ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
پۇرچاق تۈرلىرى. ئاقسىل ماددىسىنىڭ قۇۋۋىتى گۆشنىڭ قۇۋۋىتىدىن تۆۋەن ئەمەس، شۇڭا پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، مايلىق گۆشنى ئازراق ئىستىمال قىلغاندا سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
قىزىلمۇچ. مەيلى ئاچچىق ياكى تاتلىق بولسۇن ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، تالا ماددىسى مول بولىدۇ. بىر تال كۆكمۇچتا 35 كالورىيەلىك ئىسسىقلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىستېمال قىلىنسا، ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك ھەرخىل ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنى يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ.
تەرخەمەك. تەركىبىدە پروپىل ئالكوھول كىسلاتاسى بولۇپ، بۇ كىسلاتا يېمەكلىكتىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ بەدەندە مايغا ئايلىنىشىنى توسىدۇ.
پالەك. تەركىبىدە ۋىتامىن ۋە تۆمۈر ماددىسى مول، بۇنى بەك ئۇزاق پىشۇرۇشقا بولمايدۇ، سوغۇق سەي قىلىپ يېيىش ئەڭ مۇۋاپىق.
يېشىل ماش ئۈندۈرمىسى. بۇ خىل يېمەكلىكتە سۇ مىقدارى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، بەدەن قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ھاسىل بولىدىغان ئىسسىقلىق بىرقەدەر ئاز بولىدۇ، ھەم تېرە ئاستىدا ئاسانلىقچە ماي يىغىلىپ قالمايدۇ.