تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
مەرھۇم ئەخمەتجان قۇربان سابىرىغا مەرسىيە


 مەرسىيە

( قەدىردان ئاكام ئەخمەتجان قۇربان سابىرىغا مەرسىيە)

دولقۇن روزى


جان تەسەددۇق جان ئاكا ئۆچتىڭىز قۇت يۇلتۇزۇم،

داغدا قالدى بۇ يۈرەك بەكلا بالدۇر كەتتى دەپ.

شۇم ئۆلۈمنىڭ سەبرىسى بىللىكەنغۇ تىنجىدۇق،

ھەقدۇ ئەخمەت خالىغاچ جاننى قۇربان ئەتتى دەپ.

 

 

ئۇيغۇرۇمنىڭ مېھرى ئوت، مەردانە ئوغلى ئەلۋىدا،

تاۋۇتىڭىز ئايلىنىپ يۇم-يۇم يىغلاپ بوزلىدۇق.

دىلكەش دىلدىن نەۋباھار شەپىسىزلا كەتكەندەك،

قىسمەت قىشى ھۇۋلىدى نويابىردا مۇزلىدۇق...

 

بۇ جۇدالىق دەستىدىن بولدى دىللار يارىدار،

ئىلى سۈيى ئۇردى لەڭ، مۇڭغا چۆكتى دالىلار.

 قەلەم تۇتۇپ بىز ئۈچۈن ئۆتكەن ئەدىب قايدا دەپ،

يېتىم قۇشتەك سايرىدى ئەل-جامائەت، بالىلار.

 

ھەسرىتا! مىڭ ھەسرىتا!! پاسىباندىن ئايرىلدۇق،

سىز كۆز يۇمۇپ روھىمنىڭ تۈۋرۈكلىرى يىقىلدى.

شۇ مۇبارەك تېنىڭىز سوۋۇماستىن تۇرۇپلا،

باغرىمىزغا پۇشايمان بىگىزلىرى تىقىلدى.

 

سىز يۈرەككە ئىشىنىپ ياشايتىڭىز جان ئاكا،

جاندا ئىشەنچ يوق ئىكەن، يۈرىكىڭىز ئالدىدى.

سىزدەك قەلبى باھارنى قەيەرلەردىن تاپارمىز؟

پاك روھىڭىز نۇرىستان، سۆزلىرىڭىز بال ئىدى...

 

ئەجەل باشقا دەيتۇققۇ، كېسەل باشقا دەيتۇققۇ،

تېپىشماقتەك جاۋابسىز تۇيۇلدىغۇ بۇ ئۆلۈم.

قۇر ئەندازىم ئىدىڭىز، چىن ئۇستازىم ئىدىڭىز،

غازاڭ باسقان گۈلشەندەك گۈنسىرىدى ئۆڭ-سۆلۈم.

 

سىز ئىجادنىڭ كۆكىدە قىلغان مېنى ئۇچۇرۇم،

 ئالقىشىڭىز ئەلۋەكتى يۈكسەكلەرگە شۇڭغۇسام.

ئەملەيتتىڭىز چاقچاقتا دىل يارامنى خۇش كۈلۈپ،

جان سازىمنى كۈلپەتنىڭ مەرغۇلىغا مۇڭلىسام.

 

چەرخى پەلەك قايدى باش، بىر كۆزۈم قان، بىرى ياش،

مېنى ئازاب ئوۋلىسا ئاۋۇندۇرار ئەمدى كىم؟

دەردلىرىمگە دەرمانە ئىدىڭىزغۇ ھەر زامان،

مەن تۇرمۇشتىن مۇشت يېسەم ئارا تۇرار ئەمدى كىم؟

 

ئۆز يېشىدىن جىق كىتاب يازدى دەيتتۇق ماختىنىپ،

تىل تېگىپتۇ ھەي ئىسسىت! ماختاشمۇ جان ئالغۇدەك.

ئالتە قىزنىڭ ئىچىدە يالغۇزلۇقۇم چانمىغان،

يالغۇزلۇقۇم ئاھ! يەنە بەخشەندە بوپ قالغۇدەك...

 

بىز تەقدىرگە تەن بەردۇق نېمە ئىلاج جان ئاكا،

مۇسىبەتنىڭ زارىدا پۈتۈپ كەتتى ئۈنلىرىم.

 كۆكدالادىن باشلانغان ئۆتمۈشۈمنى سۆزلەيدۇ،

ئالدىڭىزدا قىيغىتىپ ئۆسكەن غەمسىز كۈنلىرىم.

 

ئەي پەدەرىم تىنچ يېتىڭ، جەنەتتە بولغاي جايىڭىز،

ئەجرىڭىزگە تون ياپار ھامانە بىر كۈن خەلقىمىز.

ئارمىنىڭىز شاد كۈلۈپ، چېچەك ئاچقاي ئەل بىلەن،

سىزگە قەبرە راسلىدى، شۇڭا ئوتلۇق قەلبىمىز.

 

(2011-يىلى 18-، 20-نويابىر، كۇنمىڭ، ئۈرۈمچى)



 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز