گاھ ئېتەكچە، گاھ كاتەكچە شەكىللەردە،
كۆز چاقناتقان قىشنىڭ پەيزى قىيام بولدى.
نەۋرەم ماڭغان قاردىكى ئىز – نەقىللەردە،
تۇيغۇم بىردىن باھار تامان قىيان بولدى.