تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تۇخۇم چىلانغان ئاچچىقسۇنىڭ رولى

   تۇخۇم چىلانغان ئاچچىقسۇ يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ، جۇڭگو تېبابىتىدە ‹‹ئاچچىقسۇ قاننى جانلاندۇرۇپ ئۇيۇشۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قان بېسىمىنى تۇراقلاشتۇرىدۇ›› دەپ قارىلىدۇ. غەرب تېبابىتىدە ‹‹ئاچچىقسۇ ناترىي ئىئوننىڭ ھەيدىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بەدەندە تۇزنىڭ زىيادە كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە قان بېسىمىنى تۇراقلاشتۇرىدۇ›› دەپ قارىلىدۇ، تۇخۇم چىلانغان ئاچچىقسۇ، يەنى ياشانغانلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە داۋا بولىدۇ، تۇخۇم چىلانغان ئاچچىقسۇنىڭ قاندىكى ماينى پارچىلاش، ئورگانىزمدىكى ئەركىن رادىكاللارنى كۆپەيتىش رولى بارلىقى دەلىللەندى.

   مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئاچچىقسۇ بىلەن تۇخۇم بىرىكىپ تۇخۇم چىلانغان ئاچچىقسۇ تەييار بولغاندىن كېيىن، تۇخۇم ئېقى ۋە سېرىقىدىكى چوڭ مولېكۇلا بۇزۇلۇپ كىچىك مولېكۇلاغا ئايلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن راكقا قارشى تۇرىدىغان ماددىلار كۆپىيىدۇ، يۇقىرى قان بېسىمى، مېڭە قان تومۇرى توسۇلۇش، زىققا، رېماتىزم، ئۇيقۇسىزلىق، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ، بىراق تاللانغان تۇخۇم يېڭى، ئاچچىقسۇ قاچىلانغان قۇتا ساپال ياكى ئەينەك بولغىنى ياخشى.


ئەسلى مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز