تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش ۋە ساغلاملىق

  بەدىنىڭىزدىكى توكسىننى چىقىرىۋېتىڭ. نۇرغۇن ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر تاماقنى ئاز يېيىش، تەرلەش ئارقىلىق بۇلغانغان ۋە ناچار يېمەكلىكلەردىن ھاسىل بولغان توكسىنلارنى قەرەللىك ھالدا بەدەندىن چېقىرىۋېتىشنى قوللايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر كۈنى 2000 مىللىلىتىر ئەتراپىدا سۇ ئىچىشمۇ مۇھىم، سۇ قاننى سۇيۇلدۇرۇپ، توكسىننى چىقىرىۋېتىشكە پايدىلىق.

    چوڭ – كىچىك تەرىتىڭىزگە دىققەت قىلىڭ. ھەرىكىتى ئاز كىشىلەر 30–40 ياشلارغا كىرىش بىلەنلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چىقىرىۋېتىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر بوغماق ئۈچەيدە توختاپ قالىدۇ – دە زەھەرلىك ماددىلار قان ئايلىنىش ئارقىلىق قايتا قوبۇل قىلىنىپ، ئەزالار ۋە توقۇلمىلارغا يەتكۈزۈلىدۇ. نەتىجىدە ھەر خىل كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    قېرىشقا تاقابىل تۇرۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچى ھاسىل قىلىڭ. ساغلام بولۇش ئۈچۈن ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېمەكلىك جەھەتتە، كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپ يېيىش لازىم. كۆك چاي تەركىبىدە ئانتبىئوكسىدتلار، ئانتبىئوتىكلار ۋە ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرىدىغان ماددىلار بار. شۇڭا ئۇنى دائىم ئىچىپ بېرىش كېرەك. پۇراقلىق موگۇ، سامساق، قېتىقلارنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ماددىلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا، سىنك، سېلېن قاتارلىق مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار ۋە ۋىتامىن قاتارلىقلارنى تولۇقلاشقىمۇ دىققىت قىلىش لازىم. روھىي ھالەتمۇ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئاكتىپ، ئۈمىدۋار روھىي كەيپىياتنى ساقلاش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، يېتەرلىك ئۇخلاش ۋە ھەرىكەت قىلىش لازىم.

    مېڭىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى يەڭ . بېلىق تۈرىدىكىلەردىن پاقا بېلىق، ماككېرىل بېلىقى، ساردېنا بېلىقىنىڭ ياغلىرى DNA نىڭ مەنبەس ھېسابلىنىدۇ.

    ئورگانىك يېمەكلىكلەرنى يەڭ. ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىستېمال قىلغىنى كۆپىنچە ئورگانىك يېمەكلىكلەر بولۇپ، ئۇنىڭغا ھاشارات يوقىتىش دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىقلار ئىشلىتىلمەيدۇ، گېنى يۆتكەلگەن يېمەكلىكلەر بىر ئورگانىك تەندىن گېنىنى ئېلىپ، يەنە بىر ئورگانىك تەنگە كىرگۈزۈپ، يېمەكلىك تەييارلىنىدىغان بولۇپ، ھازىر بۇلاردا نۇرغۇن نامەلۇم ئامىللار مەۋجۇت، شۇڭا ئۇنى ئىستېمال قىلمىغان ياخشى.

    ھەرىكەت قىلىڭ. ھەرىكەت قىلىش قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇق كىرگۈزىدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، قەرەللىك ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇش ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىكەن؛ ھەرىكەت قىلىش راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدىكەن. ھەر كۈنى يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىش، يەنى تېز مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش، ئۇسسۇل ئويناش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىقلار سىزنى ساغلام قىلىدۇ.

    زىيادە غەم يېيىش ئۆمرىڭىزنى قىسقارتىۋەتمىسۇن. ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگۈچىلەردە مۇنداق بىر ئالاھىدىلىك بار، ئۇلار تۈنۈگۈنكى ئىش ئۈچۈن ئۆكۈنمەيدۇ، ئەتىكى ئىش ئۈچۈن غەم قىلىپمۇ كەتمەيدۇ. كۆڭلى خاتىرجەم، كەيپىياتى ئازادە بولۇش ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرلىرىنىڭ بىرى. ئادەمنىڭ كەيپىياتى جىددىي بولغاندا يۈرەك سوقۇشى تېزلەپ، نەپەس ئېلىشى جىددىيلىشىپ، قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى، جىنسىي ھەۋىسى قاتارلىقلار توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. بۇنداق ئامىللار دائىم كېسەل ياكى زەئىپلىشىپ قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەكشۈرۈشتىن ئىسپاتلىنىشىچە، %80 تىن يۇقىرى ھەر خىل كېسەل، جۈملىدىن راك كېسىلى، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇزاق ۋاقىت جىددىي ھالەتتە تۇرغانلىقتىن پەيدا بولىدىكەن. قىزىقارلىق پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتنىشىش، قانغۇچە كۈلۈۋېلىش، بىر مەزگىل ھېسىيات يېتىلدۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جىددىي كەيپىياتتىن قۇتۇلۇشقا پايدىلىق. ئادەتتە خاپىلىقىنى ئۇنتۇپ، ئۆزىنى ياشلاردەك چاغلاپ يۈرگەندە، ياخشى كەيپىياتنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

    تۇمارىس يالقۇن تەييارلىغان


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز